خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا تەھدىت ئىشلىتىپ، جاسۇسلۇق قىلىشقا زورلىماقتا(1)


2005-12-16
Share

چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۇزۇندىن بىرى خىتاي رازۋېتكا ئورگانلىرى خادىملىرىنىڭ ، ئۇلارغا تۈرلۈك بېسىملەرنى ئىشلىتىپ، ئۇلارنى خىتاي بىخەتەرلىك ئورگانلىرىغا خىزمەت قىلىشقا زورلاۋاتقانلىقى توغرىسىدا شىكايەت قىلماقتا.

ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا، خىتاي رازۋېتكا خادىملىرى بولۇپمۇ، ئۆزلىرى چەتئەللەردە تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بالا-چاقىلىرى تېخى ۋەتەندە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ئىزدەپ تېپىپ، بەزىدە چىرايلىق ۋەدىلەر بىلەن، بەزىدە بولسا تۈرلۈك تەھدىتلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق ئۇلارنى خىتايغا خىزمەت قىلىشقا زورلىماقتا.

بۇ پروگراممىمىزدا، مۇخبىرىمىز ئۆمەر قاناتنىڭ خىتاي رازۋېتكا خادىملىرىنىڭ تۈرلۈك بېسىملىرىغا قارىماي، ئۇلارنىڭ خىتايغا خىزمەت قىلىش توغرىسىدىكى تەكلىپلىرىنى رەت قىلغان ، ھازىر ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان پەرھات ياسىن بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت