خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا تەھدىت ئىشلىتىپ، جاسۇسلۇق قىلىشقا زورلىماقتا(2)


2005.12.20

پەرھات ياسىن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆتكەن يىلى ئۈچ خىتاي بىخەتەرلىك خادىمى ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلاشقان. تۇنجى بولۇپ خىتاي بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ غۇلجا تارمىقىدىكى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى چىڭ تېلېفون قىلغان. ئىككىنچى بولۇپ مەزكۇر ئىشخانىنىڭ شياۋما ئىسىملىك خادىمى، ئۈچۈنچى قېتىم ئۇيغۇرچىنى ناھايىتى ياخشى بىلىدىغان، ئەسلى خىتاي ئەمما ئىسمىنى نۇرتاي دەپ ئۆزگەرتىۋالغان شۇ ئىشخانىنىڭ يەنە بىر خادىمى تېلېفون قىلغان.

شياۋما 2004‏- يىلى پەرھات ياسىنغا تېلېفون قىلىپ، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئىشلەشنى قوبۇل قىلىپ، خىزمەت كۆرسەتسە، ئايال ۋە بالىلىرىغا ئامېرىكىغا چىقىش ئۈچۈن پاسپورت تەييارلاپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، پەرھاتتىن ئۆزىنىڭ تەرجىمىھالىنى خىتاي بىخەتەرلىك ئىدارىسىغا ئەۋەتىشىنى ھەمدە ئامېرىكىدىكى پائالىيەتلەر ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ھەققىدە ئاخبارات بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئاخىرقى قېتىم 2004‏-يىلى 7‏-ئاينىڭ 12‏-كۈنى خىتاي بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ ئىسمىنى نۇرتايغا ئۆزگەرتىۋالغان خادىمى تېلېفون قىلغان. ئۇ پەرھات ياسىندىن ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ ئىدارە ھەيئىتىگە قايتىدىن كىرىشىنى ھەمدە بۇ تەشكىلاتنىڭ پائالىيەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات ئەۋەتىشىنى تەلەپ قىلغان. لېكىن پەرھات ياسىن ئۇنىڭ تەلىپىنى قەتئى رەت قىلىپ، بۇندىن كېيىن ئۇنىڭغا تېلېفون قىلماسلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.