خەۋەرلەردىن مەلۇمكى خىتاي دائىرىلىرى كۆچمەنلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تېخىمۇ چوڭقۇر يىلتىز تارتىشىغا شارائىت ھازىرلاپ ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مائارىپتا مەخسۇس كۆچمە نوپۇسقا ئېتىبار بېرىش، مائارىپتا ھەق ئالماسلىقتەك سىياسەتلىرىنى تۈزۈپ يولغا قويغان. ئەكسىچە يەرلىك خەلقنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇشى تېخىمۇ تەس بولۇۋاتقان بولۇپ، گەرچە توققۇز يىللىق مەجبۇرىي مائارىپ ھەقسىز بولسىمۇ، يېزىلاردا يولغا قويۇلغان مەكتەپلەرنى مەركەزلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش تۈزۈمى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بارغانچە ئېشىۋاتقان ياتاق، تاماق ۋە كىرا ۋە تۇرمۇش چىقىملىرى دېھقانلارغا ئېغىر يۈك بولماقتا.
ئۇيغۇر ئېلىدە چىقىدىغان شىنجاڭ گېزىتىنىڭ 5-نويابىر ئېلان قىلغان «شىنجاڭنىڭ مائارىپتا ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى كۆچمە نوپۇسلارنىڭ يىلتىز تارتىشىغا تېخىمۇ ياخشى شارائىت يارىتىپ بەردى» ناملىق خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىككى يىل ئىلگىرى ئۈرۈمچىدىكى بىر كۆچمەن بالىسىنى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتۇش ئۈچۈن بىر يىلىغا ئىككى مىڭ يۈەن چىقىم قىلىدىغان بولسا ھازىر پۈتۈنلەي ھەقسىز قىلىنغان.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئېلان قىلغان ستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە كۆچمە نوپۇس يىلمۇ يىل كۆپىيىپ، 2010-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەمەلىي كۆچمە نوپۇسى 6 مىليون 900 مىڭغا يەتكەن. بۇ ئۇيغۇر ئېلى ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ تۆتتىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ.
نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا تىزىمغا ئېلىنغان كۆچمە نوپۇس ئىككى مىليون 190مىڭ بولۇپ، ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، بۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى بۇلتۇردىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قانداق جايىدا ھەقسىز ئوقۇيالايدىغان بولغان. ئۈرۈمچى شەھىرى ئۆزىدىلا كۆچمە نوپۇسلارنىڭ مەكتەپ يېشىدىكى پەرزەنتلىرى 116 مىڭغا يېقىن بولۇپ، كۆچمە نوپۇس پەرزەنتلىرىنىڭ 38% نى مەجبۇرىي مائارىپ يېشىدىكىلەر ئىگىلەيدىكەن.
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى كۆچمەن خىتايلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ مائارىپ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا بۇلتۇر بىر يىل ئىچىدە 2 مىليارد 360 مىليون يۈەن ئاجراتقان. ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدىكى تىزىملاتقان كۆچمە نوپۇستىكىلەرنىڭ بالىلىرىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە كىرىشى 100%ke, تولۇقسىز ئوتتۇرىغا كىرىشى 98%ke يەتكۈزۈلگەن. كۆچمە نوپۇسنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇش مەسىلىسىنىڭ تېز ھەم تەلتۆكۈس ھەل قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەر قايسى شەھەرلەردە تۇراقلىق ئولتۇرۇش نىسبىتى بارغانچە ئاشماقتا ئىكەن شۇنداقلا بۇ خىل پايدىلىق سىياسەتلەر، تېخىمۇ كۆپلىگەن كۆچمەنلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يەرلىشىشىگە ئەمەلىي قىزىقتۇرۇش كۈچىنى كۆرسەتكەن.
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ مەزكۇر خەۋىرىدە يەنە مەركەزنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مائارىپقا قاراتقان سېلىنمىسىنىڭ ئاساسەن قوش تىل مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇشقا قارىتىلغانلىقى بۇنىڭدىن كېيىنكى ئون يىللىق پىلاندىمۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قوش تىللىق مائارىپقا قويۇلىدىغان تەلەپنىڭ ھەر قانداق ساھەدىن يۇقىرى ئىكەنلىكى، مەقسەت ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى 2020-يىلىغا بارغاندا خىتايدىكى مائارىپتا ئىلغار جايغا ئايلاندۇرۇشتەك نىشانغا يېتىش ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاشكارىلىغان بۇنىڭدىن كېيىنكى مائارىپ پىلانىدىن مەلۇمكى 2020-يىلىغا بارغاندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مائارىپى پۈتۈنلەي خىتايچىلاشتۇرۇلىدۇ.
نۆۋەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يولغا قويۇۋاتقان قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى بويىچە، ئۇيغۇر بالىلىرى باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى قوشۇۋېتىلگەن قوش تىل باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدە ئوقۇيدۇ. ئەمما تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندا بىر قىسمى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بەزى چوڭ شەھەرلەردىكى نۇقتىلىق مەكتەپلەردە ئېچىلغان «شىنجاڭ ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرى» غا يۆتكەپ ئوقۇتۇلىدۇ، كۆپ قىسمى بولسا يېزا بازار، ناھىيىلەردە «مەركەزلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش» مائارىپ تەدبىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ قۇرۇلغان ياتاقلىق،تولۇقسىز ياكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇشقا مەجبۇر يەنە بىر قىسمى بولسا خىتاي شەھەرلىرىدە تەسىس قىلىنغان شىنجاڭ سىنىپلىرىغا يۆتكەپ ئوقۇتۇلماقتا.
گەرچە خىتاينىڭ ئاتالمىش مائارىپتا ئاممىغا ئېتىبار بېرىش سىياسىتى كۆچمەنلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇشى ۋە تۇرمۇشىغا قۇلايلىق ئېلىپ كېلىپ ئۇلارنى خاتىرجەم قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇيغۇر ئېلىدە ئومۇميۈزلۈك يۈرگۈزۈلۈۋاتقان مەركەزلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىدە بالىلىرى ياتاقلىق مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلارغا بولسا تېخىمۇ كۆپلەپ چىقىم ۋە بېسىم ئېلىپ كېلىۋاتقان ئىكەن.
بۇ ھەقتە تەڭرىتاغ تورى مۇنبىرىگە بىر دېھقاننىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرىغا يازغان ئوچۇق خېتىدىنمۇ كۆرەلەيمىز.
بىر دېھقان ئاتا تەرىپىدىن يېزىلغان «دېھقاندىن تۇرسۇن نازىرغا خەت» ناملىق بۇ ئوچۇق خەتتە، خېجىڭ ناھىيىلىك 5-باشلانغۇچ مەكتەپتىن ئىبارەت خىتاي ئۇيغۇر بىرلەشمە مەكتىپىگە كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىنىڭ 15 كىلومېتىر يىراقتىن كېلىپ ئوقۇيدىغانلىقى، تۇرمۇشى ياخشىلارنىڭ بالىلىرىنى كۈندە ئاپتوموبىلدا توشۇيدىغان شارائىتى بولسىمۇ، يەنىلا ئۆزىگە ئوخشاش تېرىقچىلىققا تايىنىپ جان بېقىۋاتقان نۇرغۇن دېھقاننىڭ پەرزەنتىنى بۇ مەكتەپتە ئوقۇتۇشى ئىنتايىن تەسكە توختاۋاتقانلىقى ھەققىدە شىكايەت قىلغان.
بۇ ئاتىنىڭ ئىنكاس قىلىشىغا قارىغاندا، ئۇنىڭ بالىسى ۋېلىسىپىتتە مەكتەپكە بارغاندا يول يىراقلىق، قاتناش بىخەتەرلىكى مەسىلىلىرىدىن ئەندىشە قىلسا، ياتاقتا ياتقۇزغاندا ئۇنىڭ ياتاق تاماق، تۇرمۇش چىقىملىرىنى كۆتۈرەلىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەسكەن، بۇلارنى كۆتۈرگەن تەقدىردىمۇ مەكتەپ ياتاقلىرىنىڭ ھازىرغىچە پار بەرمىگەنلىكىگە ئوخشاش مەسىلىلەر ۋە ئايدا بالىغا كېتىدىغان چىقىمنىڭ كۆپلۈكىدىن، پەرزەنتىنى ئوقۇتۇش ئۆزىگە ئوخشاش دېھقانلارغا زور غەم بولماقتا ئىكەن.
ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپقا ئاجراتقان چىقىمى مائارىپتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ئىشلىتىلمەي، نامۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، نامۇۋاپىق تەدبىرلەر ئۈچۈن ئىشلىتىلىۋاتقانلىقى بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە دېھقانلارنىڭ بوينىغا سىرتماق بولۇۋاتقانلىقىنى شىكايەت قىلماقتا.
يۇقىرىدا ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئالىم دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى ۋە ئىلشات ھەسەن ئەپەندىلەر ئېيتقاندەك،' ئۇيغۇر زىيالىيلار نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى مائارىپ نىشاننىڭ خاتالىقىنى، بارلىق كۈچنى قارىغۇلارچە مائارىپنى قوش تىللاشتۇرۇشقا قارىتىشتەك سىياسەت، ئۇيغۇر ئېلى مائارىپىنى، ئىنسان تەربىيىلەشنى مەقسەت قىلغان مائارىپنىڭ ئەسلى نىشانىدىن ئاداشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەرگە كۆز يۇمۇپ، پەقەتلا سىياسەتنى ئىجرا قىلىشنىلا بىلىدىغان بىر سىياسىي مېخانىزمغا ئايلاندۇرۇپ قويماقتا.