يەر تەۋرەش ئاپىتىدىكى ئۇيغۇرلار جان قايغۇسىدا، خىتاي كۆچمەنلەر مال قايغۇسىدا
2011.08.16
يېزىدىكى ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىندى، 40 تىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى شۇنداقلا ئادەتتە ئاپەت كەلتۈرۈش كۈچىگە ئىگە دەپ ھېسابلانمايدىغان بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەشتە مەزكۇر يېزىدا بىرمۇ ئۆينىڭ ساق قالمىغانلىقى، «ئاغرىقنى يوشۇرساڭ ئۆلۈم ئاشكارا» دېگەندەك خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بەخت قۇرۇلۇشى دەپ ئاتىۋالغان يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي سېلىش قۇرۇلۇشى ھەققىدىكى تەشۋىقاتلىرىنىڭ ساختا تەرەپلىرىنى ئاشكارىلاپ قويدى.
شېكەر كۆلدە ساق ئۆيلەر قالمىدى
ئالدىنقى ھەپتە ئىستانسىمىز پەيزاۋات ناھىيىسىدىن ئىگىلەپ خەۋەر بەرگەندەك، 11-ئاۋغۇست پەيزاۋات ناھىيىسى بىلەن ئاتۇشنىڭ تۇتىشىدىغان رايونلىرىنى مەركەز قىلىپ يۈز بەرگەن 5.8 بال يەر تەۋرەش، پەيزاۋات ناھىيىسىنىڭ شېكەركۆل، غولتوغراق يېزىسى قاتارلىق بىر قانچە يېزىدا جەمئىي 700 دىن ئارتۇق ئائىلىنى ئۆيسىز قالدۇرغان.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر يەر تەۋرەش ئاپىتى ھەققىدىكى خەۋەرلىرىدە ئۆلۈم-يېتىم بولمىغانلىقىنى، پەقەت 21 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى، 4 ئادەمنىڭ ئېغىر زەخىملەنگەنلىكى ئۈچۈن قەشقەر ۋىلايەتلىك دوختۇرخانىدا جىددىي قۇتقۇزۇلۇۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
بىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ئۆرۈلگەن ئۆي، تاملارنىڭ ئاستىدا قېلىپ يارىلانغان ئۇيغۇر دېھقانلىرى 40 نەپەردىن ئاشىدۇ.
گەرچە بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەش دەرىجىسى ئاپەت كەلتۈرگۈدەك بولمىسىمۇ، يەنىلا ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ ھاياتىغا خەۋپ ۋە ئېغىر ئاپەت كەلتۈرگەن. چۈنكى پەيزاۋات ناھىيىسىدە دېھقانلارنىڭ كۆپ قىسمى يەنىلا لاي-كېسەك ئۆيلەردە ئولتۇرۇشلۇق بولغاچقا، بۇ ئۆيلەر ۋەيران قىلىش خاراكتېرى بولمىغان ئادەتتىكى قار -يامغۇر، بوران-چاپقۇن ۋە مۇشۇنداق يەر تەۋرەشلەرگىمۇ بەرداشلىق بېرەلمەيدىكەن.
«پۇقرالارنى بەختكە ئېرىشتۈردى»؟!
ھالبۇكى، بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئاۋاللا خىتاي دائىرىلىرى يەر تەۋرەش ئاپىتى كۆپ يۈز بېرىدىغان پەيزاۋات ناھىيىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇب، شىمالىدىكى يەر تەۋرەش كۆپ يۈز بېرىدىغان جايلاردا يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيلەر قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ،خەلق ئاممىسىنى پۈتۈنلەي يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيلەرگە كۆچۈرۈپ بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئۇيغۇر دىيارىدىكى خىتاي ھۆكۈمەت تەشۋىقات تور بەتلىرىدىن تەڭرىتاغ تور بېكىتى 2009-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى «يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قۇرۇلۇشى پۇقرالارنى بەختكە ئېرىشتۈردى» دەپ ماۋزۇ قويۇپ خەۋەر بەرگەن ئىدى.
بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتە پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىنغان شېكەركۆلنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە تەپسىلىي توختىلىشتىن ئىلگىرى، مانا مەزكۇر خەۋەرگە كۆز يۈگۈرتۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. خىتاينىڭ ئىككى يىل ئىلگىرىكى بۇ خەۋىرىدە 2003-يىلى مارالبېشى ۋە پەيزاۋاتتا يۈز بەرگەن 6.8 بال يەر تەۋرەشتە نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئۆلۈشى ۋە يارىلىنىشى، زور مىقداردا ئىقتىسادىي چىقىم ۋە ئېغىر تالاپەت كەلتۈرگەنلىكى، شۇ سەۋەبتىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جايلاردا يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيلەر قۇرۇلۇشلىرىنى ئېلىپ بېرىپ تۇرالغۇ ئۆي مەكتەپ، دوختۇرخانىلارنى قايتىدىن سېلىپ ئاپەت رايونىدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى يەتكۈزگەنلىكى تەشۋىق قىلىنغان. خەۋەردە يەنە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2006-يىلى پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيلەر قۇرۇلۇشى ئۈچۈن 21 مىليارد يۈەن ئاجراتقانلىقى، جەمئىي ئىككى مىليون 160 مىڭ ئادەمنىڭ يېڭى چىداملىق ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىرگەنلىكى، جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇنىڭدىن كېيىن يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپەتلىرىدە يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيلەردىن بىرىنىڭمۇ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىمىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
ئۇيغۇرلار يەنىلا لاي كېسەك ئۆيلەردە
ئۇنداقتا شېكەركۈلدە بىرمۇ دېھقاننىڭ ئۆيىنىڭ ساق قالماسلىقى قانداق ئەھۋال؟ بىز يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندىن كېيىن، پەيزاۋات ناھىيىسىگە تېلېفون قىلغىنىمىزدا ناھىيىنىڭ بىر كادىرى «بۇ يەر تەۋرەش ھېچقانچە ئاپەت كەلتۈرەلمەيدۇ، چۈنكى بارلىق دېھقانلار ئاللا بۇرۇنلا يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيلەردە ئولتۇرۇۋاتىدۇ» دېگەن ئىدى.
ئەمما يەر تەۋرەشتىن كېيىن كېلىپ چىققان ئاپەت ھەقىقەتنى كۆرسىتىپ بەردى. شېكەركۆل يېزا دوختۇرخانىسىدىكى بىر سېسترا يېزىدا بىرمۇ ئۆينىڭ ساق قالمىغانلىقىنى ھەتتا دوختۇرخانىنىڭمۇ ئۆرۈلۈپ يارىدارلارنى يۆتكەشكە مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
پەيزاۋات ناھىيىسىدىكى بىر ياش مەزكۇر ناھىيىدىكى 70% تىن ئارتۇق دېھقاننىڭ يەنىلا لاي-كېسەك ئۆيلەردە ئولتۇرۇۋاتقانلىقىنى، يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيلەر قۇرۇلۇشىنىڭ دەسلەپ باشلانغان ئىككى يىلدا ئېلىپ بېرىلىپ كېيىن بۇ قۇرۇلۇشنىڭ قىممەتلىك داچىلار قۇرۇلۇشىغا ئايلىنىۋاتقانلىقىنى، بۇ خىل قىممەت باھالىق داچىلارنى پەقەت باي خىتاي كۆچمەنلىرى سېتىۋېلىپ ئولتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
شېكەركۆلگە كۆپ قېتىم تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىن ئۆيلىرى ئۆرۈلگەن خەلق كەپىلەرگە كۆچۈپ كىرگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلار بىلەن ئالاقىلىشىش مۇمكىن بولمىدى ئەمما، مەزكۇر يېزىدا پىششىق كېسەكلىك ئۆي ھەم دۇكان سېلىپ ئۈچ يىلدىن بۇيان ئاشخانا سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بىر خىتاي كۆچمەن تېلېفوننى ئالدى، ئۇنىڭدىن يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ ئۆزىگە تەسىر كۆرسەتكەن-كۆرسەتمىگەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ «قانداق تەسىر كۆرسەتمەيدۇ؟ ئاپەتتە ئادەملەرنىڭ ھەممىسى كېتىپ قېلىپ سودىمىزغا بەك تەسىر قىلىۋاتىدۇ، تېلېۋىزور، ھاۋا تەڭشىگۈچلىرىمىز ئىشلىمەي قالدى، يا ھۆكۈمەتنىڭ كارى يوق» دەپ نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى.
بىز يەنە ئۇنىڭدىن يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ يېزىدىكى ئاممىنىڭ ھاياتىغا قانداق خەۋپ كەلتۈرگەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرى پۈتۈنلەي ئۆرۈلۈپ كەتتى، ئۆلگىنى يوق، لېكىن يارىلانغانلار بار، بىز ھېچنېمە بولمىدۇق، ھۆكۈمەت ئۇلارغا كەپىلەرنى بېرىپ ياردەم قىلىۋاتىدۇ، بىزگە ھېچقانداق ياردەم بەرمىدى دەپ يەنە نارازى بولدى.
مىلياردلارچە ئىئانە نەگە كەتتى؟
پەيزاۋاتتا 1985-يىلىدىن بۇيان 20 نەچچە قېتىم يەر تەۋرەش يۈز بەرگەن بولۇپ، 1996-يىلى 19-مارتتا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە 30 مىڭ ئادەم ئاپەتتە قالغان، 24 ئادەمنىڭ ئۆلۈشى، 128 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
1997-يىلى 1-ئاي ۋە 4-ئايدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشلەردە يەنە 20 دىن كۆپ ئادەم قازا قىلغان، نەچچە يۈز ئادەم يارىلانغان. 1998-يىلى 8-ئاينىڭ 27-كۈنىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش يەنە ئۈچ كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان، 30 مىڭغا يېقىن ئامما ئۆي ماكانسىز قالغان.
پەيزاۋات تارىخىدىكى ئەڭ ئېغىر ئاپەت 2003-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى يۈز بەرگەن 6.8 بال يەر تەۋرەش بولۇپ، مارالبېشى ۋە پەيزاۋاتتا 3 يۈز گە يېقىن ئادەمنىڭ ئۆلۈشى، 5000 دىن كۆپ كىشىنىڭ يارىلىنىشى كېلىپ چىققان، 50 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر دېھقان ئائىلىسى ئۆي، ماكانسىز قالغان ئىدى. بۇ 50 يىلدىن بۇيان پەيزاۋات تارىخىدا ئەڭ زور تالاپەت كەلتۈرگەن بىر قېتىملىق يەر تەۋرەش ئاپىتى ھېسابلىنىدۇ. ئاپەتتىن كېيىن دائىرىلەر مەملىكەت ۋە چەتئەللەر شۇنداقلا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى قىزىل كرېست جەمئىيەتلىرىدىن مەزكۇر ئاپەتكە قىلىنغان ئىئانە سوممىسىنىڭ بىر مىليارد 17 مىليون 140 مىڭ يۈەنگە يەتكەنلىكى، مەزكۇر ئىئانە مەبلىغىنىڭ بۇ ئاپەت رايوندا قايتىدىن ئۆي-ماكان قۇرۇشقا ئىشلىتىلىدىغانلىقى بىلدۈرگەن ئىدى.