پەيزىۋات ناھىيىسىدىكى قىزلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش خىزمىتى ھەققىدە سۆھبەت (1)

بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، پەيزىۋات ناھىيىسىدە ھېلىھەم داۋام ئېتىۋاتقان ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش خىزمىتى، ئۆز قىزلىرىنى ياقا يۇرتلارغا ئەۋەتىشنى خالىمىغان ئاتا ‏ - ئانىلارغا ھەر خىل ئاۋارىچىلىقلارنى تۇغدۇرغان بولۇپ، پەيزىۋات ناھىيىسى تەۋەسىدىكى مەلۇم بىر كەنت كادىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئۆلكىلىرىگە بېرىشنى خالىمىغان قىزلار، "ھەيدەش خىزمىتى" باشلانغاندا باشقا يۇرتلارغا قېچىپ كېتىپ، بۇ "خىزمەت" سەل پەسكويغا چۈشكەندە يۇرتىغا قايتىپ كېلىدىكەن.

0:00 / 0:00

يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى پەيزىۋات ناھىيىسىدە قىزلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش خىزمىتىنى توسقۇنسىز داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلارغا بېرىپ ئىشلەپ كەلمىگەنلەرگە توي خېتى بەرمەسلىك سىياسىتىنى بەلگىلىگەن.

بۇ كەنت سېكرىتارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆز كەنتىدىن 2006 - يىلى 30 ئادەم، 2007 - يىلى27 ئادەم، 2008 - يىلى 2 ئادەم بارغان بولۇپ بۇ ساننىڭ نېمە ئۈچۈن بارغانچە ئازلاپ كەتكەنلىكىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە سورىغان سوئالىمىزغا جاۋاب بەرگەن كەنت سېكرېتارى، ھازىر دېھقانلارنىڭ ئامال قىلىپ پەرزەنتلىرىنى ئەۋەتمەيدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە، ئۆتكەن بىر نەچچە يىل جەريانىدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە بېرىپ "ئالدانغان"، "زورلۇققا" ئۇچرىغان ياكى "خورلانغان" قىزلارنىڭ بار ياكى يوق ئىكەنلىكى ھەققىدىكى قاراشلارنى ئىنكار قىلدى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، سىلەر ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش خىزمىتى توغرىسىدا پەيزىۋات ناھىيىسىدىكى بىر كەنت كادىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر. بۇ سۆھبەت خاتىرىسىنىڭ داۋامىنى كېلەر قېتىملىق پروگراممىمىزدا ئاڭلىتىمىز.