مەزكۇر كەنت سېكرىتارىنىڭ ئېيتىشىچە، "قىزلارنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ھەيدەش" خىزمىتىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ تىزدىن ياتلىق قىلىۋېتىلگەن قىزلارنىڭ بەزىلىرى تۇرمۇش جەھەتتىن بەختسىز بولۇپ، ئاجرىشىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان.
يەرلىك ھۆكۈمەت پەقەت "توي قىلمىغان قىزلارنىلا ھەيدەش، ئوغۇللارنى ئاز تەشكىللەش" بەلگىلىمىلىرىنى تۈزۈپ چىققان ھەمدە باشقا بەزى يېزىلاردا خىتاي شەھەرلىرىدىكى زاۋۇتلارنى قىزلار بىلەن داۋاملىق تەمىنلەپ تۇرۇشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئىلگىرى بىر نۆۋەت بېرىپ كەلگەن قىزلارنى "سەن زاۋۇتتا ئىشلەپ تۈگىتىش كىنىشكىسى ئالماپسەن" دېگەن باھانە بىلەن ئىككىنچى نۆۋەت يەنە ھەيدىگەن.
ئەجەبلىنەرلىك يېرى، ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش خىزمىتىنىڭ "ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش" ياكى "دېھقانلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش" ھەمدە "ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا سېلىپ ئىگىلىك تىكلەش" دېگەندەك پىكىرلەرنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، بىز سۆھبەت ئېلىپ بارغان كەنت كادىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلاردا ئىشلەۋاتقان بەزى ئۇيغۇر قىزلىرى ھەتتا ئۆز تۇرمۇش خىراجىتىنىمۇ تاپالماي قىيىن ئەھۋالدا قالغان بولۇپ، بۇ قىزلارغا يەنە ئاشۇ " نامرات ئاتا-ئانىسى" پۇل ئەۋەتىپ بېرىشكە مەجبۇر بولغان.
ھالبۇكى، پۇل تاپالمىغان ئىشلەمچى قىزلار قەرز تۆلەش ئۈچۈن ئۆز كۈچىنى نېسىگە سېتىپ، ياقا يۇرتلاردا ئىشلەمچىلىككە تۇتۇلۇشتىن تېخى قۇتۇلغىنى يوق.
يەرلىك خىتاي ھۆكۈمىتى 2006- يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە " ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەش" سىياسىتىنى يولغا قويۇپ ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلارغا ئشلەمچىلىككە يۆتكەشنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بىز سۆھبەت ئېلىپ بارغان كەنت سېكرېتارى بۇ خىزمەتنىڭ يەنە قاچانغىچە داۋاملىشىدىغانلىقى توغرىسىدا بىر نەرسە دېيەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.