پەيزىۋات ۋەقەسىگە قارىتا خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا بېرىلگەن مۇلاھىزە - تەھلىللەر

27 - ئاۋغۇست پەيزىۋات ناھىيىسى قىزىلبويى يېزىسىدا خىتاي ساقچىلىرى بىلەن ئۇيغۇر قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەر ئارىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا خىتاينىڭ ئىككى ساقچىسى ئۆلتۈرۈلگەن ۋە 5 ساقچىسى ئېغىر يارىلاندۇرۇلغان ئىدى.

0:00 / 0:00

بۇ ئۇيغۇر ياشلار جەمئىي 9 نەپەر بولۇپ، شۇ كۈنى خىتاي ساقچى ۋە قوراللىق ساقچى دائىرىلىرى ئىككى مىڭ ئەتراپىدا خادىم ئاجرىتىپ ۋەقە گۇماندارلىرىنى ئىزدەشكە باشلىغان. مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ئۇيغۇر ياشلار 29 - ئاۋغۇست خىتاي ساقچىلىرى بىلەن يەنە تۇتۇشقان ھەمدە ئىككى نەپەر خىتاي ساقچىسىنى يارىلاندۇرغاندىن كىيىن ھاياتىدىن ئايرىلغان.

پەيزىۋاتتا يۈز بەرگەن بۇ ۋەقە دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا ھەرخىل شەكىلدە ئورۇن ئېلىشقا باشلىدى

دەرۋەقە، پەيزىۋاتتا يۈز بەرگەن بۇ ۋەقە دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا ھەرخىل شەكىلدە ئورۇن ئېلىشقا باشلىدى. ئامېرىكىنىڭ پايتەختىدە چىقىدىغان ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىدە، پەيزىۋات قىزىل بويى يېزىسى ۋەقەسى ھەققىدە بېرىلگەن بىر پارچە تەپسىلىي خەۋەردە، 8 - ئاي ئىچىدە قەشقەر تەۋەسىدە يۈز بەرگەن بىر قاتار ۋەقەلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى ئۈستىدە تەھلىل ئېلىپ بېرىلغان.

"يېقىنى بىر قاتار ۋەقەلەر خىتايلار بىلەن ھەمكارلاشقان ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى"

تەھلىلدە، بۇ ھۇجۇملارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك خىتاي ساقچى ۋە خىتاي ئامانلىق خادىملىرىغا قارىتىلغانلىقى ھەمدە يەرلىك بومبا قاتارلىق ئىپتىدائىي ھۇجۇم قوراللىرى ئىشلىتىلگەنلىكى تىلغا ئېلىنسا، ئاۋسترالىيىدىن چىقىدىغان خەلقئارا ئۇچۇر مۇنبىرى ( Internetional Herald Tribune) گېزىتىدە "يېقىنى بىر قاتار ۋەقەلەر خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئۇيغۇر ئىلىدىكى خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئاساسلىق گەۋدىسى بولغان خىتايلار بىلەن ھەمكارلاشقان ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى" دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

"كۆپىنچە ئۇيغۇرلار خىتايلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن رازى ئەمەس"

خەلقئارا ئۇچۇر مۇنبىرى گېزىتىدە بېرىلگەن ماقالىدە يەنە، خىتاي ھاكىمىيىتىدىن مەنپەئەت ئېلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈستىدە توختىلىپ بۇلارنىڭ پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلاشقان كىشىلەر ئىكەنلىكى كۆرسىتىلىپ: "كۆپىنچە ئۇيغۇرلار خىتايلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن رازى ئەمەس بولۇپ، ئۇلار، كەڭرى سىياسىي ئەركىنلىك ۋە ئىقتىسادى يۈكسىلىش پۇرسىتى ۋە ياكى مۇستەقىل ئۇيغۇر دۆلىتى قۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئەمما، بۇ يەردە يەنە خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىدىن مەنپەئەتلەنگەن ئۇيغۇرلارمۇ بار بولۇپ، ئۇلار خىتاي بىخەتەرلىك تارماقلىرىدا ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلىرىدە خىزمەت قىلىدىغانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ" دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ۋەقەلەردە ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭمۇ مەيدانغا چىقىشى ئالاھىدە ئېتىبارغا ئېلىشقا تېگىشلىك ھادىسە"

خەلقئارا مەتبۇئاتلار يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن بىر قاتار ۋەقەلەر ئۈستىدە توختالغاندا بۇ ۋەقەلەردە مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالغان ئۇيغۇر قىزلىرىغىمۇ ئالاھىدە ئورۇن بەرگەن ۋە مەزكۇر ۋەقەلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا تەشكىللەنگەن ۋە ياكى چوڭراق بىر تەشكىلاتىنىڭ بىر تۇتاش پىلانلىشى ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلغانلىقى تېخىچە مەۋھۇم ئىكەنلىكىنى، ئەمما بۇ ۋەقەلەردە ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭمۇ مەيدانغا چىقىشىنىڭ ئالاھىدە ئېتىبارغا ئېلىشقا تېگىشلىك ھادىسە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

دەرۋەقە، بۇ نۆۋەت پەيزىۋاتتا يوشۇرۇنۇپ يۈرگەن ئۇيغۇر ياشلارنىڭ ئارىسىدا ئانارگۈل ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر قىزى بولۇپ، 29 - ئاۋغۇستتىكى توقۇنۇشتا ئانارگۈلنىڭ قۇربان بولغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.

ئۆتكەن ئاي ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەسىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى ھەققىدە پىكىر بايان قىلغان تەنقىدچىلەر، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى تەلەپ قىلغانلىكى ئۇيغۇرلار ئۇستىدىن باستۇرۇش يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان ئىدى.

"خىتاي ئىچىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكرى ئۆزگىچە"

ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىگە نىسبەتەن خىتاي ئىچىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكرى ئۆزگىچە بولۇپ، ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىدە خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات ئىنستىتۇتىدىكى پروفېسسور يۈ جيەنرۇڭنىڭ ئېيتقانلىرىنى نەقىل قىلىشىچە، يۈز جيەنرۇڭ، گەرچە ئۇيغۇر ئىلىدىكى بەزى تالاش - تارتىشلارغا يەر - مۈلۈك مەسىلىسى قاتارلىق مەسىلىلەرمۇ ئارىلاشقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئىلىدىكى نېگىزلىك مەسىلىنىڭ بۆلگۈنچىلىك مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا بۇلارنىڭ يەنىلا پۇقرالارنىڭ ئۆز ھوقۇقىنى قوغداش مەسىلىسى دەپ قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە:" ئەگەر سىز ھاياتىڭىزنى ئەمىنلىكتە ئۆتكۈزمەكچى بولسىڭىز، چوقۇم قاتتىق ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سېلىشىڭىز كېرەك. ئەگەر ھۆكۈمەت شىنجاڭنى جۇڭگو تېررىتورىيىسى ئىچىدە تۇتۇپ تۇرىمەن دەيدىكەن، ئۇنداقتا ئۇلار چوقۇم بۆلگۈنچىلەرنى ھېچقانداق رەھىم قىلماي باستۇرۇشى كېرەك،" دېگەن.

"ئۇيغۇر ئىلىدىكى سىياسەت كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەن"

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە يەنە، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىدىكى خىتاي تەتقىقاتچىسى نىكولاس بېكۇلىن، ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ھەمدە بۇ خىل سىياسەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەنلىكىنى، قارىماققا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل كونتروللۇقنى پات ئارىدا بوشىتىدىغانلىقىدىن شەپە يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.

بېكۇلىن يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە خىتاي كۆچمەنلىرىنى يەنە ئۈزلۈكسىز توشۇپ كىرىپ ئۇيغۇر ئېلىدە خىتايلارنىڭ نوپۇس نىسبىتىنى ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتۈرۈش سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر بىخەتەرلىك خادىملىرىنى ئۇيغۇر ئېلىگە كۆپلەپ يۆتكەپ كىرگەن بولۇپ، ماقالىدە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇلىشىچە، بۇلار ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇپ، سىياسىي بويسۇندۇرۇشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، تېلېفون ئالاقىسىنى ئوغرىلىقچە ئاڭلاش، ئىنتېرنېت ئالاقىسى ۋە ئادەملەرنىڭ كۈندىلىك پائالىيەتلىرىنى داۋاملىق كۆزىتىپ تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇشى مۇمكىن ئىكەن.