پەيزىۋات ناھىيىسىدە توقۇنۇش يۈز بەردى

ئۇچۇرلارغا ئاساسەن قەشقەر دىيارىنىڭ پەيزىۋات ناھىيىسىدىن ئىگە بولۇشىمىزچە، پەيزىۋاتنىڭ قىزىل بويى ۋە مىشا يېزىلىرىدا ساقچىلار بىلەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ۋەقە جەريانىدا ئىككى ساقچى ئۆلگەن يەنە ئىككىسى ئېغىر يارىلانغان. ئۈچ نەپەر ئۇيغۇر ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان.

0:00 / 0:00

27 - ئاۋغۇست كۈنى پەيزىۋات ناھىيىسىدە ساقچىلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدا قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رادىئومىزغا يەتكۈزگەن جىددى ئۇچۇرىدىن كېيىن، پەيزىۋات ناھىيىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىن ۋەقە ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشتۇق.

ئەمما ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ۋە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلمىدى، ئەمما ناھىيىدە ئولتۇرۇشلۇق بىر ئۇيغۇر راست شۇنداق بىر ۋەقەنىڭ بولغانلىقىنى ئاڭلىغانلىقىنى ئېيتتى.

بىز بۇ كىشىدىن ۋەقەنىڭ 4 - يېزا، يەنى قىزىل بويىدا يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدە دەسلەپكى ئۇچۇرغا ئىگە بولغاندىن كېيىن، قىزىل بويى يېزىلىق ساقچى پونكىتىغا تېلېفون قىلدۇق، گەرچە ساقچى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان بولسىمۇ ئۇنىڭ پوزىتسىيىسى دەرۋەقە يېزا ۋەزىيىتىنىڭ نورمال ئەمەسلىكىنى ئاشكارىلىدى.

بىزنىڭ يەنە يېزىلىق ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا ئۇرغان تېلېفونلىرىمىز ئۇلانمىغانلىقى ئۈچۈن، يەرلىك ئاممىدىن ئەھۋال ئىگىلەشكە تىرىشتۇق، يەرلىك دېھقانلاردىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، مەزكۇر ۋەقەنىڭ بۇنىڭدىن ئىككى ھەپتە ئىلگىرى يەنى 12 - ئاۋغۇست يامان يار يېزىسىدىكى يول تەكشۈرۈش پونكىتىدا خىتاي ئامانلىق خادىملىرىغا پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلىپ ئىككى ساقچىنى ئۆلتۈرۈپ ۋە بىر يېزىلىق پارتىيە ياچېيكا كادىرىنى يارىلاندۇرغاندىن كېيىن غايىپ بولغان 3 كىشىنى تۇتقۇن قىلىش جەريانىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇش بولۇشى مۈمكىنلىكى سۇ يۈزىگە چىقماقتا.

ۋەقەدە ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ساقچىلارنىڭ ھەم قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ناھىيىلىك ۋە يېزىلىق ساقچى ئورگانلىرىغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، ئۇلار تېلېفونىمىزغا قايتا جاۋاب بەرمىدى.

ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا بۇ توقۇنۇشتا يەنە بىر قانچە ساقچى ھۇجۇمغا ئۇچرىغان. بىز بۇ ۋەقەدە ئۆلگەن ياكى يارىلانغانلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن پەيزىۋات ناھىيىلىك دوختۇرخانىنىڭ جىددى قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە تېلېفون ئۇرۇپ سىناپ كۆردۇق.

يارىلاندۇرۇلغان ساقچىلارنى قۇتقۇزۇشقا قاتناشقان سېستىرانىڭ ئېيتقىنىدەك، بۇ ۋەقەدىمۇ، ئۆلگەن ھەم يارىلانغان ساقچىلار، ئىلگىرى سەمەن يولى ۋە يامان ياردا يۈز بەرگەن ھۇجۇملارغا ئوخشاش تىغ بىلەن بوغۇزلانغان ھەم يارىلاندۇرۇلغان.

قەشقەردە 4 - ئاۋغۇست يۈز بەرگەن سەمەن يولى ۋەقەسى ۋە كۇچادا 10 - ئاۋغۇست يۈز بەرگەن ھەم يەنە 12 - ئاۋغۇست بۇ يامان ياردا يۈز بەرگەن ھۇجۇملاردا، خىتاي قوراللىق قىسىملىرى، ساقچى ۋە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى ئاساسى ھۇجۇم نىشانى بولۇپ كەلدى. شۇنداقلا ھۇجۇم قىلغۇچىلارنىڭ ئاساسلىق ئىشلەتكەن قورالى پىچاقتۇر.

خىتاي دائىرىلىرى بۇ ۋەقەلەرنى تېرورلوق ھۇجۇم دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ ئەمما بىرلەشمە ئاگېنتلىقى مەزكۇر ۋەقەلەر ھەققىدە ئېلان قىلغان خەۋىرىدە ۋەقەنى "جاسارەتلىك ھۇجۇملار" دەپ ئاتىغان ئىدى. شۇنداقلا خەلقئارالىق ئاخبارات ئورگانلىرى بىردەك بۇ ۋەقەلەرنى يەرلىك خەلقنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ بېسىمىغا قارشى ئېلىپ بارغان ئۈچ ئېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇملىرى ۋە ئولىمپىك ھارپىسىدا دۇنياغا بەرگەن سىگنالى دەپ مۇلاھىزە قىلىپ كەلمەكتە.

روېيتېرس، مەركىزى ئاگېنتلىق قاتارلىق خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندىن بۇيان جامائەت خەۋپسىزلىك، دۆلەت بىخەتەرلىك، چېگرا مۇداپىئە قاتارلىق تارماقلار بىرلىكتە قەشقەر ۋىلايىتىدە، گىلەم تازىلاش ھەرىكىتى نامىدا كەڭ - كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، 150 قېتىم ئاختۇرۇش ھەم تۇتۇش ھەرىكىتى جەريانىدا 500 دىن ئارتۇق كىشىنى قولغا ئالغان.

خىتاي دائىرىلىرى مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە ھازىرغىچە تېخى ئىپادە بىلدۈرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما كۆزەتچىلەر پەيزىۋاتتا يۈز بەرگەن بۇ ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنىڭمۇ گىلەم تازىلاش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلماقتا.

مۇخبىرلىرىمىز مەزكۇر ۋەقەدە قولغا ئېلىنغانلار ۋە ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە داۋاملىق مەلۇمات ئىگىلىمەكتە.