پەرزەنت تەربىيىسى

بالىنىڭ ئەڭ دەسلەپ كۆرىدىغىنى ئۆي ۋە ئائىلىدۇر. بالا يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچقاندىن باشلاپ كۆزىگە چېلىققان ھەر قانداق نەرسە ئۇنىڭ زېھنىگە ئورناپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ خاراكتېرىمۇ زېھنىدە قالغان نەرسىلەرگە قاراپ شەكىللىنىدۇ. بۇ باسقۇچتا ھەر قانداق نەرسە بالىغا تەسىر كۆرسەتكۈچ ئامىل بولىدۇ.

0:00 / 0:00

ئابدۇراخمان ھاجىم بىلەن سۆھبەت

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەر شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ياش ئالىم ئابدۇراخمان ھاجىم بالا تەربىيىسى ھەققىدە مۇنداق دېدى:" ئىمام غازالى مۇنداق دېگەن:" بالا ئاتا - ئانىغا ئامانەتتۇر. ئۇ يېڭى تۇغۇلغاندا، ئۇنىڭ قەلبى ھېچنېمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغان ساپ گۆھەرگە ئوخشايدۇ. بۇ مەزگىلدە ئۇ كۆزىگە چېلىققان ياكى تەسىر قىلغان ھەر قانداق نەرسىنىڭ قىياپىتىنى زېھنىدە قالدۇرىدۇ. مايىل قىلىنىدىغان ھەر قانداق نەرسىگە دىلى مايىل بولىدۇ. نېمىگە ئۆگىتىلسە شۇنىڭغا ئادەتلىنىپ چوڭ بولىدۇ. ياخشىلىققا ئۆگىتىلسە ياخشىلىق ئۈستىدە چوڭ بولىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى بىلەن ئاتا - ئانىسى، تەربىيىلىگۈچىسى ئىككى ئالەمدە ياخشىلىققا ئېرىشىدۇ. ناۋادا، ئۇ يامانلىق ئۈستىگە كۆندۈرۈلسە، ئۇنىڭ تەربىيىسىگە سەل قارالسا، ئۇ يامان تەبىئەتلىك ئادەم بولۇپ چىقىدۇ. بۇنىڭدىن ئۇنى تەربىيىلىگەنلەر جاۋابكار بولىدۇ. بالا تەربىيىلەش خۇددى دېھقاننىڭ ئىشىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. زىرائەتلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن باغۋەن زىرائەت ئارىسىدا ئۈنگەن ياۋا ئوتلارنى ۋە تىكەنلەرنى يۇلۇپ ئېلىۋېتىدۇ".

بالىلارغا ياخشى ئۈلگە بولۇش كېرەك

ئابدۇراخمان ھاجىم بالىلارغا ياخشى ئىشلاردا ئۈلگە بولۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى ھەققىدە مۇنداق دېدى:" ياخشى ئىشلاردا بالىلارغا ئۈلگە بولۇش ئۇلارنىڭ قەلبىدە ناھايىتى زور تەسىرگە ئىگە. بالا كۆپ ھاللاردا ئاتا - ئانىسىنى دورايدۇ. ھەتتا ئاتا - ئانا بالىغا ئەڭ كۈچلۈك تەسىرلەرنى قالدۇرالايدۇ. شۇڭا بالىلارغا كامالىغا يەتكەن گۈزەل ئەخلاق ۋە ئەڭ ئېسىل كەيپىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىش تەلەب قىلىنىدۇ. بالىلار ئالدىدا بىراۋغا ئېغىزىنى بۇزۇش، غەيۋەت قىلىش، يالغان سۆزلەش بەكمۇ ئەيىب ئىشتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە:" بىراۋ بالىسىنى چاقىرىپ بىر نەرسە بېرىمەن دەپ قويۇپ، ئاندىن ئۇنىڭغا ۋەدە قىلغان نەرسىنى بەرمىسە، ئۇ يالغانچىدۇر،" دەپ كۆرسەتكەن. كۆپىنچە ئاتا - ئانىلار بۇ ئىشقا دىققەت قىلمايدۇ. ئۇلار بالىلارنىڭ سەزگۈسىنى ۋە ئەقلىنى تولىمۇ ئاددى چاغلايدۇ. ئەمەلىيەتتە كىچىك بالىلار ئاتا - ئانىلار تەسەۋۋۇر قىلغاندىنمۇ بەك سەزگۈر ۋە ئەقىللىقتۇر. بىراۋنىڭ ئۆزى يالغان سۆزلەپ تۇرۇپ، بالىلىرىنى يالغان سۆزلەشتىن توسقىنى، ئۆزى يامان ئىش قىلىپ تۇرۇپ بالىلىرىنى يامان ئىشلاردىن توسقىنى پايدىسىزدۇر. چۈنكى بالىلار ئۈچۈن تەسىر قىلىدىغان نەرسە ئاتا - ئانىنىڭ يۈرۈش - تۇرۇشى، گەپ - سۆزلىرى ۋە بارلىق ھەرىكەتلىرىدۇر. ئۆزىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ۋەز - نەسىھەت ۋە تەلىم - تەربىيە ئۈنۈم بەرمەيدۇ. شۇڭا ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى" ئائىلەڭدىكىلەرنى نامازغا بۇيرىغىن ۋە ئۆزۈڭمۇ ئۇنى ئورۇنداشتا چىداملىق بولغىن" دەپ بۇيرىغان. ئەگەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆزى ناماز ئوقۇماي تۇرۇپ باشقىلارنى ئوقۇشقا بۇيرىغان بولسا ئىدى. ئاللاھنىڭ ناماز ئوقۇش بۇيرۇقى ئەمەلگە ئاشمىغان ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەز - نەسىھەتلىرى پايدىسىز بولۇپ قالغان بولاتتى. مانا بۇ، ئۈنۈملۈك تەربىيىنىڭ بىردىنبىر ئاساسىدۇر."

نەسىھەت قىلىشقا مۇناسىپ ۋاقىت تاللاش لازىم

ئابدۇراخمان ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئاتا - ئانىلار بالىلىرىغا نەسىھەت قىلماقچى بولغاندا چوقۇم مۇۋاپىق ۋاقىتنى تاللىشى لازىم. چۈنكى مۇۋاپىق پۇرسەتتە قىلىنغان تەربىيە بالىغا بېسىم ۋە زېرىكىش تۇيۇلماستىن، نەق قەلبىگە بارىدۇ. بالىلارغا دوستلىرىنىڭ ئالدىدا، روھىي - كەيپىياتى ياخشى بولمىغان ۋاقىتتا نەسىھەت قىلمىغان ياخشى. نەسىھەت قىلىش ئۈچۈن ئەڭ مۇناسىپ ۋاقىت سەيلى - ساياھەت قىلغان، داستىخانغا ئولتۇرغان ۋاقىتلاردۇر.