خەلقئارا پىكىر ئەركىنلىكى مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇر ۋەكىللىرى

د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 12-ئاينىڭ 8-ۋە 9-كۈنلىرى چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى پراگا شەھىرىدە ئېچىلغان خەلقئارالىق پىكىر ئەركىنلىكى مۇھاكىمە يىغىنغا تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

0:00 / 0:00

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى يىغىنغا چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى، ئامېرىكا، ياۋروپا، ئاسىيا، ئافرىقا ئەللىرىدىن كەلگەن كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى، مەشھۇر سىياسىيونلار، دۆلەت ئەربابلىرى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ ۋەكىللىرى، چېخ دۆلىتىدىكى چەتئەل ئەلچىخانا خادىملىرىدىن بولۇپ 400 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان.

چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى ۋاسلاۋ خاۋېل ئەپەندى نامىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى خەلقئارالىق پىكىر ئەركىنلىكى مۇھاكىمە يىغىنىغا ۋاسلاۋ خاۋېل كۇتۇپخانىسى ساھىپخان بولغان. 8-ئۆكتەبىر كەچتە ۋاسلاۋ خاۋېل كۇتۇپخانىسى مېھمانلار شەرىپىگە زىياپەت بېرىپ، دۇنيادا پىكىر ئەركىنلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى ۋە مۇستەبىت ئەللەردىكى پىكىر ئەركىنلىكى تاجاۋۇزىغا ئورتاق قارشى تۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا سۆز قىلغان. مەلۇمكى، ۋاسلاۋ خاۋېل ئەپەندى سابىق چېخسلوۋاكىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى بولغان، چېخ ۋە سلوۋاكىيە جۇمھۇرىيەتلىرى تىنچلىق بىلەن ئايرىلىپ چىققاندىن كېيىن، چېخ جۇمھۇرىيىتىگە رەئىس بولغان مەشھۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ۋە دۆلەت ئەربابىدۇر. ئۇنىڭ تەرجىمىھالى ۋە تىنچلىق كۈرەشلىرى يولىدا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى خەلقئارادىكى دېموكراتىك ھەرىكەتلەرنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلانغان. ۋاسلاۋ خاۋېل كۆپ قېتىم خەلقئارالىق تىنچلىق مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەن كىشى.

9-دېكابىر كۈنى خەلقئارالىق پىكىر ئەركىنلىكى مۇھاكىمە يىغىنى رەسمىي باشلانغان. يىغىندا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ۋەكىللەر نۇتۇق سۆزلىگەن.

د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئۆز نۇتقىدا، بولۇپمۇ 2009-يىلى يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىنكى ئومۇمىي ۋەزىيەت توغرىسىدا توختالغان.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىشلارغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. يىغىن جەريانىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئائىت د ئۇ ق تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان كىتابچىنى يىغىن ئەھلىگە تارقاتقان.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى غەرب سىياسىي سەھنىسىدە يەنە بىر قېتىم كۈنتەرتىپكە قويۇشقا شارائىت ھازىرلاپ بەرگەنلىكىنى تەكىتلىدى.