پىل بىلەن ئەجدىھانىڭ رىقابىتى

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا ئاي شارىنى بايقاش پىلانى بويىچە قويۇپ بەرگەن 'مۇقەددەس 7' ناملىق ئالەم كېمىسى يەر شارىغا ساق قايتىپ كەلگەنلىكىگە ھاياجانلىنىۋاتقان ۋاقىتتا، ھىندىستاننىڭ ئاي شارىنى بايقاش ئۈچۈن قويۇپ بەرگەن راكىتاسى ئوربىتىغا كىردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2008.09.29
Hindistan-aygha-chiqish-305.jpg ﻫﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺸﻘﺎ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻟﻪﻡ-ﻛﯧﻤﯩﺴﻰ. ﺳﯜﺭﻩﺕ، 18 - ﺳﯧﻨﺘﻪﺑﯩﺮ ﺗﺎﺭﺗﯩﻠﻐﺎﻥ.
AFP Photo

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان بۇنىڭدىن سەل بۇرۇن، ھىمالايا تاغلىرىدا ئاللىقاچان تاشلىنىپ كەتكەن بىر ھەربىي بازىسىنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرگەندە، بۇ خىتايغا قىلىنغان رىقابەت دەپ قارالغان ئىدى.

يېقىندا ھىندىستان يەنە ھىندى ئوكياندىكى مولوككو ئاراللىرىدا ھەربىي بازا قۇرۇپلا قالماي، بېرمىدىمۇ نازارەت قىلىش - ئاڭلاش پونكىتى قۇردى. بۇمۇ ھازىر خىتايغا قىلىنغان يېڭى رىقابەت دەپ قارىلىۋاتىدۇ. مانا بۇ پىل بىلەن ئەجدىھانىڭ ھازىرقى رىقابىتىنى كۆرسىتىدىغان ئالامەتلەر.

خىتاي بىلەن ھىندىستاننىڭ ئىستراتېگىيە قاراتمىسى جەھەتتىكى پەرق

ئامېرىكىدىكى كلېرمونت تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى لىن چاڭشېن ئەپەندىنىڭ مۇلاھىزە قىلىشىچە، خىتاي بىلەن ھىندىستاننىڭ ئىستراتېگىيە جەھەتتىكى قاراتمىسى ئوخشىمايدۇ، خىتاي ئىستىراتېگىيىسى ئاساسەن ئامېرىكا، رۇسىيە، ياپونلارغا قارىتىلغان. ئەمما ھىندىستاننىڭ ئىستىراتېگىيىسى بولسا بىرلا خىتايغا قارىتىلغان.

خىتاينىڭ ئېكىسپورت - ئىمپورت قىلىدىغان بىردىن بىر يولى ھىندى ئوكيان ۋە مولوككو ئاراللىرىدا

كلېرمونت تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى لىن چاڭشېن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بولۇپمۇ 90 ‏ - يىللاردىن بۇيان، ھىندى ئوكيان رايونىدا ھىندىستان بىلەن تىنچ ئۆتۈش ئۈچۈن تىرىشتى. ئەمەلىيەتتە بۇ خىتاينىڭ ۋاقىتلىق تەدبىرى. چۈنكى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى جەنۇبىي ئوكيان رايونىدا تىنچلىققا مۇھتاج. خىتاينىڭ ئۆز مەھسۇلاتلىرىنى ئېكىسپورت، ئىمپورت قىلىدىغان، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن نېفىت يۆتكەيدىغان بىردىنبىر يولى دېڭىزدا.

ھىندى ئوكيان ئارقىلىق، مولوككو ئاراللىرى ئارقىلىق كېلىدۇ. خىتاي بۇلتۇر ئوتتۇرا شەرقتىن، ئافرىقىدىن ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىن مۇشۇ يول بىلەن 200 مىليون توننا نېفىت كىرگۈزدى. خىتاي گەرچە ھىندىستاننى ياخشى كۆرمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ بىلەن ياخشى ئۆتمەي ئامالى يوق. چۈنكى خىتاينىڭ دېڭىز ئارمىيە كۈچى بۇ يولنى قوغداشقا قۇربى يەتمەيدۇ.

خىتاينىڭ ھىندىستانغا تەھدىت سالالايدىغان بىرلا يېرى تىبەت بولسىمۇ...

كلېرمونت تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى لىن چاڭشېن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ھىندىستاننىڭ ئىقتىسادىي كۈچى خىتايدىن تۆۋەن. ئەمما دېڭىز ئارمىيە ۋە ھاۋا ئارمىيە كۈچىنى تۆۋەن دېگىلى بولمايدۇ.

ھىندىستاننىڭ ھىندى ئوكياندا خىتايغا تەھدىت سېلىشى ئاسان، ئەمما خىتاينىڭ ھىندىستانغا تەھدىت سالالىشىش ئاسان ئەمەس، چۈنكى خىتاينىڭ دېڭىز ئارمىيىسى ئاجىز، ئوكيانلاردا يىراققا تېز بارالمايدۇ. بۇ جەھەتتە ھىندىستان خىتايدىن كۈچلۈك، ئۇنىڭ ئاۋىئاماتكىلىرى بار، خىتاينىڭ يوق. خىتاينىڭ ھىندىستانغا تەھدىت سالالايدىغان بىرلا يېرى تىبەت، ئەمما تىبەت ئېگىزلىكىدە قاتناش قولايسىز، خىتاي بۇ رايوندا كۆپ ئەسكەر سەپەرۋەر قىلالمايدۇ، بۇ رايوندا تەبىئىي شارائىتقا ماسلىشىش جەھەتلەردە يەنىلا ھىندىستان ئالاھىدە ئۈستۈنلۈككە ئىگە.

خىتاينىڭ ھىندىستانغا تاقابىل تۇرىدىغان كۈچلۈك تەدبىرى پاكىستاننى قوللاش

كلېرمونت تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى لىن چاڭشېن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خەلقئارا سىياسەت كۈچكە باغلىق. خىتاينىڭ ھىندىستانغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن قوللىنىۋاتقان كۈچلۈك تەدبىرى پاكىستاننى قوللاش. پاكىستان ئارقىلىق ھىندىستاننى چەكلىمىگە ئۇچرىتىش. بۇ خىتاينىڭ جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئاساسلىق سىياسىتى.

ھىندىستاننىڭ بىرلا پاكىستاندىن باشقا رىقابەتچىسى يوق. لېكىن خىتاي تاقابىل تۇرۇشقا تېگىشلىك تەرەپلەر كۆپ، دېمەك، خىتاينىڭ ئىستراتېگىيە مۇھىتى ھىندىستاندىن كۆپ ناچار. گەرچە خىتاي ھىندىستان بىلەن تىنچ ئۆتۈش ئارزۇسى بارلىقىنى ئىپادىلەۋاتسىمۇ، ئەمما خىتاي ھىندىستانغا قاراتقان بۇ تەدبىرىنى ھېچقاچان ئاجىزلاشتۇرۇپ باققىنى يوق. چۈنكى پاكىستان خىتاينىڭ ئىستراتېگىيە جەھەتتىكى بىرلا بايلىق مەنبەسى. پاكىستان مەغلۇپ بولسا، خىتاينىڭ ھىندىستاننى چەكلىمىگە ئۇچرىتىدىغان كۈچى قالمايدۇ.

ھىندى ئوكياندا ئامېرىكىدىن قالسا ھىندىستان كۈچلۈك

كلېرمونت تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى لىن چاڭشېن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي گەرچە پاكىستان بىلەن بېرمىنى قوللىغانلىقىنى ھىندىستاننى ئۈچ تەرەپتىن مۇھاسىرىگە ئالغانلىق دەپ قارىسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ ئۇنداق رول ئوينىمايدۇ. چۈنكى بېرمىنىڭ ھىندىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمۇ ياخشى، ئۇ پۈتۈنلەي خىتايغا يانتاياق بولمايدۇ. پاكىستانمۇ خىتاينىڭ ياردىمىسىز ھىندىستان بىلەن رىقابەتلىشەلمەيدۇ.

پۈتۈن ھىندى ئوكيان ئىستراتېگىيىسىدىن قارىغاندا، ھىندى ئوكياندا ئامېرىكىدىن قالسا ھىندىستان كۈچلۈك. بۇ قېتىم ھىندىستاننىڭ دېڭىز، ھاۋا پەۋقۇلئاددە قىسىملىرى ھىندى ئوكياندا چوڭ مانېۋېر ئۆتكۈزۈپ، دېڭىزدا پاراخوتلارنى توسۇش مەشىقى ئېلىپ بېرىپ كۈچىنى كۆرسىتىپ قويدى. خىتاي ھازىر تىنچ ئوكياندىكى توسالغۇلارغا تاقابىل تۇرالماي قالغان ھازىرقى ئەھۋالدا، ھىندى ئوكيانغا ئۆتەلىگىدەك كۈچكە ئىگە ئەمەس.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.