خىتاينىڭ «ئاز تۇغۇپ، تېز بېيىش» قۇرۇلۇشى ئۇيغۇرلارغا نېمىلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ
2012.08.22
خىتاي 730 مىليونغا يېقىن بۇ پىلانلىق تۇغۇت مەبلىغىنى يەنىمۇ كۆپ ئائىلىلەرنى يەنى خىتايدىن باشقا مىللەتلەرنىمۇ پەقەت بىرلا پەرزەنتلىك بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش، بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك مىللەتلەر نوپۇسىنى كونترول قىلىش پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا سەرپ قىلىدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت مۇكاپاتىغا ۋە ئېتىبارىغا ئېرىشىش ئۈچۈن بىردىن ئارتۇق پەرزەنتلىك بولۇش پۇرسىتىدىن ۋاز كېچىش، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ بۇ ھەقتە ئوخشىمايدىغان پىكىرلەرنى مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە تەييارلىغان پروگراممىدىن ئاڭلايمىز.
مەلۇم بولغاندەك، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى 30 يىلدىن بۇيان دۆلەتنىڭ تۈپ سىياسىتى دەپ كۈچلۈك رەۋىشتە يۈرگۈزۈپ كەلگەن خىتاي ھۆكۈمىتى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇ سىياسەتكە ئاز تولا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، بارا- بارا خىتايلارغىمۇ بەزى شەرتلەر بىلەن ئىككىنچى ياكى ئۈچىنچى پەرزەنت كۆرۈشكە يول قويىدىغان كەڭچىلىك ھالەتنى شەكىللەندۈرمەكتە. ھالبۇكى، ئەكسىچە ئەسلىدە خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قاراتقان پىلانلىق تۇغۇت قانۇنى بويىچە، ئۇيغۇرلار ئىككى ياكى ئۈچ پەرزەنتلىك بولۇشقا ھەقلىق بولسىمۇ، يېقىنقى يىللاردىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ بىردىن ئارتۇق پەرزەنت كۆرمەسلىكى ئۈچۈن تۈرلۈك سىياسەت، تەدبىرلەرنى قوللانماقتا.
ئىلگىرى ئاڭلىتىشىمىزدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ مەقسەت ھەم نىشانى ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى، «ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى نوقۇل ھالدا نوپۇس كونترول قىلىشنى مەقسەت قىلغان بولسا،خىتاي ئۆلكىسىدىن نوپۇس يۆتكىشىنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى، بىر تەرەپتىن كۆچمەن يۆتكەپ ئۇلارنى يەرلىكلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىش بىلەن تەڭ، ئۇيغۇرلارغا قارىتا نوپۇس كونتروللۇقىنى كۈچەيتىشى، ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئېلىدە ئاز سانلىققا چۈشۈرۈش، بۇ ئارقىلىق ئۇلارنى بارلىق ھوقۇق مەنپەئەتلىرىدىن، ھەتتا مىللەت سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇشتىنمۇ مەھرۇم قىلىشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلايدۇ» دېگەن ئىدى. شۇنداقلا «ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ ئۆز ۋەتىنىدە ئاز سانلىققا چۈشۈپ قېلىشى، ھەتتا كەلگۈسى ئەركىنلىك، مۇستەقىللىق ئارزۇسىنىڭ بەربات بولۇشىغا سەۋەب بولۇپ قالىدىغانلىقى» نى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.
يېقىندا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى مەخسۇس ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى بىردىن ئارتۇق پەرزەنت كۆرمەسلىككە رىغبەتلەندۈرۈش، بۇ ئارقىلىق نوپۇسنى كونترول قىلىشقا مەخسۇس مەبلەغ ئاجراتتى. شۇنداقلا بۇ خىل پىلانلىق تۇغۇت تەدبىرىگە «ئاز تۇغۇپ تېز بېيىش» قۇرۇلۇشى دەپ بەردى. بۈگۈن بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى مەمەت توختى ئەپەندى، ئۇيغۇرلار ئاز تۇغقاندىلا باي بولالامدۇ؟ كۆپ پەرزەنتلىك بولۇش ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىش ئۇيغۇرلارغا نېمىلەردىن دېرەك بېرىدۇ؟ دېگەندەك مەسىلىلەرگە قارىتا ئۆزىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ «خىتاينىڭ مەقسىتى ئېنىق، ئۇيغۇرلارنى بىر چەتتىن مەدەنىيەت، تىل جەھەتتىن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ، يەنە بىر جەھەتتىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە تارقاقلاشتۇرۇپ، يەنە بىر جەھەتتىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى نوپۇسنىڭ كۆپىيىشىنى بار ئامال بىلەن قىسىپ ئاخىرىدا يوق قىلىش» دېدى.
شۇنداقلا يەنە، ئاتالمىش «ئاز تۇغۇپ، تېز بېيىش» قۇرۇلۇشى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەكسىچە، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن نامراتلىقتىن باشقا نەرسە ئېلىپ كەلمەيدۇ دەپ قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى، ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ، ھەر بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس جەھەتتىن كۆپىيىشىدە مىللىي ھەم دىنىي بۇرچى، مەسئۇلىيىتى بار دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ھەر تەرەپتىن يوقىتىشنى مەقسەت قىلىۋاتقان سىياسەتلىرى كۈچىيىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇدىيىتى تەھدىتكە ئۇچراۋاتقان كەسكىن ۋەزىيەتتە، ئۆزىنى ۋە ۋەتىنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ كۆپ پەرزەنتلىك بولۇشقا چاقىردى.