خىتاي، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە


2005.06.14

خىتاي شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى - خىتاي دۆلەتلىك پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى پەن گۈييۈ 9 - ئىيۇن كۈنى، يەنى ۋاشىنگتوندىكى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئېچىلغان خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ھەققىدىكى ئىسپات بېرىش يىغىنىنىڭ ئەتىسى، خىتايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 30 نەچچە يىلدىن بۇيان يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى ھەمدە بۇ خىل سىياسەتنىڭ دۇنيا نوپۇسىنى كونترول قىلىشقا زور تۆھپە قوشقانلىقىنى مەلۇم قىلدى.

پەن گۈييۈن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا "خىتايدا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى يۈرگۈزۈلگەندىن بۇيان، بوۋاقلارنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى ھەتتا بەزى جايلاردا بۇ جەھەتتە چېكىنىش ھالىتى شەكىللەندى. مەزكۇر سىياسەت بېكىتىلگەندىن بۇيانقى 30 نەچچە يىلدىن بېرى، خىتايدا ئاز دېگەندە 300 مىليون ئادەم ئاز تۇغۇلدى. بۇ ياۋرۇپا نوپۇسىغا تەڭ ئىنساننىڭ كەمەيگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. دېمەك بۇنداق زور ئۈنۈم، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىدىن ھاسىل بولدى" دەپ كۆرسەتتى.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېزىلاردىكى بىر پەرزەنتلىك ئائىلىلەرنى مۇكاپاتلاش تۈزۈمىنى يولغا قويماقچى

خىتاي دۆلەتلىك پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى پەن گۈييۈ مەزكۇر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇندىن كېيىن پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئىجرا قىلىشتا، يېزىلاردىكى بىر پەرزەنتلىك ئائىلىلەرنى مۇكاپاتلاش، يەنى بىر پەرزەنتلىك ياشانغان ئەر - ئايالغا بالىسى 16 ياشقا كىرگەندىن كېيىن، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ھەر ئايدا ئاز دېگەندە 600 يۈئەندىن ياردەم پۇلى بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى مەلۇم قىلغان.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۇكاپاتلاش تۈزۈمىگە بولغان قارىشى

بىر بۆلۈم خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئىجرا قىلىشتا قوللانماقچى بولىۋاتقان بۇ خىل مۇكاپاتلاش تۈزۈمىنى ئىلگىرىكى باشقا چارە - تەدبىرلىرىگە سېلىشتۇرغاندا، بىر خىل ئىلگىرىلەش دەپ بىلدۈرمەكتە.

بېيجىڭ پەن - تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئىقتىسادشۇناس خۇ خىندۇ ئەپەندى " يېزىلاردا يۈرگۈزمەكچى بولىۋاتقان بۇ خىل مۇكاپاتلاش تۈزۈمى ياشانغان دېھقان ئەر - ئاياللار ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ كەلگۈسى تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش رولىنى ئوينايدۇ. چۈنكى بۇ خىل تۈزۈم ئارقىلىق، يېزىدىكى ياشانغان ئەر- ئاياللارنىڭ كەلگۈسىدە پەقەت يەر ياكى بالا-چاقىسىغا تايىنىپ قالىدىغان ئەھۋالى ئاخىرلىشىدۇ" دەپ كۆرسەتتى.

خوڭكوڭدىكى سىياسىي ئانالىزچى خې لياڭلياڭمۇ مەزكۈر مۇكاپاتلاش سىياسىتىنى قوللىغان ھالدا "مەنچە بۇ يېزا خەلقى ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، كىشىنى ناھايىتى جەلپ قىلىدىغان سىياسەت" دەپ بىلدۈردى.

خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ پىلانلىق تۇغۇتقا بولغان قارىشى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى يىللاردىن بۇيان، غەرب ئەللىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلمەكتە. لېكىن بىر قىسىم خىتاي مۇتەخەسسىس ۋە ئانالىزچىلىرى " پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ھەققىدە، غەرب دۆلەتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتاينى ئەيىبلىشىنى پۈتۈنلەي توغرا دېگىلى بولمايدۇ، چۈنكى خىتايدا ھازىر مەۋجۇت بولۇۋاتقان ئەڭ چوڭ مەسىلە نوپۇسىنىڭ ھەددىدىن تاشقىرى كۆپلىكىدىن كېلىپ چىقىۋاتقان مەبلەغ يېتىشمەسلىك ۋە ئىشسىزلىق مەسىلىسى" دەپ بىلدۈردى.

ئۇيغۇرلارنىڭ قارىشى

ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتاقلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىم " خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي مىللىتىنىڭ نوپۇسىنى ئازايتىمىز دەپ، ئۇيغۇر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نوپۇسىنى بىردەك ئازايتىشى ئەقىلغا سىغمايدىغان ئىنتايىن خاتا ۋە يولسىز بىر ئىش" دەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىدى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى ئازايتىۋاتقانلىقى، زوراۋانلىق بىلەن ئېلىپ بېرىلغان پىلانلىق تۇغۇتتا نۇرغۇن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. رابىيە قادىر خانىم خىتاينىڭ يېزىلىرىدا يولغا قويماقچى بولۇۋاتقان پىلانلىق تۇغۇت ھەققىدىكى مۇكاپاتلاش تۈزۈمىنى " پۈتۈنلەي بىر خىل ئالدامچىلىق تۈزۈم " دەپ كۆرسەتتى.

چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىمۇ "خىتايدا ئاز سانلىق مىللەتلەر ناھايىتى ئاز ساننى ئىگىلەيدۇ. ئۇلار مىڭ كۆپەيگەندىمۇ، ھېچقانچە ساننى ئىگىلىيەلمەيدۇ. شۇڭا پىلانلىق تۇغۇت مەسىلىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرگە خىتاي مىللىتىگە قوللىنىۋاتقان سىياسەتنى قوللانماسلىقى كېرەك. ئۇلارغا مەيلى قانچە پەرزەنتلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر يول قويۇشى كېرەك " دەپ بىلدۈرمەكتە. (مېھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.