
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ئۇيغۇر ئېلىدا يىللاردىن بېرى قاتتىق رەۋىشتە ئىجرا قىلىنىپ كەلگەن ئىدى. گەرچە خىتاي پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى بويىچە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئادەتتىكى ئىشچى خىزمەتچىلىرى يەنى شەھەر نوپۇسىدىكىلەرگە ئىككى يېزا نوپۇسىدىكىلەر ئۈچكىچە قەدەر پەرزەنت كۆرۈشكە بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر سىياسىتىگە بارا - بارا ئۆزگەرتىشلەرنى كىرگۈزۈپ، تۈرلۈك مۇكاپاتلاش- جازالاش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى پەقەت بىرلا پەرزەنتلىك بولۇشقا مەجبۇر قىلماقتا.
خىتاي ھەر قىل ئۇسسۇللار بىلەن ئۇيغۇرلارنى بىر بالىلىق بولۇشقا زورلىماقتا
يېقىندا شىنجاڭ گېزىتى بۇ ھەقتە "1995 - يىلىغىچە پىلانلىق تۇغۇت شەرەپنامىسى، يالغۇز پەرزەنتلىك ئاتا -ئانا شەرەپنامىسى ئالغان ئائىلىلەر 820 مىڭغا يەتتى" دەپ خەۋەر ئېلان قىلغان ئىدى.
شۇنداقلا ئىگە بولغان مەلۇماتلىرىمىز ھەمدە رادىئومىزغا كەلگەن ئىنكاسلاردىن ئاشكارىكى، خىتاي ھۆكۈمىتى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى داۋاملىق قاتتىق ئۇسسۇلدا يۈرگۈزۈپ، پىلاندىن سىرت پەرزەنتلىك بولغان ئۇيغۇرلاردىن ئېغىر جەرىمانە ئالغاندىن سىرت بالىسىنى نوپۇسقا ئالماسلىق، ئاتا ئانىسىنى خىزمەت ئورنىدىن بوشىتىشقا ئوخشاش ئۇسۇللارنى قوللانماقتا. ھەممىدىن ئېغىرى پىلاندىن سىرت ھامىلدار بولدى دەپ قارالغان ئاياللارنى بايقىغان ھامان ھامىلىنىڭ قانچىلىك چوڭ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مەجبۇرى بالا چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيىلىرىنى قىلىش ئارقىلىق ئانا ھەم بالىلارنىڭ ئىنسانىي ھەق ھوقۇقىنى ئېغىر دەخلى تەرۇزغا ئۇچراتماقتا. شۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇر ئېلىدىن رادىئومىزغىمۇ داۋاملىق پىلانلىق تۇغۇر سىياسىتىغا نارازىلىق ئىنكاسلىرى كەلمەكتە.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنى "نوپۇس جەھەتتە كونتورل قىلىش زۆرۈرىيىتىمۇ بولمىغان ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى قاتتىق قوللۇق بىلەن يۈرگۈزۈش "ئىرقىي قىرغىنچىلىق "سىياسىتىدۇر"، دەپ ئەيىبلىمەكتە.
خىتاينىڭ سىياسىتى يەنىمۇ غالجىرلاشتى
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ھەققىدە بەرگەن قارارلىرى ھەمدە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى بارغانچە كۈچەيمەكتىكى، ھېچ سۇسلىغىنى يوق. يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايون پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى نۇر بەكرى، ئاپتونۇم رايون ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 2010 - يىلىغىچە 22 مىليون ئەتراپىدا كونترول قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتى 11 - بەش يىللىق پىلانى جەريانىدا پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان مەخسۇس مەبلەغنى يىلىغا يەنە ئالتە مىليون يۈئەن كۆپەيتىشى قارار قىلدى. مانا بۇلار پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يەنىمۇ كۈچەيتىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىپ تۇرماقتا.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 11 - بەش يىللىق پىلانى بويىچە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېزا بازار ھەم ناھىيىلىرىدىكى پىلانلىق تۇغۇت پونكىتلىرىنىڭ مۇلازىمەت سىستېما قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق كۈچەيتىدىغانلىقى ھەققىدىكى قارارىنىڭ قانداق يوسۇندا ئېلىپ بېرىلىشكە باشلىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، قەشقەرنىڭ مەلۇم ناھىيىسىدىكى بىر يېزىلىق پىلانلىق مۇلازىمەت پونكىتىدىن ئەھۋال ئىگىلىدۇق، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان پىلانلىق تۇغۇت خادىمى، يېقىندىن بۇيان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ تېخىمۇ كۈچەيتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
قەشقەرنىڭ بۇ يېزىلىق پىلانلىق تۇغۇت پونكىتىدىن ئىگە بولغان مەلۇماتلاردىن ئېنىقكى، نۆۋەتتە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېزىلىرىدا تېخىمۇ قاتتىق يۈرگۈزۈلمەكتە ئىكەن. ۋە شۇنداقلا بۇ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ يەنىمۇ ئېغىرلىشىدىغانلىقىدىن بەلگە بەرمەكتە. (گۈلچېھرە)