فىلىپپىن ئارال مەسىلىسىدە خىتاي بىلەن ب د ت دا سۆزلەشمەكچى

6‏-ئاينىڭ 2‏-كۈنى فىلىپپىن پرېزىدېنتى ئاكىنومۇ خىتاينىڭ فىلىپپىن ئاراللىرىغا تاجاۋۇز قىلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

0:00 / 0:00

5‏-ئاينىڭ 30-كۈنى، ۋيېتنام ئۆزلىرى پاراسېل ئاراللىرى دەپ ئاتايدىغان ئاراللاردا نېفىت قىدىرىۋاتقان پاراخوتلىرىغا، خىتاينىڭ ھۇجۇم قىلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى. 6‏-ئاينىڭ 2‏-كۈنى فىلىپپىنمۇ، ئۆزنىڭ پالاۋان ئۆلكىسىگە تەۋە ئاراللارغا خىتاينىڭ كۆپ قېتىم تاجاۋۇز قىلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، برۇنېيدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان فىلىپپىن پرېزىدېنتى ئاكىنو 6‏-ئاينىڭ 2‏-كۈنىدىكى ئاخبارات يىغىنىدا، فىلىپپىن ئەمدى، خىتاينىڭ فىلىپپىن تېررىتورىيىسىگە تاجاۋۇز قىلغانلىقى ھەققىدە تەييارلانغان دوكلاتنى ب د ت غا يوللايدۇ، ئارال مەسىلىسىدە خىتاي بىلەن خەلقئارا سورۇندا تىغمۇ-تىغ سۆزلىشىدۇ، دەپ جاكارلىغان.

فىلىپپىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى روسارىئو بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، فىلىپپىننىڭ ئەتراپىدىكى تاقىم ئاراللاردا خىتاينىڭ قاراۋۇل پونكىتى قۇرۇۋالغانلىقى ۋە ھەربىي لاگېر قۇرۇپ ئەسكەر تۇرغۇزۇشنى پىلانلاۋاتقانلىقى 2002‏-يىلىدىكى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا كېلىشىمىگە خىلاپ، دەپ كۆرسەتكەن.

فىلىپپىن ھەربىي دائىرىلىرى تەييارلىغان دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، خىتاي 2‏-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن بۇيان، فىلىپپىن تەۋەلىكىدىكى ئاراللارغا 7 قېتىم تاجاۋۇز قىلغان. ھەتتا فىلىپپىننىڭ 125 دېڭىز چاقىرىملىق دائىرە ئىچىدىكى ئىقتىسادىي رايونى بولغان پالاۋان ئۆلكىسىگە تەۋە بىر ئارالغا قاراۋۇل پونكىتى قۇرۇۋالغان. بۇ، فىلىپپىننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئوچۇق-ئاشكارا تاجاۋۇز قىلغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ مانىلاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى گەرچە فىلىپپىن ئوتتۇرىغا قويغان بۇ مەسىلىنى ئىنكار قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ۋەقەلەرنى يەنىلا، خىتاينىڭ پاراخوتلىرى جەنۇبىي تاقىم ئاراللىرىدا نورمال ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ، دەپ بۇرمىلاپ كۆرسەتكەن.

خىتاينىڭ فىلىپپىن تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق تارتىلغان فوتو سۈرەتلەر ۋە ھۆججەتلەر، فىلىپپىندا چىقىدىغان «فىلىپپىن يۇلتۇزى» گېزىتىدە ئېلان قىلىندى. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، فىلىپپىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋولتارىئو گازمىن، خىتاينىڭ ھازىر، يىللاردىن بۇيان دېڭىزدىكى بايلىقلاردىن ئورتاق پايدىلىنىشنى ئۇرۇشتىن خالى بولىدىغان ياخشى چارە دەپ قاراپ كېلىۋاتقان فىلىپپىننىڭ تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلىۋاتقانلىقىنى، فىلىپپىننىڭ كالايائان ئاراللىرىدىكى كاگتىنگان ئارىلىدا ئاللىقاچان بىر قاراۋۇل پونكىتى قۇرۇۋالغانلىقىنى، شۇنداقلا، بۇنىڭغا يېقىن بولغان باشقا ئاراللاردا ھەربىي لاگېر ۋە ئېلېكترونلۇق ئۇچۇر مۇنارى سېلىشقا باشلىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان.

ۋىكى ئېنسىكلوپېدىيىسىدە بايان قىلىنىشىچە، كالايائان ئاراللىرى فىلىپپىننىڭ دېڭىزدىكى بىر ئىقتىسادىي رايونى بولغان پالاۋان ئۆلكىسىگە تەۋە بەشىنچى ئاپتونومىيە. بۇ ئارالدا 300 دىن ئارتۇق فىلىپپىن پۇقراسى ياشايدۇ، ئۇلار ئاساسەن بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. بۇ ئارالدا يەنە فىلىپپىننىڭ ئىچىملىك سۇ فىلتىرلاش زاۋۇتى بار، ھەربىي ئايروپىلانلىرى ئۇچۇپ-چۈشىدىغان يول بار، بۇ ئارالنىڭ ئېنېرگىيە ئېھتىياجى دۋىگاتېلدا ھاسىل قىلىنغان ئېلېكتر بىلەن قامدىلىدۇ. فىلىپپىن ھۆكۈمىتى بۇ ئارالغا كېرەكلىك يېمەك ۋە باشقا بۇيۇملارنى ھەر ئايدا بىر قېتىم يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. فىلىپپىن بۇ ئارالنى ساياھەت رايونى قىلىشنى پىلانلاپ كەلمەكتە.

كالايائان ئاراللىرىغا دائىر تارىخى ھۆججەتلەرگە قارىغاندا، فىلىپپىن تەۋەككۈلچىسى توماس كلوما 1947‏-يىلى لۇزون دېڭىزى دەپ ئاتالغان (خىتايلار جەنۇبىي دېڭىز دەپ ئاتاۋاتقان) بۇ دائىرىدىكى ئادەم ياشىمايدىغان ئاراللارنى تەكشۈرگەندە، كالايائان ئاراللىرىدا بېلىقچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى پىلانلىغان ئىكەن.

خەۋەر ئارخىپلىرىغا قارىغاندا، يەر كۆلىمى 150 مىڭ كۋادرات دېڭىز چاقىرىمىلىق بۇ كالايائان ئاراللار توپىغا، بۇرۇنېي، خىتاي، مالايشىيا، تەيۋەن، ۋيېتناممۇ ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى جاكارلاپ كېلىۋاتىدۇ. كالايائان ئاراللىرىدىكى 50 ئارالنىڭ كۆپىنچىسىنى يىللاردىن بۇيان فىلىپپىن تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتىدۇ.

كالايائان ئاراللىرى مەسىلىسىدىكى ھازىرقى توقۇنۇش پەقەت، كالايائان ئاراللار توپىدىكى كۆپىنچە ئارالنى يىللاردىن بۇيان تەرەققىي قىلدۇرۇپ كېلىۋاتقان فىلىپپىن بىلەن ھازىر ھەربىي كۈچىگە تايىنىپ ئەتراپقا كېڭىيىشكە باشلىغان خىتاي ئارىسىدىلا يۈز بەردى. فىلىپپىن ئۆزىنىڭ ھەربىي كۈچى خىتايغا تاقابىل تۇرۇشقا ئاجىز كېلىدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، مەسىلىنى ب د ت غا يوللاپ، خىتاي بىلەن خەلقئارا سورۇندا سۆزلەشمەكچى بولۇۋاتىدۇ. فىلىپپىن يەنە بۇ مەسىلىگە چېتىشلىق دۆلەتلەرنىمۇ مەيدانغا چىقىپ، بىرلىكتە تۇرۇپ، خىتاي بىلەن تىغمۇ-تىغ سۆزلىشىشكە چاقىردى.