پېشقەدەم ئوفېتسىر ئۆمەرجان ئاكا كەچۈرمىشلىرى توغرىسىدا توختالدى

12 - نويابىر كۈنى ئالماتادىكى دوستلۇق مەھەللىسىنىڭ "سابرىنا" كافىسىغا جەم بولغان ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىمىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن ئىدى.

0:00 / 0:00

مەزكۇر مۇراسىمدا 1933 - يىلى قەشقەردە ھەم 1944 - يىلى غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دۆلەتلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىش تارىخىدىن، شۇنداقلا ھازىرقى دۇنيا ۋەزىيىتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى پائالىيىتىدىن ئەتراپلىق دائىرىدە مەلۇماتلار بېرىلدى.

پائالىيەتكە قاتناشقان پىشقەدەم ئوفېتسىرلاردىن ئۆمەرجان ئاكا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، كەچۈرمىشلىرى توغرىسىدا توختالدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.