پولات زاۋۇتىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈلگىسى گۈلجەننەت بارات خىزمەتتىن ھەيدەلگەن

ئۈرۈمچى پولات زاۋۇتىنىڭ ئىشچىسى گۈلجەننەت بارات، 2005-يىلى زاۋۇت رەھبەرلىرى تەرىپىدىن سۇنۇلغان بىر ئاق قەغەزگە قول قويدى. ئۇ بۇ قەغەزنىڭ نېمىلىكى ۋە قۇدرىتىنى 2008-يىلى ئىشتىن بوشىتىلغان چاغدىلا تونۇپ يەتتى.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2011.10.25
polat-tomur-ishchisi-305.jpg خەۋپ-خەتەرگە قارىماي جاپالىق ئىشلەۋاتقان پولات-تۆمۈر تاۋلاش ئىشچىلىرى. 2008-يىلى 10-ئىيۇل.
AFP

14 يىللىق خىزمەت ئىستاژىمۇ، 10 يىللىق كومپارتىيە ئەزالىق سالاھىيىتىمۇ، ھەتتا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈلگىسى» دېگەن يالتىراق گۇۋاھنامىلىرىمۇ، ئۇنى ئىشتىن ھەيدىلىشتىن قوغداپ قالالمىدى. پولات زاۋۇتىنىڭ تۇنجى ئەۋلاد ئىشچىلىرىنىڭ پەرزەنتى بولغان گۈلجەننەت بارات ۋە ئۇنىڭ يولدىشى خالمۇرات نۆۋەتتە ئىشسىز؛ ئۇلار ھەر دەرىجىلىك خىتاي ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا ئۆزلىرىنىڭمۇ زاۋۇتتىكى خىتاي كۆچمەنلىرىگە ئوخشاشلا ئىشلەش ۋە ياشاش ھەققى بارلىقىنى بىلدۈرۈش ۋە تەلەپ قىلىش بىلەن ئاۋارە.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن گۈلجەننەتنىڭ بۇ قىسمىتىنى ئۇنىڭ ئۆز ئېغىزىدىن ئاڭلايسىلەر.

بىز بۇرۇنقى پروگراممىلىرىمىزدا، پولات زاۋۇت ئىشچىلىرىدىن گۆھەر مەمەت، ئايگۈزەل ۋە رەيھانگۈللەرنىڭ قىسمەتلىرىنى ئاڭلاتقان ئىدۇق. گۆھەر مەمەت ئۆزىنى ھاقارەت قىلغان خىتاي تىجارەتچىنىڭ دۇكىنىغا ئوت قويۇۋېتىشكە ئۇرۇنۇپ ، ساقچىلار تەرىپىدىن بېسىقتۇرۇلغان. رەيھانگۈل، شاڭخەيدە بېلىكىنى كېسىپ قان ئېقىتىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ زاۋۇت ۋە ھۆكۈمەت رەھبەرلىكىگە نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.