كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى پورتۇگالىيىنىڭ گۇئانتانامو تەكلىپىنى قارشى ئالدى

پورتۇگالىيە ھۆكۈمىتى يېقىندا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىغا خەت يېزىپ، گۇئانتانامودىكى دۆلىتىگە قايتالمايدىغان تۇتقۇنلارنى ياۋروپا ئەللىرىگە قوبۇل قىلىش، ئامېرىكىنىڭ گۇئانتانامو لاگېرىنى تاقىشىغا ياردەمدە بولۇشنى تەكلىپ قىلغان ئىدى.

0:00 / 0:00

پورتۇگالىيىنىڭ تەكلىپى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشىپلا قالماي، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭمۇ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن.

ئامېرىكىغا تەھدىت ئەمەس دەپ ئاقلانغان، لېكىن دۆلىتىگە قايتالمايدىغان تۇتقۇنلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسى ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇش ھاكىمىيەت سورىغان كېيىنكى 4 يىلدا ئامېرىكا دۇچ كەلگەن بىر تەرەپ قىلىش تەس ئەڭ نازۇك مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان ئىدى. گۇئانتانامودىكى 17 نەپەر ئۇيغۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاز دېگەندە 50 تەك تۇتقۇننى قوبۇل قىلىشنى خالايدىغان 3 ‏ - بىر دۆلەت ھازىرغا قەدەر چىقمىغان ئىدى.

بۇش ھۆكۈمىتى بولسا بۇ كىشىلەرنى ئامېرىكىغا قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكا فېدېرال سوتىنىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىش ھەققىدىكى قارارىنى ئىجرا قىلىشنى توختاتقان. بۇ ئەھۋالدا پورتۇگالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئامادونىڭ يېقىندا ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىغا يوللىغان خېتىدە ئوتتۇرىغا قويغان گۇناھسىز، دەپ ئاقلانغان گۇئانتانامو تۇتقۇنلىرىنى ياۋروپا ئەللىرىگە قوبۇل قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىش ھەققىدىكى تەكلىپى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشمەكتە. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ تېررورلۇق مەسىلىلىرى بۇيىچە يۇقىرى دەرىجىلىك مەسلىھەتچىسى جېين دېسكال، پورتۇگالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئامادونىڭ ياۋروپا ئەللىرىگە گۇئانتانامودىكىلەرنى قوبۇل قىلىشنى تەكلىپ قىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ بۇ مەسىلە ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشنى تەكلىپ قىلغانلىقىنىڭ ئۆزى مۇھىم بىر قەدەم، دەپ كۆرسەتتى.

جېين دېسكال رادىئومىزغا بەرگەن بۇ ھەقتىكى باياناتىدا "پورتۇگالىيىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنى تۇتقۇنلار مەسىلىسىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشقا چاقىرىپ، مۇزاكىرىگە قاتنىشىش، بەزى تۇتقۇنلارنى قوبۇل قىلىش قارارى چىقىرىش جەريانىغا يېتەكچىلىك قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەنلىكى ناھايىتى مۇھىم بىر قەدەم. ئامېرىكا گۇئانتانامو مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا خەلقئارا شېرىكلىرىنىڭ ۋە ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ھەمكارلىقىغا مۇھتاج شۇنداقلا بۇنىڭ ئەڭ مۇھىم يولى ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ بەزى تۇتقۇنلارنى قوبۇل قىلىشىدۇر" دەپ كۆرسەتتى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ھازىرغا قەدەر ئاز دېگەندە 70 دۆلەت بىلەن گۇئانتانامودىكى تۇتقۇنلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان بولۇپ، بۇ دۆلەتلەرنى يۇرتىغا قايتالمايدىغان تۇتقۇنلارغا پاناھ جاي بېرىشكە ئۈندىگەن. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باش ئەلچىسى كلىنت ۋىللىئامسون بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا بەرگەن بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەر بىلەن تۇتقۇنلار مەسىلىسى ئۈستىدە كۆپ قېتىم سۆھبەت ئېلىپ بارغانلىقىنى، لېكىن ياۋروپا ئەللىرىنىڭ ئۆزلىرىنى گۇئانتاناموغا چېتىۋېلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى، پورتۇگالىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى بەزى دۆلەتلەر بىلەن ئېلىپ بارغان بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىنىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇنلارغا چېتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ پورتۇگالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئامادونىڭ تەكلىپىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ،" بىز بۇ تەكلىپنى قارشى ئالىمىز " دېگەن ئىدى.

لېكىن كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىدىكى جېين دېسكالنىڭ ئەسكەرتىشىگە قارىغاندا "گۇئانتانامو مەسىلىسىنى ئامېرىكا ئۆزى ياراتقان، شۇڭا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى ئاساسى مەسئۇلىيەت ئامېرىكىنىڭ ئۈستىدە. لېكىن ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلغاندا ئامېرىكا يەنىلا شېرىكلىرىنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج. پورتۇگالىيىنىڭ تەكلىپى مۇھىم بىر قەدەم، لېكىن بۇ يەنىلا 1 ‏ - قەدەم". ئۇ بۇ مەسىلىنى يېڭى پرېزىدېنت ئوبامانىڭ ھەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. جېين دېسكال " يېڭى سايلانغان پرېزىدېنت باراك ئوباما گۇئانتانامونى تاقايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىز ئۇنىڭ ئۆز ۋەدىسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىشنى كۈتىمىز شۇنداقلا گۈەنتانامونى تاقاش توغرىسىدىكى پىلانىنى پات ئارىدا ئېلان قىلىشىنى، تۇتقۇنلارنى ئامېرىكىغا يۆتكەپ، جازالىنىدىغانلارنى ئامېرىكىدا جازالاشنى باشلىشىنى، ئادىلانە سوت سىستېمىسىدا جازالىشىنى، باشقىلارنى يۇرتىغا قايتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. لېكىن بىر قىسىم تۇتقۇنلار بار، ئۇلارنى يۇرتىغا قايتۇرۇشقا بولمايدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئېغىر تەن جازاسى ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچراش ئېھتىمالى مەۋجۇت. شۇڭا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئامېرىكىغا ھەمكارلىشىپ، تۇتقۇنلارنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشى ناھايىتى مۇھىم " دەيدۇ.

ھازىر گۇئانتانامودىكى ھەربىي لاگېرغا سولانغان تۇتقۇنلارنىڭ سانى 250 ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى يۇرتىغا قايتۇرۇلسا بولمايدىغان تۇتقۇنلار ئۇيغۇر، ئۆزبېك، ئالجىرىيىلىك، سۈرىيىلىك، تۇنىس ۋە لىۋىيەلىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پورتۇگالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئامادو مەكتۇبىدا يەنە، بىر قىسىم تۇتقۇنلارنى قوبۇل قىلىش ياۋروپا ئىتتىپاقى ئامېرىكىنىڭ گۇئانتانامو مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشىغا ياردەم بېرىشنى خالايدىغانلىقىنىڭ سىگنالى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. مەركىزى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بولسا ئامادونىڭ تۇتقۇنلارنى ياۋروپاغا تەقسىم قىلىشنى ئويلىشىش ھەققىدىكى تەكلىپىنى قارشى ئالدى. ئامادونىڭ مەكتۇبىنىڭ مۇھىم باشلىنىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا، ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى ياۋروپادىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەرگە تەقسىم قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشەندۈردى.

ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون رايونىدىكى بىر فېدېرال سوت مەھكىمىسى بۇ يىل 10 ‏ - ئايدا قارار چىقىرىپ، بۇش ھۆكۈمىتىنى گۇئانتانامودىكى 17 نەپەر ئۇيغۇرنى ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىشكە بۇيرىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇش ھۆكۈمىتى ۋاشىنگتون رايونىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك يەنە بىر سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇپ، تۆۋەن سوتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قويۇۋېتىش ھەققىدىكى قارارىنى ئىجرا قىلىشنى توختاتقان ئىدى. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلار مەسئۇلى ئەمىي مەكلىن بولسا يېڭى پرېزىدېنت ئوبامانىڭ گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، باشقىلارغا ئۈلگە يارىتىشىنى ئۈمىد قىلدى.

ئەمىي مەكلىن رادىئومىز مۇخبىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا بەرگەن جاۋابىدا " بۇش ھۆكۈمىتى گۇئانتانامودىكى تۇتقۇنلارنىڭ بىر قىسىمىنىڭ سالامەت يۇرتىغا قايتىشىنى، يەنە بىر قىسىمىنىڭ ئامېرىكىغا ئورۇنلىشىشىنى رەت قىلدى. مانا بۇ بىز داۋا قىلىۋاتقان، ئىلگىرى سۈرىدىغان قانۇنى مەسىلە. بۇ يىل ئۆكتەبىر ئېيىدا ۋاشىنگتون رايونىدىكى فېدېرال سوت مەھكىمىسىنىڭ بىر سوتچىسى گۇئانتانامودىكى گۇناھسىز، دەپ ئاقلانغان 17 نەپەر ئۇيغۇرنى ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىشنى بۇيرىغان ئىدى. لېكىن بۇ بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ ئەرز قىلىشىغا ئۇچرىدى. بىز ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئەرزنى بىكار قىلىپ، تۇتقۇنلارنىڭ ھەممىسىنى ئامېرىكىغا ئېلىپ كېلىشنى، ئۇلارنى قوغداش، ئۇلارنى قوبۇل قىلىشنى خالايدىغان دۆلەتلەرگە ئۈلگە يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز " دەپ كۆرسەتتى.