باش ئورگىنى نورۋېگىيىدىكى «تىبەت ئاۋازى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىل 3-ئايدا، سىچۈەننىڭ ئابا رايونىدىكى كىرتى بۇددا ئىبادەتخانىسى ئالدىدا، تىبەت راھىبلىرى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى چەكلەۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئۆزىگە ئوت قويۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەن ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى، تىبەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى چەكلەش سىياسىتىنى تېخىمۇ رادىكاللاشتۇردى. خىتاي تىبەتلەرنىڭ كىرتى ئىبادەتخانىسىنى مۇنتىزىم قوراللىق قىسىملار بىلەن مۇھاسىرىگە ئېلىۋېلىپ، بۇ ئىبادەتخانىدىكى مىڭلىغان تىبەت راھىبلىرىغا قارىتا، قاتتىق ھەربىي بېسىمغا تايىنىپ خىتايچە ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە ئېلىپ بېرىپ، بۇ ئارقىلىق تىبەت راھىبلىرىنى پارچىلىماقچى بولدى. ھەتتا پۇل بېرىپ دىندىن چىقىرىش چارىسىنىمۇ قوللاندى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر قانداق بىر تىبەت راھىبى كىرتى ئىبادەتخانىسىدىن چىقىپ كېتىپ، قايتا كىرىپ ئىبادەت قىلماسلىققا ۋەدە بەرسە، 20 مىڭ يۈەن خىتاي پۇلى مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىگىلىك يارىتىۋېلىشى ئۈچۈن ئۈچ يىللىق 50 مىڭ يۈەن ئۆسۈمسىز قەرز بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
مۇھاجىرەتتىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىلى داۋاسېرىننىڭ ئېيتىشىچە، بۇ، خىتاي پارچىلىۋېلىپ ئۆزىنىڭ ھەر قايسى ئۆلكىلىرىگە قېتىۋالغان تىبەتلەر رايونىدا قوللىنىشقا باشلىغان دۆلەت سىياسىتى ئىدى. ئەمما خىتاي كىرتى ئىبادەتخانىسىغا قوللانغان بۇنداق سىياسەت ئاقمىدى. كىرتى ئىبادەتخانىسىدىن خىتاينىڭ بۇنداق مۇكاپاتىنى ئېلىشنى خالىغان بىرمۇ تىبەت راھىبى چىقمىدى. خىتاي قوراللىق قىسىملىرى بۇ ئىبادەتخانىدىن مەجبۇرىي تۇتۇپ سىرتقا سۆرەپ چىقىپ قوغلىغان راھىبلاردىنمۇ، بۇ ئىبادەتخانىغا كىرىپ دىنىي پائالىيەت ئېلىپ بارماسلىققا ۋەدە بېرىپ، 20مىڭ يۈەن مۇكاپات پۇلى ئېلىشنى خالىغان بىرمۇ راھىب چىقمىدى.
داۋاسېرىننىڭ ئېيتىشىچە، تىبەتتە راھىب بولۇش ياكى بولماسلىقنى ھەر بىر كىشى ئۆزى ئەركىن تاللايدۇ. راھىبلىقتىن چىقىپ كەتكەن كىشىنى ھېچكىم چەتكە قاقمايدۇ. ئەمما كوممۇنىست خىتاينىڭ راھىبلىقتىن چىقىپ ئاۋامغا قايتىش دېگەن تەشەببۇسى، تىبەتلەرنى دىندىن چىقىرىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان تەشەببۇس بولغاچقا، تىبەتلەر بۇنىڭغا ھەرگىز ئاۋاز قوشمىدى. تىبەتلەردىن خىتاي بېرىدىغان پۇلنى دەپ ئۆز دىنىدىن چىقىپ كېتىدىغان ئادەم چىقمىدى. ئەمەلىيەتتىمۇ، تىبەتلەر تارىختىن بۇيان ئۆز ئەنئەنىسىدىن ۋاز كېچىپ، خىتاي ئەنئەنىسىنى قوبۇل قىلىپ باققان ئەمەس. خىتاي يىللاردىن بۇيان تىبەتتە يۈرگۈزۈۋاتقان خىتايچە ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە گەرچە ھەر قانچە كۈچلۈك بولسىمۇ، ئەمما تىبەتلەرنى ھېچقاچان ئۆزىنىڭ مىللىي دىنىدىن ئازدۇرالمىدى.
2009-يىلىدىكى ئىستىلىستىكىغا قارىغاندا، مۇھاجىرەتتىكى تىبەتلەرنىڭ سانى 127 مىڭ 935. بۇنىڭ ئىچىدە ھىندىستاندا تۇرۇۋاتقان تىبەتلەر 94 مىڭدىن ئاشىدۇ. نېپالدا تۇرۇۋاتقان تىبەتلەر 13 مىڭدىن ئاشىدۇ. بۇتاندا تۇرۇۋاتقان تىبەتلەر 1 مىڭ 2 يۈزدىن ئارتۇق، دۇنيانىڭ قالغان يېرىدىكى تىبەتلەر 18 مىڭدىن ئاشىدۇ. بۇ مۇھاجىرەتتىكى تىبەتلەر ھازىر دۇنيادىكى دېموكراتىك دۆلەتلەرگە ئوخشاش دىن بىلەن ھاكىمىيەت ئايرىۋېتىلگەن تۈزۈمنى يولغا قويۇۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ مۇھاجىرەتتىكى تىبەت پارلامېنتى، تىبەت كابىنېتى، مۇھاجىرەتتىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى بار. تىبەتلەرنىڭ دىنىي داھىيسى دالاي لاما دىنىي پائالىيەت ئۆتكۈزگىلى بارغانلىكى دۆلەتتە، خىتاينى قالاقلىقنى تاشلاپ ئىلغارلىققا مېڭىشقا، دىنى ئەركىنلىكنى ۋە دېموكراتىيىنى يولغا قويۇشقا چاقىرىپ كېلىۋاتىدۇ.