تۈنۈگۈن ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئىككى نەپەر ئەزاسى دۆلەت مەجلىسىدە، بۇنىڭدىن بۇرۇن ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللىنىپ بولغان 'پۇل ئىسلاھاتى ۋە ئادىل سودا قانۇنى' نى ئەمدى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى دەرھال تەستىقلاش كېرەك دەپ تەكلىپ ئوتتۇرىغا قويدى. ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا ھازىر خىتاي بىلەن تەڭپۇڭسىز سودا مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى مۇھىم ئورۇنغا قويماقتا. شۇنداقلا خىتاينى، بىر تەرەپتىن پۇلنىڭ ئوبوروتتىكى نىسبىتىنى كونترول قىلىۋېلىش، يەنە بىر تەرەپتىن ئېكسپورتنى كۆپەيتىش ئارقىلىق تاشقى پېرېۋوت توپلىدى، بۇ جەرياندا باشقا دۆلەتلەردىكى ئىش پۇرسەتلىرىنى كەملەتتى دەپ قارىماقتا.
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي مەركىزى كومىتېتى ئىقتىسادى ئىشلار كومىتېتىنىڭ 12- دېكابىر كۈنىدىكى يىغىنىدا، پۇل پاخاللىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېچىكتۈرۈشكە بولمايدىغان جىددىي خىزمەت دەپ قارار ماقۇللاندى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىغىندا، بانكىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى يەنە بىر قېتىم يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ۋە 11- ئايدا 5.1% گە يەتكەن پۇل پاخاللىقىنى 3% گە چۈشۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ تۈنۈگۈنكى ھەرىكىتى خىتايغا قارىتا بېسىم شەكىللەندۈرىدۇ
ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان ئىقتىسادشۇناس مۇستەقىل تەتقىقاتچى چېن شاۋنۇڭ، ئامېرىكا بىلەن خىتايدىن ئىبارەت بۇ ئىككى دۆلەت ھازىر بىر-بىرىگە قارىمۇ - قارشى ھالدا يولغا قويۇۋاتقان بۇ ئىقتىسادىي تەدبىرلەر ھەققىدە مۇلاھىزە ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ تۈنۈگۈنكى ھەرىكىتى خىتايغا قارىتا بېسىم شەكىللەندۈرىدۇ. ئامېرىكا يېقىندا خىتاينىڭ بالون ئېكسپورتىنى تۆكۈپ سېتىش دەپ ئەيىبلەپ، جازا قوللانماقچى بولغاندا، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. خىتاي بۇنىڭغا قارشىلىق كۆرسىتەلمىدى.
خىتاي قوللانغان ناچار سىياسەتلەرنىڭ ئاقىۋىتى
چېن شاۋنۇڭنىڭ قارىشىچە، خىتاي يىللاردىن بۇيان، ماللارنى تۆكۈپ سېتىش ئارقىلىق باشقا دۆلەتلەرنىڭ تىجارىتىنى بۇزىدىغان، باشقا دۆلەتلەردىكى ئىش پۇرسەتلىرىنى كاملىتىدىغان قەبىھ سىياسەتلەرنى قوللىنىپ كەلدى. خىتاي گەرچە بۇنداق ناچار سىياسەت ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىنى يۇقىرى ئۆرلەتكەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئارقىلىق ئۆزىگە ناھايىتى يامان ئاقىۋەت - پۇل پاخاللىقى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئويلاپ يەتمىگەن.
چېن شاۋنۇڭنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەڭپۇڭلاشمىغان ئېكسپورت ئارقىلىق توپلىغان تاشقى پېرېۋوت جۇغلانمىسىنى خىتاي بانكىسى ئوبوروتقا قاتناشتۇردى. دەسلەپتە خىتايدا يۈەنگە ئايلاندۇرۇلغان ئىككى تىرىليون 6 يۈز مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بازارغا كىردى. بۇ يىل خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە ئىقتىسادنى ئويغىتىش دېگەن نام بىلەن بىر نەچچە تىرىليون يۈەننى بازارغا سالدى. بۇ، خىتايدا پۇل پاخاللىقىنى پەيدا قىلدى.
خىتاي ئەمدى يۈەننىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرسىمۇ، ئۆستۈرمىسىمۇ، كېلىپ چىقىدىغان نەتىجە ئوخشاش
ئىقتىسادشۇناس چېن شاۋنۇڭنىڭ قارىشىچە، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن كېيىن يۈەننىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرۈشكە قوشۇلسا، خىتاينىڭ ئېكسپورت مىقدارى ئازلايدۇ، ئىقتىسادىي سۈرئەت ئاستىلايدۇ. ئەگەر خىتاي يۈەننىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرۈشكە قوشۇلمىسا، يۈەن پاخاللىشىدۇ، خام ئەشيا باھاسى ئۆرلەيدۇ، شىركەتلەرنىڭ چىقىمى ئۆرلەيدۇ، ئېكسپورت باھاسى يۇقىرىلايدۇ، دېگىۋار ئازلايدۇ. ھەر ئىككى خىل شەكىلدىن كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەت ئوخشاش - خىتاينىڭ ئېكسپورتى ئازلايدۇ، ئىقتىسادىي سۈرئەت ئاستىلايدۇ.
خىتاي توپلىغان تاشقى پېرېۋوت جۇغلانمىسىنى بازارلاردىن قايتۇرۇۋالالمايدۇ
چېن شاۋنۇڭنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھازىر ئامېرىكا بىلەن سودا مەسىلىسىلا ئەمەس، ئۆزىدىكى پۇل پاخاللىقى مەسىلىسىمۇ ئەمەس، بەلكى خىتايدا دۆلەت بويىچە ئىقتىسادى تۈزۈم جەھەتتە چوڭ تەھدىتىگە دۇچ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن خىتاي مەركىزى كومىتېتى 'پۇل پاخاللىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېچىكتۈرۈشكە بولمايدىغان جىددىي خىزمەت' دەپ قارار چىقىرىشقا مەجبۇر بولدى. ئەمما بۇ مەسىلە، خىتاي ھۆكۈمىتى بىر -ئىككى ئېغىز گەپ قىلىپ قويسىلا ھەل بولۇپ كېتىدىغان مەسىلە ئەمەس. دەرۋەقە، خىتاي ھۆكۈمىتى تاشقى پېرېۋوت جۇغلانمىسىنى ئۆي-زېمىن سودىسىغا مەبلەغ سالغاندا، ئۆي -زېمىن باھاسى ئۆرلىدى، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، مەبلىغىنى قايتۇرۇۋېلىپ باشقا ساھەگە سالغاندا، بۇ مەبلەغ يەنە باشقا ساھەدە مال باھاسىنى ئۆرلىتىۋەتتى. پۇل پاخاللىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ھازىر بازارلاردا يېمەك -ئىچمەك باھاسىنى ئۆرلىتىۋەتتى، پۇل پاخاللاشتى. ئەمدى بۇ ساھەدىكى پۇل پاخاللىقىنى توسىمەن دەپ، بۇ پۇلىنى يەنە باشقا ساھەگە يۆتكىسە، يەنە شۇ ساھەدە پۇل پاخاللىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئادالەتسىز سودا ئارقىلىق تاپقان مەبلىغىنى بۇنىڭدىن كېيىن بازاردىن قايتۇرۇۋالالمايدۇ، بۇ پۇل بازاردا پاخاللىشىپ تۈگەيدۇ.