پۇل پاخاللىقى بۇ يىل خىتايدا ئىجتىمائىي مۇقىملىققا تەھدىت سالىدىغان ئەڭ چوڭ خەتەر

پۇل پاخاللىقى ۋە يېمەك-ئىچمەك باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى خىتاي بۇ يىل دۇچ كېلىدىغان ئەڭ جىددىي مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا بۇ يىل بارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، يېمەك-ئىچمەك باھاسى ۋە پۇل پاخاللىقىنى كونترول قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. يېقىندا خىتاي خەلق بانكىسى پۇل پاخاللىقىنى كونترول قىلىش تەدبىرىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە خەلق پۇلىنىڭ ئۆسۈمىنى ئۆستۈرگەن. لېكىن، بۇ تەدبىر ئامېرىكا تەرەپنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ، يەر شارى ئىقتىسادىغا ئەكس تەسىر بېرىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئانالىزچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي پۇل پاخاللىقى ۋە يېمەك-ئىچمەك باھاسىنى كونترول قىلالمىسا، بۇ ئىجتىمائىي مۇقىمسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

خىتاي دۆلەتلىك ستاتىستىكا ئىدارىسى كېلەر ھەپتە خىتاينىڭ 1‏-ئايدىكى پۇل پاخاللىقى ۋە مال باھاسى كۆرسەتكۈچىدىكى ئۆزگىرىشكە دائىر ستاتىستىكىلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلىدۇ. پۇل پاخاللىقى ۋە يېمەك-ئىچمەك باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنىڭ بۇ يىل خىتاي دۇچ كېلىدىغان ئەڭ جىددىي مەسىلە بولۇپ قالىدىغانلىقى ھەممىگە مەلۇم. خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ چاغان مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان يېقىنقى تەبرىك نۇتقىدا، بۇ يىل نۇرغۇن قىيىنچىلىقلار ۋە مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، "بىز مال باھاسىنىڭ بەك تېز ئۆسۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك... ۋە شۇنداقلا ئۆي بازىرىنى پۇختا كونترول قىلىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەسلىكىمىز لازىم" دېگەن. لېكىن، ۋېن جياباۋنىڭ يۇقىرىقى سۆزى ب د ت نىڭ خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇپ، بۇ يىل خىتاينىڭ شەندۇڭ قاتارلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان 5 ئۆلكىسىدە يۈز بېرىدىغان قۇرغاقچىلىق خىتايدا يېمەك-ئىچمەك بىلەن تەمىنلەشكە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىدىن بۇرۇن ئېلان قىلىنغان ئىدى.

ب د ت سەيشەنبە كۈنى ئاگاھلاندۇرۇپ، بۇ يىل شەندۇڭ قاتارلىق 5 خىتاي ئۆلكىسىدە يۈز بېرىدىغان قۇرغاقچىلىقنىڭ يېمەك-ئىچمەك باھاسىغا تەسىر كۆرسىتىش ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلدۈرگەن. بەزى ئانالىزچىلار، بۇ ۋەزىيەت خىتاي دۇچ كېلىۋاتقان نۆۋەتتىكى پۇل پاخاللىقى بىلەن قوشۇلۇپ، خىتاي دائىرىلىرىنى تېخىمۇ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن كۆزەتكۈچىلەرنىڭ نۆۋەتتىكى دىققەت نەزىرى خىتاينىڭ قانداق چارە-تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، يېمەك-ئىچمەك باھاسى ۋە پۇل پاخاللىقىنى كونترول قىلىدىغانلىقى، بۇ ئارقىلىق پۇل پاخاللىقى ۋە يېمەك-ئىچمەك باھاسىنىڭ ئىقتىساد ھەم خىتاي جەمئىيىتىدىكى مۇقىملىققا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى قانداق كونترول قىلىدىغانلىقىغا مەركەزلەشكەن. خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ب د ت ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ يىلقى ھوسۇل ۋە پۇل پاخاللىقىغا دائىر مەسىلىلەردىكى ئەندىشىسىنى يېنىكلىتىشكە ئۇرۇندى. ۋېن جياباۋ "يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ مۇقىم ئىشلەپچىقىرىلىشى ۋە تەمىنلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىش، بولۇپمۇ ئاشلىقنىڭ ئىشلەپچىرىلىشى ۋە مال باھاسىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش ئىقتىدارىمىز بار" دەپ تەكىتلىگەن ۋە يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىغا 12 مىليارد 900 مىليون يۈەن ئاجراتقانلىقىنى ئېلان قىلغان.

لېكىن، ئانالىزچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، كىشىلەر ۋېن جياباۋنىڭ قانداق ۋەدىلەرنى بېرىشىگە ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ قانداق تەدبىرلەرنى يولغا قويىدىغانلىقىغا قارايدۇ. خىتاي خەلق بانكىسى يېقىندا پۇل پاخاللىقىنى كونترول قىلىش تەدبىرىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئۆسۈمنى 25.0 پىرسەنت ئۆستۈرۈپ، 06.6 پىرسەنتكە چىقارغان. خىتاي خەلق بانكىسىنىڭ ئۆسۈمنى ئۆستۈرۈش قارارى دەرھال ھەر قايسى دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا مالىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقان ئىدى. خىتاينىڭ ئۆسۈمنى ئۆستۈرۈپ، پۇل پاخاللىقىنى كونترول قىلىش تەدبىرى خىتايغا ئەڭ كۆپ خەزىنە چېكى ساتقان ۋە شۇنداقلا سودىدا زور پاسسىپ بالانسى بار دۆلەت-ئامېرىكىنىڭ مەنپەئىتىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك مەسىلە ئىدى. بۇنىڭ ئەمدى ئەسلىگە كېلىش يولىغا كىرىۋاتقان ئامېرىكا ئىقتىسادىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بەزى ئەزالىرى تەرىپىدىن ئالدىنقى كۈنى دۆلەت مەجلىسىدىكى بىر ئىسپات بېرىش يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئامېرىكا فېدىرال غەزنىسىنىڭ رەئىسى بەن بېرنانكى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ئىسپات بېرىش يىغىنىدا ئۆزىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى قارىشىنى شەرھلەپ، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى پۇل سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمىگە گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ: "كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان يەنە بىر ھادىسە، ئۇلارنىڭ پۇل پاخاللىقىنى ھەل قىلىشتا پۇل كۇرسىنى ئۆستۈرۈپ، تاشقى ئېكسپورت ئورنىغا ئىچكى ئىستېمالنى كۈچەيتىش يولىنى تۇتمىغانلىقىدۇر. ئۇلارنىڭ تەدبىرى ئۆسۈمنى ئۆستۈرۈپ، ئىچكى ئىستېمالنى ئىزچىل ئاجىزلىتىش يولىنى تاللىۋالغانلىقىدۇر. ئەڭ ياخشى ئىستراتېگىيە ئىچكى ئىستېمالنى ئاشۇرۇپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، پۇل كۇرسىنى ئۈستۈرۈپ، تاشقى ئېكسپورتنى ئازايتىش ئىدى. ئۇلارنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىتى سەلبىي ئۈنۈم بېرىدۇ ۋە يەر شارى سودا بالانسىدىكى تەڭپۇڭسىزلىقنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سۈرىدۇ"، دەپ تەكىتلىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن يېقىن كەلگۈسىدىكى ئەڭ خەۋپلىك مەسىلە پۇل پاخاللىقى ۋە مال باھاسىنى كونترول قىلمىسا، بۇنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىغا پەيدا قىلىدىغان تەسىرىدۇر.

كۆزەتكۈچىلەر، باي-كەمبەغەللىك پەرقى ئىزچىل كېڭىيىۋاتقان خىتايدا پۇل پاخاللىقى ۋە مال باھاسى جەمئىيەتنىڭ تۆۋەن قاتلىمىدىكى ئاھالىلەرگە ئەڭ ئاسان تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. يەنە بەزى ئانالىزچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، پۇل پاخاللىقى ۋە مال باھاسىدىكى ئۆسۈش يەنە، كۆچمەن خىتايلار بىلەن يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ كىرىم پەرقى ئالاھىدە كۆرۈنەرلىك بولغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدەك سەزگۈر رايونلاردا زور كۆلەملىك مىللىي توقۇنۇشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى مەۋجۇت. چۈنكى، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى خىتاينىڭ مەملىكەتلىك كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ يېرىمىغا يەتمەيدىغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، نۆۋەتتىكى پۇل پاخاللىقى ۋە مال باھاسىنىڭ ئەڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچراۋاتقان رايوندۇر. يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئۆرۈك مېغىزىنىڭ توپ سېتىلىش باھاسىنىڭ ئۆزىلا يېقىنقى بىر قانچە ئايدا 30% ئۆرلەپ كەتكەن.

«ۋالل سترېت ژۇرنال گېزىتى» نىڭ بۈگۈن ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى بىر خەۋىرىدە، خىتاي دۆلەتلىك ستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ پات يېقىندا ئېلان قىلىدىغان مال باھاسى كۆرسەتكۈچىدىن ئۇچۇر بېرىپ، خىتايدا مال باھاسىنىڭ 1‏-ئايدىكى كۆرسەتكۈچى 4.5 پىرسەنت ئۆسكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ يېقىنقى 2 يىلدىن بېرى مال باھاسى كۆرسەتكۈچىدىكى ئەڭ يۇقىرى ئۆسۈش ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئانالىزچىلارنىڭ خىتايدا پۇل پاخاللىقىنىڭ ئېغىرلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئامىللار مەسىلىسىدىكى قارىشى ھەر خىل بولۇپ، بەزى ئانالىزچىلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بېرى شەھەرلەشتۈرۈش ۋە ئاساسى ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىشنى كۈچەيتىشى پۇل پاخاللىقىنىڭ ئېغىرلىشىشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. نۆۋەتتىكى خىتايدا ئومۇمى نوپۇسنىڭ 47% ئى شەھەرلەردە ياشايدۇ. لېكىن، ئانالىزچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانىدا خىتاي ئاھالىلىرىنىڭ شەھەرلىشىش نىسبىتىنى 70-80 پىرسەنتكە چىقىرىشتۇر. لېكىن ئانالىزچىلار، ئاساسى ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىغا كەڭ كۆلەملىك مەبلەغ سېلىشنىڭ ئىقتىسادتا قىسقا مۇددەتلىك ماغزاپ پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.