تۇنىس ۋە مىسىردا پارتلىغان نارازىلىق نامايىشى غەلىبىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، نامايىش بىر قىسىم ئەرەب ئەللىرىگە تېزلىكتە تارالغان.
بۇ خىلدىكى نامايىشلار يەنە، لىۋىيە قاتارلىق ئەللەردە ھەرخىل شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پەيتلەردە، خىتايدىمۇ ئوتتۇرا شەرقچە نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بېرىش چاقىرىقى چىقىشقا باشلىغان ئىدى.
خىتايدا «ياسىمەن نامايىش» قىلىش چاقىرىقى Twitter قاتارلىق ئالاقە تورلىرىدا چىقىرىلغاندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى خىتاي ئىچىدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە بىر قىسىم ئادۋوكاتلارنى قولغا ئېلىشقا باشلىغان.
بەزى ئېنىقسىز مەلۇماتلاردا ئۈرۈمچىدە ئىككى ئۇيغۇرنىڭمۇ «ياسىمەن نامايىش» غا ئالاقىدار ماتېرىيال تارقاتتى دېگەن جىنايەت بىلەن قولغا ئېلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
باش شتابى ئامېرىكىنىڭ ماسساچۇسېتس شتاتىدىكى «پۇقرالار كۈچى» تەشكىلاتى 15-مارت ئېلان قىلغان ئاخباراتقا قارىغاندا، خىتايدا بۇ يىل ئىككىنچى ئايدىن باشلاپ كۈچەيتىلگەن قولغا ئېلىش دولقۇنى 1989-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەن.
ئاخباراتتا مۇنداق دېيىلگەن: خىتايدا «ياسىمەن ئىنقىلابى» نى ئەسلىدە بەلگىلەنگەن ئورۇندىن تىنچ يوسۇندا پىيادە ئۆتۈش شەكلىدە ئېلىپ بېرىش ئۇقتۇرۇلغان. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن ئۈركۈپ، پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرىغا قارشى جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈپلا قالماي، كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى ۋە ئادۋوكاتلىرىغا زەربە بەردى.
ئاخباراتقا قارىغاندا، «پۇقرالار كۈچى» تەشكىلاتى 10-ۋە 11-مارت ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، «ياسىمەن نامايىش» نىڭ ئالدى-كەينىدە خىتايدا قولغا ئېلىنغان، يوقاپ كەتكەن ياكى تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان شەخسلەرنىڭ تىزىملىكىنى بەرگەن.
بىز بۇ ھەقتە «پۇقرالار كۈچى» تەشكىلاتى بىلەن ئالاقىلىشىشكە كۆپ تىرىشقان بولساقمۇ، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ قۇرغۇچىسى ياڭ جەنلى نۆۋەتتە جەنۋەدە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقانلىقى ئۈچۈن ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈشكە مۇمكىن بولمىدى.
ئاخباراتتا نەقىل قىلىشىچە، خىتاي ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تۇتقۇن قىلىشلار ھەققىدە توختالغان ياڭ جەنلى: قولغا ئېلىش شۇنچە كەڭ تارقالدىكى، ھەتتا يېزا ساقچىلىرىغىمۇ «گۇمانلىق ھەرىكەتلەر» بىلەن شۇغۇللانغانلىقى پەرەز قىلىنغان خالىغان ئادەمنى قولغا ئېلىش ھوقۇقى بېرىلدى.
ئاخباراتتا مۇنداق دېيىلگەن: «پۇقرالار كۈچى» تەشكىلاتى تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ھەرىكىتىنى قوللاشقا ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پائالىيەتچىلەرنى باستۇرۇشنى كەسكىن ئەيىبلەشكە دەۋەت قىلدى.
مەلۇم بولۇشىچە، ياڭ جەنلى «ياسىمەن نامايىش» نىڭ ئالدى-كەينىدە خىتايدا تۇتۇلغانلار تىزىملىكى ۋە ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى دەۋەتنامىسىنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە يوللىغان. ئۇ، بۇ جەرياندا دۆلەت مەجلىسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئىلېئانا روس-لېھتىنېن خانىم ۋە غوللۇق دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى كىرستوفېر سىمىت بىلەن ئۇچراشقان.
خەۋەرگە قارىغاندا، دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى كىرستوفېر سىمىت خىتايدىكى «ياسىمەن ئىنقىلابى» ھەققىدە بىر گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈشكە قوشۇلغان.
«پۇقرالار كۈچى» ئامېرىكىنىڭ ماسساچۇسېتس شتاتىغا جايلاشقان بولۇپ، ئامېرىكىدىكى خىتاي ئۆكتىچى دوكتور ياڭ جەنلى تەرىپىدىن قۇرۇلغان. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئاساسىي مەقسىتى خىتايدا تىنچ يوسۇندا دېموكراتىيە تۈزۈمى ئورنىتىش.
خىتايدا 27- فېۋرال ھەمدە 6- مارت ئىككى قېتىم بېيجىڭ ۋە شاڭخەي قاتارلىق 23 شەھەردە نامايىش قىلىش چاقىرىقى ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى.
بۇ نامايىشلار كۆپ غۇلغۇلا قوزغىيالمىغان بولسىمۇ، بۈگۈن «ئۇلۇغ ئېرا» گېزىتىدە بېرىلگەن بىر مۇلاھىزىدە كۆرسىتىشىچە، خىتايدىكى يۇقىرى ئىشسىزلىق نىسبىتى ۋە ئېغىر پۇل پاخاللىقى «ياسىمەن ئىنقىلابى» نى شەرت-شارائىت بىلەن تەمىنلەيدىكەن.
