پۇتىن - ئەردوغان ئۇچرىشىشى رۇس مەتبۇئاتلىرىنىڭ نەزىرىدە

رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ 3 - دېكابىر كۈنى تۈركىيىگە ئېلىپ بارغان بىر كۈنلۈك رەسمىي زىيارىتى تۈركىيە ۋە رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ قىزىق تېمىسى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى غەرب مەتبۇئاتلىرىنىڭ دىققىتىدىمۇ مۇھىم سالماقنى ئىگىلىدى.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2012.12.06
putin-erdogan-istanbul-305.png رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ 3 - دېكابىر كۈنى تۈركىيىگە ئېلىپ بارغان زىيارىتىدىن بىر كۆرۈنۈش
AFP


سۈرىيە كرىزىسى مەسىلىسىدە ئاكتىپ رول ئويناۋاتقان مەزكۇر ئىككى دۆلەت ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ ئىستانبۇلدا جەم بولۇپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار خەلقئارالىق مەسىلىلەردە پىكىر ئالماشتۇرۇشىغا دىققەت قىلغان غەرب ئانالىزچىلىرىنى ئەڭ جەلپ قىلغان نۇقتا يەنىلا ئىككى دۆلەتنىڭ سۇرىيە كرىزىسىنى ھەل قىلىشتا قانداق ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشەلىشى بولدى.

رۇسىيە مەتبۇئاتلىرى پۇتىنىڭ ئىستانبۇل زىيارىتى ھەققىدە تۈرلۈك قاراشلارنى ئوتتۇرىغا چىقارغان بولۇپ، ئۆز مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار رۇس مەتبۇئات ئىنكاسلىرىنى تونۇشتۇرىدۇ.

ئەردوغان: مېنىڭ دوستۇم پۇتىن

3 - دېكابىر كۈنى ئىستانبۇلدىكى ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ خان سارىيى دولما باغچىسىدىكى مەخسۇس ئىشخانىسىدا ۋلادىمىر پۇتىننى قوبۇل قىلغان تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغان پۇتىننى «مېنىڭ دوستۇم» دەپ ئاتىدى. ھەقىقەتەن، ئەردوغان بىلەن پۇتىن دوستمۇ؟ ئانالىزچىلار ئۇلارنىڭ دوستلۇقىدىن تۈركىيە - رۇسىيە ھەمكارلىقىنىڭ تېز سۈرئەتتە راۋاجلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

ئەردوغان تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئەڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلانغان پۇتىننىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىگە ناھايىتى يۇقىرى باھا بەردى شۇنىڭدەك ئىككى دۆلەتنىڭ سودا - ئىقتىساد، يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى ۋە ئېنېرگىيە، مەدەنىيەت ھەم ساياھەتچىلىك قاتارلىق ھەر ساھەلەردىكى قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئەلۋەتتە، ۋلادىمىر پۇتىننمۇ ئوخشاشلا ئىككى دۆلەت سودا - ئىقتىسادىي ھەمكارلىقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىگە يۇقىرى باھا بېرىپ، دادىللىق بىلەن تايىپ ئەردوغاننىڭ ئىككى دۆلەت سودا مىقدارىنى 100 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈش غايىسىنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

تۈركىيە - رۇسىيە ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشى ھەم تۈركىيە - رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىگە نىسبەتەن رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدا تۈرلۈك ئىنكاسلار ئوتتۇرىغا چىقتى. مەيلى، رۇسىيىلىك ۋە ياكى غەربلىك كۆزەتكۈچىلەر بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئەڭ جەلپ قىلغان نۇقتا يەنىلا سۈرىيە مەسىلىسى بولۇپ، چۈنكى، ئۇزۇندىن بۇيان تۈركىيە سۈرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ئامېرىكا باشلىق غەرب تەرىپىدە تۇرماقتا، رۇسىيە بولسا خىتاي بىلەن بىرلىشىپ، ئاسادنى قوللاپ، ب د ت نىڭ قارارلىرىغا قارشى چىقىپ كەلمەكتە ئىدى. شۇنداق بولۇشى تۈپەيلىدىن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ پۇتىن - ئەردوغان ئۇچرىشىشىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى تەبىئىي ئىدى.

پۇتىن سۈرىيە مەسىلىسىدە تۈركىيىنى خاتىرجەم قىلدى

رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدىن موسكۋادا چىقىدىغان «سودىگەرلەر» گېزىتى بۇ ھەقتە توختىلىپ، «پۇتىن تۈركىيىلىكلەرنى سۈرىيىنىڭ تۈركىيىگە ھۇجۇم قىلمايدىغانلىقىغا ئىشەندۈردى» دەپ خۇلاسە چىقاردى. ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، تۈركىيە تەرەپ 12 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئامېرىكىنىڭ «ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق زېنىت - راكېتالىرىنى سۈرىيە چېگرىسىغا ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بۇ مەسىلە موسكۋانىڭ قاتتىق دىققىتىنى قوزغىغان ھەم بۇ ھەقتە رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى قاتتىق ئىنكاس قايتۇرغان ئىدى. مانا شۇ سەۋەبتىن تۈركىيە تەرەپ رۇسىيىنىڭ مەيدانىغا جىددىي قارىغان ئىدى. ئەمما، پۇتىن سۈرىيىنىڭ تۈركىيىگە ھۇجۇم قىلىشتا ئىشلەتكىدەك يادرو قورالى يوقلۇقىنى ئەسكەرتىپ، تۈركىيىنى خاتىرجەم قىلغان.

«رۇسىيە گېزىتى» نىڭ ماقالىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، ئەردوغان بىلەن پۇتىننىڭ ئۇچرىشىشى جەريانىدا «ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق راكېتانىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ھەققىدە توختالغان پۇتىن مەزكۇر راكېتانىڭ دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى راكېتا ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭ ۋاقتى ئۆتكەنلىكىنى ئېيتىپ، «چېگرىدا ئوق ئېتىشنىڭ نېمە كېرىكى؟» دەپ تەكىتلەپ، تۈركىيە تەرەپنى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا دەۋەت قىلغان شۇنىڭدەك راكېتا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ مەسىلىنى ناچارلاشتۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ماقالىدە بايان قىلىشىچە، پۇتىن تۈركىيە تەرەپنى ئىشەنچىلىك ھالدا رۇسىيە بىلەن ئىقتىسادى ۋە باشقا ھەمكارلىقلارنى ئېلىپ بېرىشقا دەۋەت قىلىپ، «ھازىرقى سودا - ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىمىز بىزنىڭ ئادەتتىكى شېرىكىمىزنىڭ يېنىغا ئەمەس، بەلكى دوست مەملىكەتكە كەلدۇق دەپ ھېسابلاشقا ئاساس يارىتىدۇ» دەپ تەكىتلەپ، ئۆزىنىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئادەتتىكى دەرىجىدە ئەمەس، بەلكى يۇقىرى سەۋىيىدە، يەنى دوستلۇق سەۋىيىسىدە چۈشىنىدىغانلىقىدىن بىشارەت بەرگەن.

پۇتىن بىلەن ئەردوغان سۈرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا بىرگە ئىشلەيدۇ

رۇسيىدىكى ئوقۇرمەنلىرى ئەڭ كۆپ گېزىتلەردىن بىرى «موسكۋا كومسومولى» گېزىتى بولسا پۇتىنىڭ تۈركىيە زىيارىتىنىڭ ئۇنىڭ ئىككى ئايدىن بۇيانقى ئەڭ قىيىن ۋە ئۇزاق ئويلاشقان بىر چەتئەل سەپىرى بولغانلىقىنى، بۇ جەرياندا پۇتىننىڭ كېسەللىك سەۋەبلىرىنىڭمۇ مەيدانغا چىققانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ يېزىشىچە، نېمە سەۋەبتىندۇر، ۋلادىمىر پۇتىن ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرىنى قارار قىلىشتا كۆپ ئويلاشقان، كېسەللىك سەۋەبىدىن سەپەرنىڭ ۋاقتىدىمۇ ئۆزگىرىش بولغان ھەم پەقەت ئىستانبۇلدا بىر كۈنلا زىيارەتتە بولۇشنى بېكىتكەن. ھەتتا مەتبۇئاتلار ئەردوغان پۇتىننى يۆلەپ ئورۇندۇققا تەكلىپ قىلغانلىقىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماي، ھەر ئىككىلا رەھبەرنىڭ كېسەللىك ئازابى تارتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

رۇسىيە مەتبۇئاتلىرى پۇتىننىڭ مەزكۇر زىيارىتى جەريانىدا تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا 11 خىل كېلىشىم تۈزۈلگەنلىكىنى، ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا بۇنىڭ ھەر ئىككىلا تەرەپ ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك زىيارەت بولغانلىقىنى جەزىملەشتۈرگەن.

بىراق، غەرب مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئىنكاسلىرى باشقىچىرەك بولۇپ، بەزى غەرب كۆزەتكۈچىلىرى پۇتىن بىلەن ئەردوغان سۇرىيە كرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئورتاق يول ئىزدەشكە تىرىشقان بولسىمۇ، بىراق بۇ قېتىم بۇ مەسىلىدە ئىككى تەرەپ كېلىشەلمىدى، دېگەن يەكۈننى چىقارغان.

رۇسىيىنىڭ ئىنتېرفاكىس ئاگېنتلىقى پۇتىن - ئەردوغان ئۇچرىشىشى ھەققىدە مەخسۇس ئانالىز ئېلان قىلغان بولۇپ، مەزكۇر ئانالىزدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، پۇتىن رۇسىيىنىڭ سۈرىيە ھەققىدىكى پوزىتسىيىسى ھەققىدە توختىلىپ،«رۇسىيە بۇ مەملىكەتتە مەۋجۇت بولۇۋاتقان تۈزۈمنىڭ قوغدىغۇچىسى ئەمەس، رۇسىيە سۈرىيە رەھبەرلىكىنىڭ ئادۋوكاتى ئەمەس» دەپ كەسكىن كۆرسەتكەن. ئۇ، رۇسىيە بىلەن تۈركىيىنىڭ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بىرلىكتە ئىشلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

رۇسچە «چەتئەل مەتبۇئاتلىرى» تورىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ماقالىدە «ھازىر رۇسىيە بىلەن تۈركىيە بىرلىشىپ سۈرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ يېڭى ئىدىيىسى ۋە يولىنى ئىزدەۋاتىدۇ» دېگەن كۆز قاراش ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ئەنقەرە - موسكۋانىڭ غايىسى 100 مىليارد دوللارلىق سودىمۇ ياكى ھەقىقىي دوستلۇقمۇ؟

ئۇنداقتا تۈركىيە - رۇسىيە ھەمكارلىقىنىڭ كېلەچىكى قانداق بولۇشى مۇمكىن؟ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئىستىقبالى بارمۇ؟ بۇ مەسىلىگە دىققەت قىلغان رۇس ئانالىزچىسى ئولېگ چۇۋاكىن «ھەربىي كۆزىتىش» تورىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، «رۇسىيە بىلەن تۈركىيىنىڭ ھەمكارلىقلىرى كېڭىيىدۇ ۋە مۇستەھكەملىنىدۇ. ئالاقىلەرنىڭ كۈچىيىشىنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرى، بۇ ئىككى مەملىكەتنىڭ ئۇز - ئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنىڭ ئۆسۈشىدۇر» دەيدۇ. ئۇ، يەنە باشقا ئامىللارنىمۇ كۆرسىتىدۇ.

ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئىككى تەرەپ ئۆز - ئارا سودا سوممىسىنى غايەت زور 100 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈشنى ئوخشاشلا نىشان قىلغان. بۇ سان ھازىر 35 مىليارد دوللارغا يەتكەن بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىمۇ تېز ئاشماقتا.

3 - دېكابىر كۈنى رۇسىيە ئېنېرگىيە مىنىستىرى ئالېكساندىر نوۋاك رۇسىيىنىڭ تۈركىيىنى بۇ يىل قىشتا تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى ھەمدە گېرمانىيىدىن قالسا ئىككىنچى چوڭ گاز بىلەن تەمىنلىنىدىغان خېرىدارغا ئايلاندۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

بۇ قېتىم رۇسىيە تەرەپ يەنە، تۈركىيىنىڭ قازاقىستان، رۇسىيە ۋە بېلارۇسىيىنىڭ بىرلىشىشى ئاساسىدا قۇرۇلغان تاموژنا ئىتتىپاقىغا كىرىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. رۇسىيە پرېزىدېنتىنىڭ باياناتچىسى دمىترىي پېسكوۋ تۈركىينى قارشى ئالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

رۇس ئانالىزچىسى: ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقلىرى كېڭىيىدۇ ۋە تېز تەرەققى قىلىدۇ

رۇسىيە ئانالىزچىسى ئولېگ چۇۋاكىن ئۆز ئانالىزىنىڭ ئاخىرىدا ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقلىرىنىڭ كېلەچىكىنىڭ پارلاق ئىكەنلىكىنى ھەم بۇ مۇناسىۋەتنىڭ ھازىر تېز تەرەققى قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ، «سۈرىيە مەسىلىسى ھەققىدە سىياسىي پىكىر ئىختىلاپى بارلىقىغا قارىماي، يېقىنقى يىللار ئىچىدە رۇسىيە بىلەن تۈركىيە ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىقلارنىڭ ھەر خىل ئىقتىسادىي ساھەلەردە ناھايىتى تېز سۈرئەت بىلەن تەرەققى قىلىشى شۈبھىسىز» دەپ يەكۈن چىقىرىدۇ.

ئانالىزچىلار يەنە، تۈركىيىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە، جۈملىدىن خەلقئارا سەھنىدە ئىناۋىتىنىڭ ئېشىۋاتقانلىقى، رۇسىيىنىڭ ئوتتۇرا شەرق، ياۋروپا، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە كاۋكازىيە سىياسەتلىرىنى تەڭشىشىدە ئەنقەرە بىلەن بولغان يېقىن دوستلۇقتىن پايدىلىنىش ئىستراتېگىيىسىنى بەلگىلىشىگە تۈرتكە بولغانلىقىنى تەھلىل قىلىشماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.