پۇتىن: بىز سۈرىيىنىڭ ئادۋوكاتى ئەمەس
2012.12.04
پۇتىن مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا «رۇسىيە سۈرىيىنىڭ ئادۋوكاتى ئەمەس، سۈرىيىنىڭ قولىدا ھېچقانداق يادرو قوراللىرى يوق، قوشنا دۆلەتلىرىگە ھۇجۇم قىلغۇدەك كۈچى يوق» دېدى.
ئۆتكەن ئاي موسكۋادىن دەمەشىققە كېتىۋاتقان يولۇچىلار ئايروپىلانى ئەنقەرەدە مەجبۇرىي قوندۇرۇلغاندىن كېيىن، تۈركىيە رۇسىيە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىشى بولغان ئىدى. بۇ ۋەقەدىن كېيىن، تۈركىيىنىڭ تەلىپى بويىچە شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى تۈركىيە چېگراسىغا «ۋەتەنپەرۋەر»ناملىق راكېتالىرىنى جايلاشتۇرۇش ھەققىدە قارار چىقىرىش نەتىجىسىدە ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش تېخىمۇ ئەۋجىگە چىققان ئىدى. بۇنداق بىر پەيتتە ئېلىپ بېرىلغان بۇ زىيارەت خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىدى.
پۇتىن تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئۇچرىشىشتىن ئاۋۋال تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلى بىلەن رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروف ئۇچراشتى. باش مىنىستىر ئەردوغان بىلەن پۇتىن چۈش ۋاقتىدا ئەردوغاننىڭ دولما باغچىسىدىكى ئىشخانىسىدا ئۇچراشتى. ئۇچرىشىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئىككىيلەن تولىمۇ يېقىنچىلىق بىلەن مۇخبىرلارنىڭ سۈرەتكە تارتىشىغا رۇخسەت قىلدى ھەم ئاخىرىدا مۇخبىرلارغا بايانات بەردى.
ئەردوغان باياناتىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:
«بۇلارنى ئىستانبۇلدا كۈتۈۋالغانلىقىمدىن تولىمۇ پەخىرلىنىمەن. قىممەتلىك دوستۇم پۇتىن بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت ئىقتىسادىي گۇرۇھىنىڭ يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغانلىقىمىزدىن تولىمۇ سۆيۈندۇق. يىغىندا ئېنېرگىيىدىن مەدەنىيەت ئالاقىسىغىچە بولغان نۇرغۇن ساھەلەردە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش پۇرسىتىگە مۇيەسسەر بولدۇق. رۇسىيە بىلەن بولغان تىجارەت سوممىمىز يىل ئاخىرىغىچە 35 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ. تۈرك كارخانىچىلارنىڭ رۇسىيىدىكى ئومۇمىي مەبلەغ سوممىسى ئون مىليارد دوللاردىن ئارتۇق. قۇرۇلۇش شىركەتلىرىمىز بۈگۈنگىچە 40 مىليارد دوللارلىق قۇرۇلۇشنى پۈتتۈرۈپ رۇسىيىنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشتى. رۇسىيە تۈركىيىنىڭ ئاققۇيۇ رايونىدا قۇرۇلماقچى بولغان يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي مەبلىغىنىڭ يېرىمى ھېسابلىنىدىغان 750 مىليون دوللارلىق مەبلەغنى تۈركىيىگە سالدى. بۇ قۇرۇلۇشقا كېتىدىغان جەمئىي مەبلەغ 20 مىليارد دوللار بولۇپ، بۇ ھازىرغىچە تۈركىيە سېلىنغان ئەڭ چوڭ مەبلەغ ھېسابلانماقتا.»
باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا خەلقئارا مەسىلىلەر، بولۇپمۇ سۈرىيە ۋە ئىران مەسىلىلىرى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
«سۈرىيە قاتارلىق ئوتتۇرا شەرق ئەللىرىنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردۇق. پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا كۆزەتكۈچى دۆلەت دەپ تونۇلۇشى ئۈچۈن رۇسىيىنىڭ بەرگەن قوللاشلىرىنى تەبرىكلەيمەن! سۈرىيىدە ئېقىۋاتقان قانلارنىڭ توختىشىنى ئارزۇ قىلىمىز. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكلىرىمىز سۈرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مۇزاكىرىنى يەنە داۋام قىلىدۇ. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تىجارەت سوممىسىنىڭ يۈز مىليارد دوللارغا يېتىشىنى ئارزۇ قىلىمىز.»
ئەردوغان بىر مۇخبىرنىڭ ئىران ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ، ئىراننىڭ رۇسىيىدىن قالسا تۈركىيە ئەڭ كۆپ ئېنېرگىيە ئىمپورت قىلىدىغان ئىككىنچى چوڭ دۆلەت ئىكەنلىكىنى، ئىرانغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشكە قوشۇلمايدىغانلىقىنى، باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشاشلا تۈركىيىنىڭمۇ ئۆز مەنپەئىتىگە بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېدى:
«ھۆرمەتلىك باش مىنىستىرنىڭ ئېيتقىنىدەك تىجارەت سوممىمىزنىڭ يۈز مىليارد دوللارغا يېتىشىنى ئارزۇ قىلىمىز. مەن بۇنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، قىيىن كۈنلەردە دوستلىرىمىزنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيمىز. بىز يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ پۈتۈن چىقىمىنى زىممىمىزگە ئالىمىز. تۈركىيىنىڭ تۇنجى يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىنى بىز قۇرۇۋاتىمىز. جەمئىي چىقىمى 20 مىليارد دوللارغا يېتىدۇ. يۈزدىن ئارتۇق تۈرك ئوقۇغۇچى رۇسىيىدە يادرو ئېنېرگىيىسى ساھەسىدە بىلىم ئاشۇرۇۋاتىدۇ. ساياھەت جەھەتتىكى ھەمكارلىقىمىزمۇ ناھايىتى مۇھىم. يىلىغا ئۈچ يېرىم مىليون رۇسىيىلىك تۈركىيىگە ساياھەتكە كېلىۋاتىدۇ.»
ۋىلادىمىر پۇتىن بىر مۇخبىرنىڭ سۈرىيە ھەققىدە سورىغان سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
«ھەم ئىنسانىي ھەم باشقا جەھەتتىن سۈرىيە مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدۇق. سۈرىيە مەسىلىسىگە بولغان كۆز قاراشلىرىمىزدا ئوخشاشلىق بار. سۈرىيىنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە ئېلىپ بارغان خىزمەتلىرىمىزنىڭ ئۇسۇلىدا پەرق مەۋجۇت. بۇ قېتىم يېڭى پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. بۇ پىكىرلەر ئاساسىدا سۈرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ يېڭىچە يولىنى ئىزدەيمىز.»
پۇتىننىڭ بۇ قېتىمقى تۈركىيە زىيارىتىنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرى سۈرىيە مەسىلىسى بولۇپ، بۇ قېتىمقى زىيارەتتىن كېيىن تۈركىيە بىلەن سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقلىرى بىر ھەمكارلىق كومىتېتى قۇرۇپ سۈرىيە مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىشنىڭ يېڭى چارىسىنى تېپىپ چىقماقچى ئىكەن.