يەنە بىر قابىلىيەتلىك ياش كارخانىچىنىڭ قولغا ئېلىنىشى غۇلغۇلا قوزغىدى

ئىگىلىك تىكلەشتە ئىزدەنگۈچىلەرگە ئۈلگە بولۇۋاتقان، ساخاۋەتچىلىك، پاراۋانلىق ئىش ئىزلىرى بىلەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر، شاڭخەي قىران چەكلىك شىركىتىنىڭ 34 ياشلىق دىرېكتورى مۇھەممەد ئېلى ئوسماننىڭ «يالغان پاسپورت ياساش، ئالدامچىلىق» جىنايەتلىرى بىلەن قولغا ئېلىنىشى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا زور غۇلغۇلا قوزغىغان.

0:00 / 0:00

ئىستانسىمىزغا بۇ ھەقتە ئىنكاس قىلغۇچىلار مۇھەممەد ئېلىنىڭ دىيانەتلىك، قابىلىيەتلىك، ئىلغار پىكىرلىك، مۇھىمى مىللەتپەرۋەر بىر ئۈلگىلىك كارخانىچى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ تۇيۇقسىز جىنايەتچىگە ئايلىنىپ قېلىشىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا گۇمان قوزغاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

ئۆزىنى خىتاي ئۆلكىسىدە سودا قىلىۋاتقان بىر ئۇيغۇر دەپ تونۇشتۇرغان بىرى، يېقىندا ئىستانسىمىز بىلەن ئالاقىلىشىپ، شاڭخەي قىران سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى مۇھەممەد ئېلى ئوسماننىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۈرلۈك جىنايەتلەر ئارتىلىپ تۇيۇقسىز تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىدى ھەمدە مۇھەممەد ئېلىدەك يېتىشكەن، قابىلىيەتلىك، توغرا يولدا ئىگىلىك تىكلىگۈچى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇنجى قېتىم مۇشۇنداق جىنايەتلەر ئارتىلىپ ۋەيران قىلىنىشى ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتتى، چۈنكى بۇندىن ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى گۈليۈرەك شىركىتىنىڭ دىرېكتورىمۇ ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغان ئىدى.

بۇ ئۇچۇردىن كېيىن، شاڭخەي قىران شىركىتى ۋە مۇھەممەدئەلى ئوسمان ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرىمىزدىن مەلۇم بولدىكى، يەكەن ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ساقچىلىرى ئۇنى 2012-يىلى 7-ئاۋغۇست جىنايەت گۇماندارى سۈپىتىدە تۇتۇپ-6 سېنتەبىردە رەسمىي قولغا ئالغان، شاڭخەيدىكى قىران سودا چەكلىك شىركىتى ۋە ئۈرۈمچى،يەكەندىكى تارماق شىركەتلىرى تاقالغان بولسىمۇ، بۇ خەۋەر تېخى ئۆتكەن ھەپتە بىر قىسىم ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە پەيدا بولغان ھەمدە تېز ئارىدا تورداشلار ئارىسىدا غۇلغۇلا پەيدا قىلغان.

مۇھەممەد ئېلى ئوسماننىڭ شەخسى ئارخىپىغا دائىر ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، 35 ياشلىق بۇ ياش كارخانىچى، قەشقەر قاغىلىق ناھىيىسىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن. 2004-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى خەۋەرلىشىش كەسپىنى پۈتتۈرگەن، ئۇنىڭدىن كېيىنكى 5 يىلدا يەنى 2009-يىلىغا قەدەر شاڭخەي چەتئەل تىلى ئۇنىۋېرسىتېتى، شاڭخەي تۇڭجى ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئىنگلىز تىلى، نېمىس تىللىرىنى ئۆگەنگەندىن سىرت، كارخانا باشقۇرۇش كەسپىدە ماگىستىر ئاسپىرانتلىقىنى ئوقۇغان. بۇ جەرياندا شاڭخەي شەھەرلىك شىنجاڭ سودا جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ئىشلار مەسئۇل ھەيئىتى بولغان.

ئۇ 2009-يىلى 3-ئايدا شاڭخەيدە قىران سودا چەكلىك شىركىتىنى قۇرۇپ شىركەت باش دىرېكتورى بولغان، 2009-يىلى جۇڭگو «مۇنەۋۋەر مۇسۇلمان كارخانىچى» شەرىپىگە ئېرىشكەن. 2010-يىلى 3-ئايدا جۇڭگۇ-ئەرەب ئەللىرى سودا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن.

قىران شىركىتىگە كەلسەك، بۇ شىركەت مۇلازىمەتنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئاساسەن ئىمپورت، ئېكسپورت، مۇسۇلمانچە يېمەكلىك ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى سېتىش، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەرلىك مەھسۇلاتلىرىنى خىتاي ۋە چەتئەللەرگە ئېكسپورت قىلىش قاتارلىق سودىلاردىن باشقا يەنە، مۇسۇلمانلار مۇلازىمەت مەركىزى، كۆرگەزمە ئۇيۇشتۇرۇش مۇلازىمىتى، چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقىرىش مۇلازىمىتى، ۋاكالىتەن ۋىزا بېجىرىش مۇلازىمىتى قاتارلىق سودا ۋە مۇلازىمەت تۈرلىرىنى يولغا قويۇپ تېز راۋاج تېپىۋاتقان ياش شىركەت.

نۆۋەتتە، جىنايەتچىگە ئايلانغان بۇ شەخس ھەتتا شىنجاڭ تېلېۋىزىيىسىنىڭ ئىقتىساد پروگراممىسىنىڭ ئىزدەنگۈچىلەر سەھىپىسىدە 2010-يىلى 4-ماي كۈنى ئاۋانگارت ياش كارخانىچى سۈپىتىدە مەخسۇس تونۇشتۇرۇلغان، ئۇ پروگرامما ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ بۇندىن كېيىنكى پىلانلىرى ھەققىدىمۇ توختالغان.

شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىنىڭ بۇ يىل 16-ئۆكتەبىر سانىدا مۇھەممەد ئېلىنىڭ قولغا ئېلىنىش جەريانى مۇنداق تەسۋىرلەنگەن، بىر ئەر 7-ئاۋغۇست يەكەن ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىگە كېلىپ مۇھەممەد ئېلىنىڭ ئۇنىڭدىن 75 مىڭ يۈەن پۇل ئېلىپ يالغان پاسپورت بېجىرىپ بەرگەنلىكىنى مەلۇم قىلغان. ساقچىلارنىڭ دېلونى ئېنىقلاش جەريانىدا مۇھەممەد ئېلىنىڭ 55 كىشىدىن پاسپورت بېجىرىپ بېرىش ئۈچۈن جەمئىي 805 مىڭ يۈەن ئالغانلىقى مەلۇم بولغان.

ئېنىقلىنىشىچە، مۇھەممەد ئېلى بۇلتۇر قازاقىستاندا تىجارەت قىلغان جاۋ جىشىڭ ئىسىملىك بىر خىتاي بىلەن تونۇشقان، جاۋ جىشىڭ پاسپورت ھەل قىلالايدىغانلىقىنى ئېيتقاندىن كېيىن، مۇھەممەد ئېلى ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىشىشقا باشلىغان. بۇ يىل مايدىن تۇتۇلغىچە ئۇ جاۋ جىشىڭغا 34 ئادەمنىڭ پاسپورتىنى بېجىرگۈزۈش ئۈچۈن 340 مىڭ يۈەن، يەنە پارچە خىراجەت ئۈچۈن 12 مىڭ يۈەن بەرگەن. ئەمما جاۋ ئۇنىڭغا ساختا پاسپورت ياساپ ئەۋەتكەن، بۇ ساختا پاسپورتنىڭ بىرىنى ئالغان داۋۇت، يەكەن ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى چېگرادىن كىرىپ چىقىشنى باشقۇرۇش ئەترىتىگە بارغاندا، ساقچىلار ئۇنىڭ پاسپورتىنىڭ ساختىلىقىنى ئېيتقان، داۋۇت شۇ كۈنىلا دېلونى مەلۇم قىلغان.

مۇھەممەد ئېلىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى، جىنايى جازاغا تارتىلغان-تارتىلمىغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس. بۇ ھەقتە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن بىز يەكەن ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى قاتارلىق خىتاي ساقچى دائىرىلىرى بىلەن ئالاقىلەشكەن بولساقمۇ، ساقچىلار بىردەك بۇ ھەقتە بىزنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەشنى رەت قىلىپ كەلمەكتە.

شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە، مۇھەممەد ئېلىنىڭ ساختا پاسپورتنى بىلىپ تۇرۇپ جاۋ بىلەن ھەمكارلاشقانلىقىنى، يەنە ئۇنىڭ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغانلىقى، يېقىندىن بۇيان ئۇنىڭ سودىسىنىڭ راۋاج تاپماي شىركىتىنىڭ زاۋاللىققا قاراپ يۈزلەنگەنلىكى، قىيىن ئەھۋالدا قالغان مۇھەممەد ئېلىنىڭ ئەخلاق قارىشىنىڭ تۆۋەنلەپ قانۇننى كۆزگە ئىلمىغانلىقتىن جىنايەت پاتقىقىغا پاتقانلىقى تەسۋىرلەنگەن.

ئەمما، ئۇنى بىلىدىغان ئۇيغۇرلار نەچچە مىليون دوللارلىق خەلقئارالىق چوڭ سودا بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بىلىملىك، ئەخلاقلىق ياش كارخانىچى بولغان مۇھەممەد ئېلىنىڭ ئۇنداق ئەخمەقلىق قىلىشىغا، ئازغىنا مەنپەئەت ئۈچۈن بىلىپ تۇرۇپ جىنايەت يولىغا مېڭىشىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى، بۇنىڭ يەنە بىر قابىلىيەتلىك كارخانىچىنى، ئۇيغۇر ئىگىلىكىنى ۋەيران قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان قىلتاق دەپ گۇمان قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە، شۇنداقلا بېزىلەر يەنە، ئەگەر مۇھەممەد ئېلىنىڭ ساختا پاسپورت ئىشلەپ ئالدامچىلىق قىلغانلىقى راست بولغان تەقدىردە«نېمە ئۈچۈن شۇنچە كۆپ كىشى 200 يۈەنگە ئالغىلى بولىدىغان پاسپورت ئۈچۈن ساقچىغا ئىلتىماس قىلماي، مۇھەممەد ئېلىگە ئوخشاش يولى بارلارغا بۇنچە كۈپ پۇل خەجلەشكە مەجبۇر بولىدۇ ؟ خەلقنىڭ قانۇنلۇق پاسپورت بېجىرەلمەي ئارقا ئىشىكتىن مېڭىشى ۋە مۇشۇنداق ساختىلىقلارغا يوچۇق ئېچىلىشى كىمنىڭ خاتالىقى دەپ سوئال قويماقتا.