تۈركىيىلىك ئوقۇغۇچى قاغان ئوماق بېيجىڭدا خىتايلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى

بېيجىڭ قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 22 ياشلىق تۈركىيىلىك ئوقۇغۇچىسى قاغان ئوماق، 7 - ئۆكتەبىر كۈنى تۆت خىتاي تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلدى.

0:00 / 0:00


خەۋەرلەردىن ئىگىلىشىمىزچە، خىتاي ساقچىلىرى قولىدا كامېرا لېنتىسى بارلىقىنى ۋە جەسەت تەكشۈرۈش ئارقىلىق، قاغان ئوماقنىڭ زادى نېمە سەۋەب بىلەن ئۆلگەنلىكىنى بېكىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. قاغان ئوماقنىڭ مەيدە قىسىمى تاياق زەربىسىدىن كۆكىرىپ كەتكەن بولۇپ، يۈز ۋە باش قىسىملىرىمۇ ئۇششاق يارا ئىزلىرى بىلەن قاپلانغان. ۋەقەنى بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق تۈركىيە باش ئەلچىخانىسىغا بىلدۈرگەن خىتاي ساقچىلىرى، ۋەقەنىڭ تەكشۈرۈش ئۈستىدە ئىكەنلىكىنى يەتكۈزگەن. مۇخبىرلارغا بولسا ئېنىق بىر نەرسە دېمىگەن. تۈركىيە باش ئەلچىسى مۇرات سالىم ئېسەنلى باشتا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ۋەقە ھەققىدە رازۋېدكا باشلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. باش ئەلچى ئېسەنلى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ساقلاۋاتقانلىقلىرىنى ۋە جىنايەتچىنىڭ تېپىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئادىل نەتىجىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغان ھەرقانداق ئىشنى قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، كېيىن جىھان خەۋەر ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا مۇنداق دېگەن:

«بىز دىلونى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز. ئۆلگۈچى ياشنىڭ ئائىلىسى بىلەن خەۋەرلىشىپ تۇرۇۋاتىمىز. جۇڭگو ساقچىلىرىنىڭ قولىدا يېتەرلىك پاكىتلار مەۋجۇت. بىز جۇڭگو ساقچىلىرىنىڭ ئادىل ھۆكۈم چىقىرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.»

بۇ تولىمۇ پاجىئەلىك بىر ۋەقە بولغان بولسىمۇ، تۈرك باش ئەلچى باشقا ھېچقانداق ئېتىرازدا بولمىدى. بۇ ۋەقە خىتايدا تۇنجى قېتىم تۈرك پۇقراسىنىڭ ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلۈشى ھېسابلىنىدۇ.

تۈركىيە پۇقراسى قاغان ئوماق لىۋان ئەرەبلىرىدىن بولۇپ، تۈركىيىنىڭ ئانتاكيا شەھىرىدىن. 2009 - يىلى لىۋان پايتەختى ترابلۇستىكى فاتىخ ئۇنىۋېرسىتېتى كومپىيۇتېر مۇتەخەسسىسلىك كەسپىنى پۈتتۈرگەن قاغان دۆلەتلىك ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن خىتايغا بارىدۇ ۋە ئۇ يەردە شاڭخەي ئۇنىۋېرسىتېتىدا تىل ئۆگەنگەندىن كېيىن، بېيجىڭ قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىدا كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتالى مۇتەخەسسىسلىكى كەسپى بويىچە ماگىستېرلىقتا ئوقۇيدۇ. ساۋاقداشلىرى، ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە دوستلىرى مۇخبىرلارغا ئۇنىڭ ھېچقانداق شەخسىي ئاداۋىتى يوقلۇقىنى، تولىمۇ چىقىشقاق بىر ئىنسان ئىكەنلىكىنى، ئۇنى تولىمۇ ياخشى كۆرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتىشقان.

قاغان ئوماق ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى كەچتە تۈركىيىلىك ياتاقدېشى ئۆ. ك ۋە بىر ياپون قىز بىلەن بىللە باشتا ياپونچە تاماقخانىغا بېرىپ غىزالانغان. كەچ سائەت 11 لەردە كانادالىق بىر قىز تونۇشى ئۇلارغا قوشۇلغان. ئاندىن، تۆتەيلەن سەنلىتۈندىكى ئوخشاشمىغان ئىككى مەيخانىدا كۆڭۈل ئاچقان. ئۇلار ئەڭ ئاخىرىدا كىرگەن مەيخانىدا قاغان بىر تېلېفوننى ئېلىپ سىرىتقا چىقىپ كەتكەن پېتى قايتىپ كەلمىگەن. ئۇنىڭ ھەمراھلىرى باشقا بىر ياپونلۇقنىڭ «سىلەرنىڭ دوستۇڭلار سىرتتا يىقىلىپ قاپتۇ» دېگەن گېپى بىلەن سىرتقا چىقىپ ئۇنى ئىزدەشكە باشلىغان بولسىمۇ، خەۋىرىنى ئالالمىغان. قاغاننىڭ جەسىتى سەھەر سائەت 03:00 تە بېيجىڭ ئىشچىلار تەنتەربىيە سارىيىنىڭ شىمالىي ئىشىكىدە ساقچىلار تەرىپىدىن بايقالغان. ۋەقەدىن كېيىن قاغاننىڭ دوستلىرى مۇخبىرلارغا ئۆزلىرىنىڭ قايغۇسىنى ۋە دوستىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈمىگە ھاڭ - تاڭ قالغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.

ساقچىلار تەكشۈرۈش جەريانىدا قاغاننىڭ يانفونىدىكى سۆزلىشىش خاتىرىسى ئۆچۈرۈۋېتىلگەن بولسىمۇ ئەمما، ئەڭ ئاخىرىدا يوللانغان ئۇچۇرنىڭ ساقلىنىپ قالغانلىقىنى ئېنىقلىغان. ئۇچۇر تۈركچە يېزىلغان بولۇپ، مەزمۇنى «ئوغلۇم، بۇ ساڭا يازغان ئاخىرقى ئۇچۇرۇم» بولغان.

خىتاي دېپلوماتىيە مىنىستىرى سۆز ۋەكىلى خۇڭ لېي جىھان خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ سوئالىغا بەرگەن جاۋابىدا، ئۆزىنىڭ بۇ ۋەقەدىن تەپسىلىي خەۋىرى يوقلۇقىنى ئەسكەرتكەندىن كېيىن مۇنداق دېدى:

«جۇڭگونىڭ ئىشىكى جۇڭگوغا ساياھەتكە، ئوقۇشقا ۋە ئىشلەشكە كەلگەن ھەرقانداق بىر چەتئەللىككە ئوچۇقتۇر. جۇڭگو ھۆكۈمىتى جۇڭگو تەۋەسىدە ياشاۋاتقان ئوقۇغۇچى ياكى خىزمەتچى چەتئەللىكلەرنىڭ ھاياتىنى قانۇن ئىچىدە قوغدايدۇ. جۇڭگولۇقلار چەتئەللىكلەرگە ئىزچىل ئوچۇق يورۇق ۋە سەمىمىي مۇئامىلىدە بولۇپ كەلدى» دېدى.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتايلاردا ئېتنىك مىللەتچىلىك ئەۋج ئالغان بولۇپ، تاشقى جەھەتتە ياپون ۋە باشقا مىللەتلەرگە، ئىچكى جەھەتتە بولسا ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرگە بولغان ئۆچمەنلىك يۇقىرى پەللىگە چىققان.

ئۆتكەن بىر نەچچە يىل ئىچىدە ئىچكىرىدىكى ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ نۇرغۇن قېتىم ياللانما ساقچىلار تەرىپىدىن كىملىك تەكشۈرۈش ۋە ئوغرى تۇتۇش باھانىلىرى بىلەن ئوپچە تاياققا تۇتۇلغان. بۇ ھەقتە ئۇزۇن يىل بېيجىڭدا تۇرغان بىر ئۇيغۇر بىزگە مەلۇمات بەردى.