قاغىلىق ناھىيىسىدىكى ئۇيغۇرلار قىزىللىشىش ھەرىكىتىگە سەپەرۋەر قىلىنماقتا
2012.05.28
بۇ يىل 2-ئاينىڭ 28-كۈنى قاغىلىق ناھىيىسىدە توققۇز نەپەر پىدائىينىڭ خىتاي كۆچمەنلىرىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، خىتايلار ۋە پىدائىيلاردىن بولۇپ جەمئىي 22 كىشى ئۆلگەن ئىدى. 28-فېۋرالدىن باشلاپ خىتاي دائىرىلىرى قوراللىق قىسىملارنى كۆپەيتىپ، قاغىلىق ناھىيىسىدە چارلاش خىزمەتلىرىنى كۈچەيتكەن، ناھىيىنىڭ كىرىش-چىقىش يوللىرىنى بىر مەزگىل قامال قىلغانىدى. ۋەقە يۈز بېرىپ ھازىرغىچە بولغان ئىككى يېرىم ئايدىن بۇيان، قاغىلىق ناھىيىسى بىخەتەرلىك نۇقتىسىدىن خىتاي دائىرىلىرى جىددىي كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بىر جايغا ئايلانغان.
خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، قاغىلىق ناھىيىسىدە 28-فېۋرال ۋەقەسىدىن كېيىن يەنە زەنجىرسىمان قارشىلىق ھەرىكەتلىرى يۈز بېرىپ، 2-مارت كۈنى ئۈچ نەپەر خىتاي پۇقراسى بىر ئۇيغۇر كىشى تەرىپىدىن بوغۇزلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن. قاغىلىق ۋەزىيىتىدىكى بۇ جىددىيچىلىك بىر قىسىم خىتايلارنى خىزمەت ۋە ئۆيلىرىنى تاشلاپ ئۆز يۇرتلىرىغا كېتىشكە مەجبۇرلىغان. خىتاي ھۆكۈمىتى 26-مارت كۈنى 28 فېۋرال بەخت يولى ۋەقەسىدە تىرىك قولغا چۈشۈپ قالغان ئابدۇكېرىم مامۇتقا ئۆلۈم جازاسى بەرگەن. گەرچە بۈگۈن قاغىلىق ناھىيىسىنىڭ ۋەزىيىتى نىسبەتەن تىنچىغان بولسىمۇ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ناھىيىنى قاتتىق باشقۇرۇش تەدبىرلىرى بوشىمىغان. خىتاي ھۆكۈمىتى قاغىلىق ناھىيىسىدە ئومۇميۈزلۈك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەرىكىتى قوزغاپ، بۇ ناھىيىدىكى خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا پەيدا بولغان مىللىي زىددىيەتنى تۈگىتىشكە ئۇرۇنغان. خىتاي ھۆكۈمىتى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇۋاتقان بۇ پائالىيەتلەر چەتئەلدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.
گېرمانىيىدىكى جامائەت ئەربابلىرىدىن ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ قانۇننىڭ زورلىشى، مىلتىقنىڭ بېسىمى ئاستىدا ئەمەلگە ئاشىدىغان نەرسە ئەمەسلىكىنى، ئادىللىق ۋە باراۋەرلىك بولمىغان جەمئىيەتتە ئىتتىپاقلىق بولمايدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ مۇستەملىكە بىر مىللەت بىلەن مۇستەملىكىچى بىر مىللەت ئوتتۇرىسىدا ئىتتىپاقلىقتىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئېيتتى. ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندى يەنە خىتاي يولغا قويۇۋاتقان بۇ تەدبىرلەرنىڭ ئىككى مىللەت ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنى ھەل قىلىشتا كارغا كەلمەيدىغانلىقىنى، مەسىلىنىڭ تۈگۈنى مىللىي مەسىلە ئەمەس، بەلكى زېمىن مەسىلىسى، ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 14-ماي قەشقەردىن ئالغان مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 4-ئايدىن باشلاپ قاغىلىق ناھىيىسىدە ھۆكۈمەت خادىملىرى يېزا، كەنتلەرگە قەدەر بېرىپ، تۈرلۈك تەلىم-تەربىيە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرغان. بۇ پائالىيەتلەرنىڭ ئاساسى مەزمۇنى؛ قانۇن-تۈزۈم تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىش، مۇقىملىق تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى تېخىمۇ قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىقلار بولغان. خەۋەردە، ھازىرغا قەدەر 2 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق قانۇندىن ساۋات بېرىش خىزمىتى ئىشلەنگەنلىكى، 70 مىڭ قۇتىدىن ئارتۇق ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنىڭ پۇقرالارغا ھەقسىز تارقىتىلغانلىقى، پۈتۈن ناھىيە خەلقىنىڭ بۇ قىزىللىشىش ھەرىكىتىگە سەپەرۋەر قىلىنغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
تەڭرىتاغ تورىنىڭ 14-مايدىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، قاغىلىق ناھىيىسىدە ئەڭ كەڭ قانات يايدۇرۇلغان پائالىيەتلەرنىڭ بىرى «100 كۈنلۈك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەلىم تەربىيە پائالىيىتى» بولغان. 5-ماي كۈنى، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى قاغىلىقتا «100 كۈنلۈك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەلىم-تەربىيە پائالىيىتى» نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى چوڭ يىغىن ئېچىپ داغدۇغىلىق ئۆتكۈزگەن. بۇ پائالىيەت 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغا قەدەر داۋام قىلىدىغان بولۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش تېمىسىدىكى تۈرلۈك مۇسابىقىلەر ۋە مۇكاپاتلاش پائالىيەتلىرى يېزا-قىشلاقلارغا قەدەر قانات يايدۇرۇلىدىكەن. «قىزىل بايراق ئاستىدا ئۆسۈپ يېتىلىش»، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىلىملىرى مۇسابىقىسى» قاتارلىق بۇ پائالىيەتلەر ئاخىرلاشقاندا، يەنە 10 مىڭلىغان كىشىلەر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈچۈن ئىمزا ئاتىدىكەن.
قانلىق ۋەقەلەردىن كېيىنكى قاغىلىقتا يولغا قويۇلۇۋاتقان سىياسەتلەرگە قارىتا ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ قاراشلىرىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.