ئۇچۇرلاردا ۋەقەدە نۇرغۇن كىشىنىڭ ئۆلگەن ھەم يارىلانغانلىقى، ئىككى ھۇجۇم قىلغۇچىنىڭ خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا دائىرىلەر نۆۋەتتە قاغىلىقتا جىددىي مۇقىملىق تەدبىرلىرىنى ئالغان بولۇپ قاغىلىققا تۇتاش يوللار قامال قىلىنغان، ۋەقە يۈز بەرگەن مەيدان ۋە يارىدارلار ئاپىرىلغان ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسى قاتارلىق جايلار قورشالغان، خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى چارلاش، ئاختۇرۇپ تۇتقۇن قىلىشنى داۋام قىلماقتا ئىكەن.
نام شەرىپىنى ئاشكارىلىمىغان مەلۇم ئاڭلىغۇچىمىزنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن ئەۋەتكەن ئۇچۇرىدىن ئاشكارىلىنىشىغا قارىغاندا، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ قاغىلىق ناھىيىسىدە 28-فېۋرال شۇ يەر ۋاقتى سائەت 4 ئەتراپىدا يەرلىك بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرى بىلەن خىتاي كۆچمەنلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ 12 ئادەم ئۆلگەن يەنە بىر قىسىم كىشىلەر يارىلانغان.
خىتاي قق تورىدىمۇ بۇ ھەقتە تېز ئۇچۇرلار تارالدى، ئۇنىڭدىمۇ ئاساسەن قاغىلىق بازىرىدا پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ۋەقەدە 10 لارچە ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى يەنە كۆپ كىشىلەرنىڭ يارىلانغانلىقى، ئىككى نەپەر ھۇجۇم قىلغۇچىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، ساقچىلارنىڭ تۇتقۇن قىلىشنى باشلىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
بۇ تولۇق بولمىغان ئۇچۇرنى دەلىللەش ئۈچۈن قاغىلىق ناھىيىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماق ۋە ئاھالىلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ كۆردۇق.
قاغىلىق ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىگە تېلېفون قىلدۇق، ئۇلار پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئىنكار قىلمىغان بولسىمۇ، بىراق بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلدى.
قاغىلىق ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، تېلېفون لىنىيىسى داۋاملىق ئالدىراشلىقتىن ئۇلانمىدى.
بەزى ئاممىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا قاغىلىق ناھىيىسىنىڭ ئىچى جىددىي ھالەتتە بولۇپ، ساقچىلارنىڭ چارلاش ۋە تۇتقۇن قىلىشى داۋام قىلىۋاتماقتا، دوختۇرخانا ۋە ۋەقە يۈز بەرگەن بەخت يولى بازىرىمۇ ساقچىلار تەرىپىدىن قامال قىلىنغان ئىكەن.
قەشقەر شەھەر ئىچىدە سودا قىلىۋاتقان قاغىلىقلىق بىر تىجارەتچى قاغىلىق بىلەن قەشقەر ۋە باشقا ناھىيىلەرگە تۇتىشىدىغان قاتناش ئېغىزلىرىنىڭ قامال قىلىنغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بۇ كېچە قاغىلىققا قايتالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
قاغىلىق ناھىيىسىنىڭ ئاممىۋى قاتناش ئىدارىسىنىڭ بىر ياش شوپۇرى، بۈگۈن ئۇزۇن يوللۇق قاتناشنىڭ توختىتىلغانلىقى، شەھەر ئىچىدە قاتتىق مۇقىملىق تەدبىرلىرى ئېلىپ بېرىلىپ، خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
قاغىلىقتا پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئۈچ سائەتتىن كېيىن، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئۈرۈمچىدىن تارقاتقان خەۋىرىدە، 28-فېۋرال قاغىلىق ناھىيىسىنىڭ بەخت يولى بازىرىدا ئاز ساندىكى جىنايەتچىلەر پىچاق بىلەن ئاممىغا ھۇجۇم قىلىپ ئوندەك كىشىنىڭ ئۆلۈشىنى ھەمدە بەزىلەرنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، ئاز دېگەندە ئىككى ئادەم ساقچىلار تەرىپىدىن ئوققا تۇتۇلدى، دائىرىلەرنىڭ ئاختۇرۇپ تۇتۇشى داۋاملاشماقتا، دەپ كۆرسىتىلگەن.
ۋاشىنگتون پوچتى، ب ب س قاتارلىق بەزى خەلقئارالىق ئاخباراتلارمۇ بۇ ھەقتە چەكلىك بولغان ئۇچۇرلارغا ئاساسەن تارقاتقان خەۋەرلىرىدە قاغىلىقتا يۈز بەرگەن پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە ئاز دېگەندە 12 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىككىسىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
قاغىلىقتا ۋەقە يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدە يەنىمۇ تولۇق ئۇچۇرلارغا ئىگە بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 15، يارىلانغانلار ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ بۆلىشى مۇمكىن ئىكەن.
قاغىلىق ناھىيىلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ كادىرى 29-فېۋرال شۇ جاي ۋاقتى 2 دە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ۋەقەدىكى ئۆلگەنلەر ۋە يارىلانغانلار ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسىنى ئىنكار قىلدى ۋە ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە بۈگۈن ئەتىگەن خىزمەت ۋاقتىدا ئاخبارات ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
قاغىلىقتا سەيشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن يۈز بەرگەن ۋەقەنىڭ جەريانى ۋە تەپسىلىي ئەھۋاللىرى ھازىرغىچە يەنىلا نامەلۇم، ئەمما دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ۋەقە يۈز بېرىپ بىر سائەتتىن كېيىن باشلىغان ئۆيمۇ-ئۆي ئاختۇرۇپ تۇتقۇن قىلىشى داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، ھازىرغىچە تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر ياشلىرى ئاز دېگەندىمۇ 25 كە يېتىدىكەن.
قاغىلىقتىكى پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ھەققىدە يەنە داۋاملىق يېڭى ئۇچۇرلار ئېلىشقا تىرىشماقتىمىز.