قاغىلىقتىكى بىر خىتاي پۇقراسى 28-فېۋرال ۋەقەسىدە ھۆكۈمەتنىڭ جاۋابكارلىقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

ۋەقەگە نىسبەتەن ئۆز قارىشىنى بىلدۈرگەن خىتاي پۇقراسى، بۇ خىل ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىشىگە يەنىلا دائىرىلەرنىڭ رايوندا زىيادە قاتتىق سىياسەت يۈرگۈزگەنلىكى سەۋەبچى دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

0:00 / 0:00

28-فېۋرال چۈشتىن كېيىن قاغىلىق بەخت يولىدىكى خىتايلار تىجارەت قىلىدىغان كۆكتات بازىرىدا يۈز بەرگەن، بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خىتاي پۇقرالىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ھەققىدە، ۋەقە يۈز بېرىپ 2 سائەتتىن كېيىن خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋەر بەردى. ئەمما قەشقەر ۋىلايىتى ھەم قاغىلىق ناھىيىلىك ھۆكۈمەت تور بېتىدە ۋەقە يۈز بېرىپ 24 سائەتكىچە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىدى. پەقەت 29-فېۋرال چۈشتىن كېيىن شۇ جاي ۋاقتى سائەت 5:30 دا قەشقەر ھۆكۈمەت تورىنىڭ خىتايچە بېتىدە «قاغىلىق بەخت يولى بازىرىدا 9 نەپەر تېررورچى پىچاق بىلەن پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلدى. 13 بىگۇناھ پۇقرا ئۆلدى. كۆپ ئادەم يارىلاندى. ساقچىلار 7 تېررورچىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ ئىككىسىنى تىرىك تۇتتى» دېگەن قىسقا ئۇچۇر بېرىلدى.

رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمى قاغىلىق ناھىيىسىگە تېلېفون قىلىپ، ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن، قاغىلىقتىكى رادىئو، تېلېۋىزورلاردا ۋەقە ھەققىدە خەۋەر بېرىلمىگىنى ئۈچۈن، زور كۆپچىلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەقەدىن خەۋىرى يوقلۇقى، ھەتتا ساقچىخانىدا ئىشلەيدىغان ساقچىلارنىڭمۇ ئەھۋالدىن تولۇق خەۋەردار ئەمەسلىكى مەلۇم بولدى.

ۋەقە يۈز بەرگەن جاي-قاغىلىق بەخت يولى كۆكتات بازىرى ئەتراپىدا ئولتۇرۇشلۇق بىرقانچە ئۇيغۇر تېلېفونىمىزنى ئالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار نۆۋەتتە قاغىلىق بازىرىنىڭ تىنچلىقىنى تەكىتلەپ، ۋەقە ھەققىدە ھېچقانداق خەۋىرى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

قاغىلىق ناھىيىسىدىكى بەخت يولى ساقچىخانىسى، قاغىلىق ئازادلىق يولى ساقچىخانىسى، دوستلۇق يولى ساقچىخانىسى ۋە قاغىلىق ناھىيىسىدىكى يېزا ساقچىخانىلىرىدىن تېلېفونىمىزنى ئالغان ساقچىلارنىڭ بەزىلىرى يۇقىرىدىن ۋەقە ھەققىدە ھەرقانداق ئورۇننىڭ تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلماسلىق بۇيرۇقى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ زىيارىتىمىزنى رەت قىلدى.

يەنە بىر قىسىم ساقچىلار بولسا، ئۆزلىرىنىڭ ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە خەۋىرى يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزلىرىگە ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەنلىكىنى، ئەمما ئىككى كۈندىن بۇيان قاغىلىقتا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى كۈچەيتىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

تېلېفونىمىزنى ئالغان قاغىلىقتىكى خىتاي پۇقرالىرى ۋەقەدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ، ۋەقە ھەققىدە پىكىر بايان قىلىشنى رەت قىلدى.

قاغىلىق بوئەي دوختۇرخانىسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر نەپەر خىتاي دوختۇر، يارىدارلارنىڭ قاغىلىق خەلق دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ۋەقەدە 12 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىدىن خەۋىرى بارلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي مىللىتىدىن بولغان بۇ دوختۇر يەنە، ئۆزىنىڭ ۋەقە ھەققىدىكى قارىشىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
‏-تۈنۈگۈن كەچتىن بۇيان ۋەزىيەت جىددىيلەشتى. دوختۇرخانىمىزدىمۇ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىندى. مېنىڭ نۇرغۇن خىزمەتداشلىرىم بۈگۈن ئەتىگەن ئىشقا تاكسى بىلەن كېلىپتۇ. مېنىڭ دوختۇرخانىدىكى ئۇيغۇر خىزمەتداشلىرىم بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىم ناھايىتى ياخشى. مەن بۇنداق بىر ئىشنىڭ يۈز بەرگەنلىكىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىمەن. مېنىڭچە، بۇ خىل ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىشىگە يەنىلا ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زىيادە قاتتىق بېسىمى ھەم چەكلىمىلىرى سەۋەب بولدى. ئەلۋەتتە بۇ خىل بېسىمغا نارازى بولغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار باشقا چىقىش يولىنى تاپالمىغانلىقى ئۈچۈن، مۇشۇنداق شىددەت يولىنى تاللاشقا مەجبۇر بولماقتا. مېنىڭچە، ئەگەر سىياسەت مۇشۇنداق داۋاملاشسا، بۇنداق ۋەقەلەر يەنە يۈز بېرىشى مۇمكىن. ھازىر بولغۇلۇق يەنىلا پۇقرالارغا بولۇۋاتىدۇ. مەن بۇ ھەقتە يەنىمۇ كۆپ توختىلىشنى خالىمايمەن. چۈنكى پەقەت پەرىزىمگە تايىنىپلا ۋەقە ھەققىدە قارىشىمنى بايان قىلالمايمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ ھازىرقى شارائىتىمىزمۇ بۇنداق ۋەقەلەر ھەققىدە پىكىر بايان قىلىشىمىزغا يار بەرمەيدۇ.

خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان يۇقىرى بېسىملىق باستۇرۇش سىياسىتى سەۋەبلىك، ھۆكۈمەتتىن نارازى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ، ساقچىخانىلار ھەم خىتاي پۇقرالىرىغا قارشى شىددەت تۈسىنى ئالغان بۇ خىل ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى 2009 يىلىدىكى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن بۇيان بىرقانچە قېتىم يۈز بەردى. رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىم قاغىلىقتىكى خىتايلار تىجارەت قىلىدىغان كۆكتات بازىرىدا يۈز بەرگەن، خىتاي پۇقرالىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن بىر ئاي ئىلگىرى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلىرىگە زەربە بېرىپ، مۇقىملىقنى ساقلاش» ھەققىدە ھۆججەت تارقىتىلغان. رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلارمۇ، يەرلىك دائىرىلەرنىڭ «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلىرىگە زەربە بېرىش» نامىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ نورمال دىنىي پائالىيەتلىرى ھەم كىيىنىشلىرىگە چەكلىمە قويۇشى، مەسچىتلەرگە سىرتتىن كەلگەن دىنىي زاتلارنى تىزىملاش تەلىپىنى قويۇپ، پۇقرالارنىڭ كوللېكتىپ ھالدىكى دىنىي پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشتە ئاۋۋال ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلىشى قاتارلىقلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.