28-فېۋرال قاغىلىق ناھىيىسىنىڭ بەخت يولى سودا بازىرىدا يۈز بەرگەن ئۇيغۇر قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچلىرىنىڭ خىتايلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دىققىتىنى يەنە بىر قېتىم ئۇيغۇر ئېلىگە جەلپ قىلدى. خىتاينىڭ ئۇچۇرنى كونترول قىلىشى سەۋەبلىك ۋەقەنىڭ تەپسىلىي جەريانى تولۇق ئايدىڭلاشمىدى. تەرەپلەرنىڭ ئېلان قىلغان ۋەقە توغرىسىدىكى مەلۇماتىدا پەرق بار. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭ «بۆلگۈنچى» ۋە «تېررورچىلار» پەيدا قىلغان تىنچ پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 13 پۇقرانىڭ ئۆلگەنلىكى، ھۇجۇمچىلاردىن 7 كىشىنىڭ ئامانلىق كۈچلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ تاشلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بىراق، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەقەدە ئۆلگەن ئاز دېگەندە 20 كىشىدىن 7 سىنىڭ ساقچى ئىكەنلىكى، «بۇ ۋەقە تىنچ يول ئارقىلىق ئۆز نارازىلىقىنى ئىپادىلەشكە ئامالسىز قالغان، ئىپتىدائىي ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ قارشىلىق كۆرسىتىشتىن باشقا يولى قالمىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكىتى» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
بىراق بەزى خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە يېقىندىن قىزىقىدىغان بەزى مۇتەخەسسىسلەر، قاغىلىقتىكى ۋەقەگە پىكىر بىلدۈرۈپ، بۇ ۋەقەنىڭ خاراكتېرىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان مۇقىملىق سىياسىتى ۋە بىخەتەرلىك تەدبىرى مەسىلىنى ھەل قىلمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتايدىن ئۇيغۇرلارنى مۇقىملىق سىياسىتىدىكى باستۇرۇش نىشانى قىلغان سىياسىتىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇلارغا كەڭ ھوقۇق بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
گېرمانىيىنى بازا قىلغان خەلقئارا خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ئۇلرىخ دېلىئۇس ئەپەندى، رايوندا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ «بىز 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە پارتلىغان نارازىلىق ھەرىكىتى باستۇرۇلغاندىن بۇيان، شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى زىددىيەتنى جىددىيلەشكەنلىكىنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلدۇق. بىز بۇنىڭدىن خېلى بۇرۇنلا توقۇنۇش يۈز بېرىدىغانلىقىنى، بۇ خىل توقۇنۇش بۈگۈنكىدەك شەخسلەر بىلەن شەخسلەر ئارىسىدا، ئوخشىمىغان گۇرۇھلار ئارىسىدا ياكى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي ئارىسىدا پارتلاش ئېھتىمالى بارلىقىنى ھېس قىلغان. بىز بېسىم چوقۇم نارازىلىق پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. بىراق، دائىرىلەر بۇنىڭغا ھېچقانداق تەدبىر قوللانمىدى. ئەكسىچە ئۇلار تۇتقۇن قىلىش ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىش، ئۇيغۇرلارنى چاتاق تېرىيدىغان زوراۋانلار قىلىپ كۆرسىتىش ئارقىلىق ۋەزىيەتنى يەنىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى» دەپ كۆرسەتتى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى بۈگۈن «شىنجاڭنىڭ ئىنتايىن تېز تەرەققىيات يولىدا كېتىۋاتقانلىقى» نى تەكىتلىگەن. بىراق خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتىدىكى ئۇلرىخ دېلىئۇس خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەقىقەتەن ئۇيغۇرلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قىزىقىدىغانلىقى گۇمانلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، بىراق شۇنداقتىمۇ نوقۇل ئىقتىسادى تەرەققىيات ئارقىلىق مەسىلە ھەل بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئالدى بىلەن بىز شۇ نەرسىنى ئايرىۋېلىشىمىز كېرەك. تەرەققىياتنى ئىلگىرىلەپ ئالغا سۈرۈش ئارقىلىق زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىشىنى توختاتقىلى، ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىغىلى بولماسلىقى مۇمكىن. بۇ يەردىكى مەسىلە ھوقۇق مەسىلىسىدۇر. يەنى ئاساسى كىشىلىك ھوقۇق، ئىپادە ھوقۇقى، يىغىلىش ھوقۇقى ۋە دىنىي ئەركىنلىك ھوقۇقى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھوقۇقلارنى رەت قىلىۋاتىدۇ. سىز كىشىلەرنىڭ ئايلىق مائاشىنى ئۆستۈرۈپ بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەلەپلىرىنى توختىتالمايسىز. شۇڭا سىز ئىقتىسادى تەرەققىياتنى ئاساسى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئورنىغا دەسسىتەلمەيسىز.»
خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر ۋەقەنى ئاز ساندىكى بىر ئۇچۇم كىشىلەر پەيدا قىلغان «ئىندىۋېدال» ھادىسە دەپ چۈشەندۈرۈپ، ۋەقەنى كىچىكلىتىپ كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق بۇ ۋەقەنىڭ خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسىي كېڭەش يىغىنى پات يېقىندا ئېچىلىدىغان نازۇك بىر مەزگىلدە يۈز بېرىشى دىققەت قوزغىغان نۇقتىلارنىڭ بىرىدۇر. ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام ماھمۇت ئەپەندى ئەسكەرتىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىش سىياسىتى دەۋرگە ماس كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكىدىكى بەزى خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزۇلار ئارىسىدا توقۇنۇش پارتلاش ئېھتىماللىقى ھەر ۋاقىت مەۋجۇت. ئامېرىكا ديۇك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ زىيارەتچى ئىلمىي خادىمى شۇ ۋېنلى ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن ھاكىمىيەت ئارىسىدىكى زىددىيەتنى مەقسەتلىك مۇرەككەپلەشتۈرۈپ، ئۇنى ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزۇلار ئارىسىدىكى زىددىيەتكە ئايلاندۇرۇپ قويغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار ھازىر شىنجاڭ مەسىلىسىنىڭ تېخىمۇ زور كۆلەملىك پارتلاپ چىقىش ئېھتىماللىقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، مەلۇم دەرىجىدە ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزۇلار ئارىسىدىكى زىددىيەتنى پەيدا قىلدى ياكى ئۇنىڭدىن پايدىلاندى. شۇنىڭ بىلەن بۇ مەسىلىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتتى. ھۆكۈمەت بىلەن ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئۆچمەنلىك ۋە نەپرەتكە ئايلىنىپلا قالماي، ئۇلارنىڭ خەنزۇلار بىلەن بولغان زىددىيىتىمۇ ئۆچمەنلىك ۋە نەپرەتكە ئايلاندى. بۇ بۇرۇنقى ئەھۋالغا ئوخشىمايدىغان بىر خاھىشتۇر. شۇنداق قىلىپ ئەسلى تۈزۈلمىدىن كېلىپ چىققان زىددىيەتكە مىللەتلەر ئارىسىدىكى بۇ خىل ئۆچمەنلىك ۋە نەپرەت قوشۇلۇپ، مەسىلىنى تېخىمۇ مۇرەككەپ ئەھۋالغا ئاپىرىپ قويدى.»
بىراق، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئىلھام ماخمۇت ئەپەندى بولسا بۇ خىل نەپرەت ۋە ئۆچمەنلىكنى خىتاينىڭ ئۆزى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر ۋەقەنى «تېررورلۇق» ھۇجۇم دەپ ئېلان قىلغان. بىراق خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتىدىكى ئۇلرىخ دېلىئۇس ۋەقەنى «تېررورلۇق» ھۇجۇم دەپ ئېلان قىلىشنىڭ قايىل قىلارلىق ئىزاھات ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىدۇ. ئۇ «بىزنىڭ ۋەقەنى چۈشىنىشىمىزگە، مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئېرىشكەن ئۇنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە ھەقىقىي ئەھۋالىغا دائىر تەپسىلىي ئۇچۇر يوق. بۇ تۇنجى قېتىم يۈز بېرىۋاتقان ۋەقە ئەمەس. بۇنداق ۋەقە دائىم يۈز بېرىپ تۇرۇۋاتىدۇ. بۇ گۇرۇھلار ھەققىدە ھەر خىل قاراش بار. بۇ ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى ھېچكىمگە مەلۇم ئەمەس. بىراق بىر نۇقتا ناھايىتى ئايدىڭكى، تېررورلۇق شەخسلەرنىڭ پىچاق بىلەن ساقچى ياكى خىتاي پۇقرالىرىغا ھۇجۇم قىلىدىغان ھەرىكەت ئەمەس. بىزنىڭ چۈشەنچىمىزچە، تېررورلۇق باشقىچە بىر قىلمىش. ئۇلار ئەجەللىك قوراللار بىلەن بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ بارىدۇ. شۇڭا بىز ھازىرغىچە شەرقىي تۈركىستاندا تېررورلۇق تەھتىتىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىغا تازا قايىل ئەمەس» دەپ كۆرسەتتى.
ئامېرىكا ديۇك ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى شۇ ۋېنلى ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر يولغا قويۇۋاتقان سىياسىتى ۋەزىيەتنى پەسەيتىشكە پايدىسىز ئىكەنلىكىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇيغۇرلار بىلەن دىئالوگ ئېلىپ بېرىشنى ۋە يەرلىك خەلقنىڭ بەزى ئارزۇلىرىغا ھۆرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ قارىشىمچە، ھەر قايسى دۆلەتلەر ئۆزىنىڭ بەزى مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھاكىمىيەتنى كۈچەيتىش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىدۇ. بىراق بۇ ھېچقاچان ياخشى بىر چارە بولۇپ باققان ئەمەس. شۇڭا يەنىلا دىئالوگ ئېلىپ بېرىش، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى خەلقنىڭ بەزى ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىش، جۈملىدىن ئۇلارنىڭ بەزى تەشكىلاتلىرى بىلەن دىئالوگ ئېلىپ بېرىش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللانغان ياخشى. ھەرگىز ئۇلارنى ئاددىيلا قىلىپ، بۆلگۈنچى ياكى تېررورچى، دەپ ئايرىماسلىق كېرەك. چۈنكى بۇنداق قىلمىش ھەرگىز مەسىلىنى ھەل قىلىشقا پايدىلىق ئەمەس.»
شۈ ۋېنلى ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ۋەزىيەتنى پەسەيتمەكچى بولسا، بىر قىسىم بايلىقتىن ئۇيغۇرلارنى بەھرىمەن قىلىپلا قالماي، خەنزۇ كۆچمەنلىرىنى يۆتكەشنى كونترول قىلىشى كېرەك.
ئۇ «بولۇپمۇ، ئۇيغۇر ۋە باشقا بەزى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ نۇقتىنەزىرىدىن قارىغاندا، ئۇلار ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد بۇ زېمىندا ياشىغان. بۇ يەرنىڭ تەبىئىي بايلىقىدىن ئۇلارنىڭ بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقى بار. بىراق ئىقتىسادى تەرەققىيات جەريانىدا ئۇلار بۇنىڭدىن بەھرىمەن بولالمىدى. بولۇپمۇ ئۇلار ئوتتۇرا شەرقتىكى بەزى دۆلەتلەرنىڭ خەلقى نېفىتتىن بېيىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، چوقۇم ئۆزلىرىنىڭ ئەھۋالىغا نارازى بولىدۇ. شۇڭا مەركىزى ھۆكۈمەت بۇنى ئويلىشىشى كېرەك. ئۇلارغا يۇقىرى دەرىجىلىك ئاپتونومىيە بېرىلسە، كۆچمەن يۆتكەشنى ئازلىتىش ياكى يۆتكىمەسلىك كېرەك. بۇ رايوندىكى بۇرۇن يۆتكەپ ئاپىرىلغان كۆچمەنلەرنىڭ ئۆزىگىمۇ ياخشى. شۇنداق قىلغاندا ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەرنىڭ نەپرىتى ۋە ئۆچمەنلىكىنى ئازايتقىلى بولۇشى مۇمكىن» دەپ كۆرسەتتى.