بۇ قېتىم قاغىلىق ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن بىر ۋەقە خىتايدا يىمەك - ئىچمەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى مەسىلىسىدىكى سەزگۈرلۈكنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىدى.
ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇر تور بەتلىرىدىن بىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، قاغىلىق ناھىيىسىدە 8 نەپەر ئوقۇغۇچى چوكا مۇزدىن زەھەرلىنىپ ئۆلگەن، 180 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى جىددىي قۇتقۇزۇش بولۇمىدە قۇتقۇزۇۋېلىنغان.
قاغىلىق ناھىيىلىك ئاياللار بىرلەشمىسى ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى.
لوق يېزىسىنىڭ يېزا باشلىقى ئۆمەر ئەلى ۋەقەنىڭ يىمەكلىكتىن زەھەرلىنىش ۋەقەسى ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلدى. ئۇ پەقەت ۋەقەنى ئاپتاپتا "ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىش ۋە قورقۇپ كېتىش ۋەقەسى" دەپ چۈشەندۈردى. يېزىلىق پارتكوم سېكرىتارى ئەركىن سەمەتمۇ ۋەقەنى پەقەت "ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىش ۋەقەسى" دەپ چۈشەندۈردى.
خىتاي ئەمەلدارلىرى ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا، مەسىلىگە ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىشنى ئەمەس، مەسىلىنى يوشۇرۇشنى ئاساسلىق چارە دەپ قارىماقتا. بۇ قېتىم قاغىلىقتىكى دائىرىلەر ئوتتۇرىغا قويغان ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىش ۋە قورقۇپ كېتىش ۋەقەسى مانا بۇ نۇقتىدىن گۇمانلىق كۆرۈلمەكتە. چۈنكى ۋەقەدىكى بىمارلارنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى يىمەكتىن زەھەرلىنىشكە يېقىن كۆرۈلمەكتە.
بىز كېلەر قېتىملىق پروگراممىمىزدا، ۋەقەنىڭ ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىش ياكى يىمەكتىن زەھەرلىنىش ئىكەنلىكىگە ئائىت كەسپىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قاراشلىرىنى ئاڭلىتىمىز.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.