قالپاقدۆڭ كەنتىدىكى 'مۇقىملىق' نىڭ سىرى

ئۇيغۇر يېزىلىرىنىڭ مۇقىملىقى خىتاينىڭ 2008 ‏ - يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان بىخەتەرلىك سىياسىتىنىڭ مۇھىم ھالقىسى ئىدى.

0:00 / 0:00

دائىرىلەر ئۇيغۇر يېزا ‏ - كەنتلىرىدە يولغا قويۇلغان بىخەتەرلىك سىياسىتى يېزا ‏ - كەنتلەردە مۇقىملىقنى ساقلاشتا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى تەكىتلىسىمۇ، لېكىن كۆزەتكۈچىلەر ۋە يەرلىك دېھقانلار بۇ تۈردىكى سىياسەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەپسەندە قىلىش رولىنى ئوينىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

يەكەن ناھىيىسىنىڭ قالپاقدۆڭ كەنتى بۇ تۈردىكى ئۇيغۇر يېزا ‏ - قىشلاقلىرىنىڭ بىرىدۇر.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەكەن ناھىيىسى ئازادباغ يېزىسىنىڭ ھۆكۈمەت ۋە پارتىيە ياچېيكىسى مەزكۇر يېزىدىكى قالپاقدۆڭ كەنتىنى مەزكۇر كەنتتە ئۇدا 4 يىلدىن بېرى "قانۇنسىز" دىنىي پائالىيەت ۋە ئاممىۋى ئەرز ‏ - شىكايەت يۈز بەرمىگەنلىك سەۋەبى " تىنچ كەنت"، جەمئىيەت تەرتىپىنى رەتكە سېلىش، قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇشتىكى "ئىلغار كەنت"، " ئۈلگىلىك كەنت"، دەپ باھالىغان ئىدى. ئۇيغۇر ئېلىدە چىقىدىغان قەشقەر "ئامانلىق" تور بېكىتىنىڭ مەزكۇر كەنت توغرىسىدا ئېلان قىلغان يېقىنقى بىر خەۋىرىدە قالپاقدۆڭ كەنتىنىڭ قانداق قىلىپ ئۇدا 4 يىلدىن بېرى ۋەقە سادىر قىلماي "تىنچ كەنت " بولۇپ ياشىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرگەن.

قالپاقدۆڭ كەنتىدىكى مۇقىملىقنىڭ سىرى زادى قەيەردە ئىدى ؟ " خەۋەرلەرگە قارىغاندا، يەرلىك دائىرىلەر 2008 ‏ - يىلى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنىڭ ئالدى - كەينىدە كەنت دائىرىسىدە پەۋقۇلئاددە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى يولغا قويغان بولۇپ، بۇ تەدبىرلەر كەنت پۇقرالىرىنىڭ ئائىلە ۋە كۈندىلىك شەخسى تۇرمۇش پائالىيىتىگە تاقىلىدىغان تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

ھەر بىر ئائىلە ئون بېشىلار بىلەن، ئون بېشىلار گۇرۇپپا باشلىقلار بىلەن مەسئۇلىيەتنامە ئىمزالاش، ۋەقە سادىر بولسا ئائىلە، ئون بېشى ۋە گۇرۇپپا باشلىقلار جاۋابكار بولۇش، مەسچىت ۋە دىنىي زاتلارنىڭ سۆز - ھەرىكىتىنى تەقىپ قىلىش، ھەج قىلىش ئارزۇسى بار مۇسۇلمانلارنىڭ پېيىغا چۈشۈپ، ئۇلارغا كۆز ‏ - قۇلاق بولۇش، ھەج قىلىشنى توساش، ئىماملار كەنت كادىرىغا ھەر جۈمە كۈنى مەسچىتنىڭ بىر ھەپتىلىك پائالىيىتىنى دوكلات قىلىش، مەسچىتتە ۋەقە يۈز بەرسە مەسچىتكە مەسئۇل كادىر جاۋابكار بولۇش، ساقچىخانىنىڭ رۇخسىتىسىز ئۆي ئىجارىگە بەرمەسلىك، ئىجارە بېرىلگەن ئۆيدە ۋەقە سادىر بولسا ئۆي ئىگىسى جاۋابكار بولۇش، كەنت ئاھالىسىنىڭ ناھىيە ۋە ۋىلايەتلىك ئورگانلارغا بېرىپ، ئەرز - شىكايەت قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ھەر ھەپتىدە دېھقانلارنى سىياسى ئۆگىنىشكە ئۇيۇشتۇرۇش قاتارلىقلار.

لېكىن يەرلىك دېھقانلار بولسا دائىرىلەرنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىگە نارازى بولۇپ، بۇ مەسىلىلەردە دائىرىلەر بىلەن ئوخشىمىغان پىكىردە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. بىر دېھقان "ۋەقە چىقارمايمىز، دەپ كاپالەت بېرىمىز، بىز ئۆزىمىزگە ‏ - ئۆزىمىز. مەسىلەن، كەنتتىكىلەر بىخەتەرلىكنى دوكلات قىلىڭلار، دېدى. بىز شۇنىڭغا ئاساسەن ئۇيان - بۇيانغا ماڭمىدۇق.... بىز ۋەقە چىقارمايمىز، ئۆزىمىزنىڭ ئىشىمىز ئالدىراش، ئۇيان - بۇيان ماڭمايمىز، ماڭساقمۇ يېزىدىن خەت ئېلىپ ماڭىمىز، دەپ ئېغىزاكى ۋەدە بەرگەن.... )ئۆينى ئىجارىگە بەرسە( سۈرۈشتۈرىدۇ، بىزمۇ ئىجارىگە بەرمەيمىز. ئەگەر )ئىجارىگە بېرىشكە توغرا كەلسە( ئالدى بىلەن يېزا ساقچىخانىسىغا تىزىمغا ئالدۇرۇپ قويۇپ، بۇ پالانى يەرلىك ئادەم، دەپ ئاندىن ئىجارىگە بېرىمىز. ئىجارىگە بېرىپ باقمىدۇق. مەسىلەن، مەن ئۆزەم شەخسەن دېھقان مەن. مېنىڭ ئۆيۈمگە بىرەر يېرىم ئادەم كېلىپ قالسا نېمە ئادەم سىز ؟ سالاھىيەت گۇۋاھنامە، نوپۇس دەپتىرىڭىز ) بولۇشى كېرەك(. ئەگەر - تۇغقان بولماي باشقا يۇرتتىن كېلىپ قالغان بولسا ئالدى بىلەن ساقچىخانىغا ئاپىرىپ تىزىمغا ئالدۇرۇپ قويۇپ، ئاندىن كېيىن بىرەر كېچە قونۇشقا ياكى ئىجارىگە بېرىشكە توغرا كېلىپ قالسا ئۆينى مۇنداق بېرىمىز. مەن پالانى يەردىن كەپتىم، ئۆيىڭىزنى 5 ئاي ياكى بىرەر يىل ئىجارىگە ئېلىپ تۇراي دېسە ئۇنۇمايمەن" دەيدۇ.

كىشىلىك بىخەتەرلىك سەۋەبى ئۆزىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان يۇقىرىقى يەرلىك دېھقان كەنت خەلقىنىڭ سىياسى ئۆگىنىشكە ئەمەس سۇغا ئېھتىياجى بارلىقىنى، سۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ھازىرقى ئەڭ جىددىي مەسىلە بولسىمۇ، لېكىن ئازادباغ يېزا پارتىيە ياچېيكا سېكرېتارى ئابلا سىدىقنىڭ ھاشارنى پۇلغا سۇندۇرۇپ، دېھقانلارنى ھاشار ئورنىغا پۇل تۆلەشكە قىستاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ دېھقان مۇنداق دەيدۇ: "مەن ئەمدى بىر دېھقان. بىزنىڭ يېزىنىڭ سېكرېتارى تازا ناچار ئادەمكەن بۇ، خەلقتىن ئېلىپلام يەيدىغان. خەلق مەنپەئەتى دەيدىغان گەپ ئۇ ئادەمنىڭ لۇغىتىدە يوقكەن. ئالۋاڭ ياساقنى كۆپ قويۇۋاتىدۇ بىزگە. ئاددىغىنىسى بىز ئۆزىمىز ئىشلەيمىز، لېكىن ھاشىرىمىزغىمۇ ھاشار قويماي پۇللام يىغىدۇ. 5 مىڭ سوم پۇل كېتىدىغان يەرگە 10 - 15 مىڭ سوم يىغىدۇ. بۇ ناھىيىنىڭ بۇيرۇقى، دەيدۇ. ھاشارنى ئۆزىمىز ئىشلەيلى دېسەك ئۇنىمايدۇ. پۇللام قومىرىدۇ ئەمدى.... ئەسلى ئەمگەك قانۇنىدا 60 كۈن ئىشلىسەكلا بولاتتى. لېكىن ھازىر ئائىلىمىزنىڭ ئىشىنى قىلالماي پارنىك، ئۇ - بۇ ئىشلار بىلەن 100 كۈندىنمۇ ئېشىپ كېتىدۇ.... بىزنىڭ 1 ‏ - بولۇپ سۇغا ئېھتىياجىمىز بار. سۇ، يەرنى سۇغىرىدىغان سۇ يەنى ئۆستەڭ قۇرۇلۇشى دەيمىز. بولسا سۈيىمىز كەڭرى بولسا. بىنەم ئاچىدىغان يەرلىرىمىزنى ئېچىپ بولدۇق، يەرلىرىمىز كەڭ تاشا بار. مەسىلەن، بىزنىڭ ئازادباغ يېزىدا 45 مىڭ مو يەر بار، ئاچقان بىنەم يەر بىلەن 70 مىڭ موغا يەتتى. لېكىن ئۆستەڭ سۈيى 30 مىڭ مو يەرنى سۇغۇرالايدۇ."

ئازادباغ يېزىسىدىكى يەرلىك دائىرىلەر مەزكۇر يېزا تەۋەلىكىدىكى پۇقرالارنىڭ ئەرز - شىكايەت ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان مەخسۇس قانۇنى مەسلىھەت بېرىش پونكىتى تەسىس قىلىپ، يەرلىك دېھقانلارنىڭ ئەرز - شىكايەت ۋە داۋا ئىشلىرىنى مەزكۇر پونكىتتىكى خادىملارنىڭ ياردىمىدە بىر تەرەپ قىلىش، ناھىيە ياكى ۋىلايەت دەرىجىلىك ئورگانلارغا ئەرز - شىكايەت قىلىپ بارماسلىقنى بەلگىلىگەن. قەشقەردىكى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا 4 يىلدىن بېرى قالپاقدۆڭدىن ناھىيە ياكى ۋىلايەتكە ئەرز قىلىپ بارغان كىشى چىقمىغان.

لېكىن ئازادباغ يېزىسىدا ئولتۇرىدىغان يۇقىرىقى دېھقان يەرلىك دائىرىلەرنىڭ يۇقىرىغا ئەرز قىلىپ بېرىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ،"ئۇلار يۇقىرىغا بېرىشىمىزغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. ئىدارىمىز مۇشۇ يەردە بولغاندىن كېيىن سەن چوقۇم مۇشۇ يەرگە كېلىشىڭ كېرەك، ئۇ يەرگە بارساڭ، يەنە بىزگە ئوخشاش ھەل قىلىدۇ، دەيدىغان يېرى بار. ئۇنىمىساق باشقا بېسىم يوق، ئىختىيارىڭ دەيدۇ، لېكىن ئالدىنئالا تېلېفون قىلىپ قويامدىكىنتاڭ، ئاخىرى يەنە مۇشۇلارنىڭ دېگىنى ھېساب بولىدۇ" دەپ كۆرسەتتى.

مەركىزى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بولسا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر يېزا - كەنتلىرىدە يولغا قويۇۋاتقان سىياسىتى ئومۇم تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان ئاساسى كىشىلىك ئەركىنلىك ئۆلچىمىگە خىلاپ بولۇپلا قالماي، بۇ يەنە خىتاي ئاساسىي قانۇنىدىكى مۇناسىۋەتلىك ماددىلارغا خىلاپ، دەپ ئەيىبلىمەكتە. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت رادىئومىزغا بەرگەن بۇ ھەقتىكى باياناتىدا مۇنداق دەيدۇ": بۇ ئالدى بىلەن ئەلۋەتتە ئۆزىنىڭ قانۇنىغىمۇ خىلاپلىق قىلغانلىقتۇر. ئىنساننىڭ بىر ناھىيىدىن بىر يېزىغا بېرىپ تۇغقان يوقلىشى، ساياھەت قىلىشى ياكى بىرەرسى بىلەن ئۇچرىشىپ كېلىشى ئىنساننىڭ ئەڭ ئاددى ھوقۇقى. ھازىرقى گەپ نېمە بولۇۋاتىدۇ، دېگەندە خىتايلار ئاتالمىش مۇقىملىقنى قوغدايمىز، دېگەن قالپاق ئاستىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ كەنتىدىن تارتىپ يېزىسىغىچە نازارەت قىلىۋاتىدۇ. بىر يېزىدىن يەنە بىر يېزىغا بېرىش ئۈچۈنمۇ ناھايىتى قولايسىز ئەھۋالدا. يېزىلىق، ناھىيىلىك ھۆكۈمەتلەر كېلىپ - كېتىدىغان ئادەملەرنىمۇ قەيەردىن كەلدىڭ، نېمىشقا كەلدىڭ دەپ تەكشۈرۈۋاتىدۇ. دېمەك بۇ دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدە مەۋجۇت بولمىغان بىر ئەھۋالدۇر."

دىلشات رىشىت يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنى تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى بىكار قىلىشقا چاقىرىپ، خەلقئارا جەمئىيەتتىن ئۇيغۇر يېزا - كەنتلىرىدىكى بۇ ئەھۋاللارغا دىققەت قىلىشنى، خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلدى.

قالپاقدۆڭ كەنتىدىكى دېھقان ھازىرغا قەدەر قالپاقدۆڭدە كەنت خەلقى ئۆيىنى ئىجارە بەرگەنلىك سەۋەبى ۋەقە يۈز بېرىدىغان ئەھۋاللار بايقالمىغانلىقىنى، لېكىن ۋەقە يۈز بەرسە دائىرىلەرنىڭ چوقۇم ئۆي ئىگىسىنى تۇتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، "سۈرۈشتۈرىدۇ، ئۇنداق ئىشلارغۇ چىقمىدى، چىقمىغان بولغاچ سۈرۈشتۈرمىدى. چىقىپ قالغان بولسا سۈرۈشتۈرەتتى. مەھەللىمىز تىنچ - ئامان. ئەمدى ۋەدىگە ئەمەل قىلمىساق بولمايدۇ. تىنچ - ئامان، ئىناقلىق قۇرمىساق بولمايدۇ،" دەيدۇ.

لېكىن قەشقەر " ئامانلىق" تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە دائىرىلەرنىڭ سىياسىتى قالپاقدۆڭ كەنتىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداپ، مەزكۇر كەنتتە ئۇدا 4 يىل ۋەقە سادىر بولمىغانلىقىنى، 2008 ‏ - يىلى ھېچكىمنىڭ ھەج قىلمىغانلىقىنى، ھېچكىمنىڭ ناھىيە - ۋىلايەت دەرىجىلىك ئورگانلارغا ئەرز - شىكايەتكە بارمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.