5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى يۈز بەرگەن مەزگىللەردە، غۇلجا ناھىيىسىنىڭ توخۇچىيۈزى يېزىسىدىكى ئابدۇمۇتەللىپ ئائىلىسىدە خىتاي ئەسكەرلىرى بىلەن بولغان توقۇنۇش جەريانىدا، ئابدۇمۇتەللىپ ۋە ئۇنىڭ 2 ئوغلى قاتارلىق 4 كىشىنىڭ نەق مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىدەك ۋەقە ھازىرغا قەدەر غۇلجا خەلقى ئارىسىدا ئېغىزدىن-ئېغىزغا تارقىلىپ يۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى قاتتىق كونترول قىلغانلىقى سەۋەبىدىن، ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇرلار ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكى ئالدىدا تولۇق ئاشكارىلانمىدى. يېقىندا بۇ ۋەقەدىن تولۇق خەۋەردار، ئەمما ئۆز ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر كىشى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۇ ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلاتتى.
ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، شۇ كۈنىدىكى ئېتىشىشتا قان ئىچىدە قالغان ئابدۇرازاقنىڭ ئوغلى بۇ يىل 15 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ھازىر ئاپىسى مۇبارەك بىلەن غۇلجا ناھىيىسىنىڭ تۇرپانيۈزى يېزىسىدا ياشىماقتا ئىكەن.
بۇ پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىلەر.