پەلەك شاھى ئادىل ھوشۇر قاناس كۆلى ئۈستىدىن ئۆتمەكچى

پەلەك شاھى دەپ نام ئالغان ئۇيغۇر داۋاز ئادىل ھوشۇر، 5 ‏- ئىيۇل كۈنى قاناس كۆلىنىڭ ئاي ئەگرىسى بۆلگسىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان پولات سىمدىن ئۆتۈش ئۈچۈن جىددىي تەييارلىق كۆرمەكتە.

0:00 / 0:00

ئائىلىسىنىڭ 450 يىللىق داۋاز تارىخىغا ئىگە بولۇشى تۈپەيلى داۋاز ماھارىتىنى ئۆزىدە پىششىق مۇجەسسەملەشتۈرگەن ئادىل ھوشۇر، 5 قېتىم دۇنيا جىنىس رېكورتى يارىتىپ، ئۇيغۇر داۋاز مەدەنيىتىنى پۈتكۈل جاھانغا نامايەن قىلدى.

ھازىر دۇنيا جامائەتچىلىكى پەلەك شاھىنىڭ بىر ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى تونۇيدۇ. ئادىل ھوشۇر ئىلگىرى ئۇزۇنلۇقى 1399 مېتىرلىق سىمدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتكەن بولۇپ، بۇ قېتىم ئۇ مېڭىپ ئۆتمەكچى بولغان پولات سىمنىڭ ئۇزۇنلۇقى بولسا 1530 مېتىرغا، ئىگىزلىكى 250 مېتىرغا يېتىدىكەن.

بىز ئادىل ھوشۇر ئەپەندىنىڭ بىر مەزگىل ئارا بەرگەندىن كېيىن، يېڭى ئېلىپ بارماقچى بولغان بۇ پائالىيىتى ھەققىدە رادىئو ئاڭلىغۇچىلارغا تەپسىلىي مەلۇمات بېرىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا تېلېفۇن ئۇردۇق. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئادىل ئەپەندى قاناس كۆلىدە ئېلىپ بارىدىغان داۋاز ماھارىتىنىڭ، سۇنئىي ھەمراھ ئارقىلىق 33 دۆلەتكە نەق مەيداندىن تارقىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە 5 ‏- ئىيۇل كۈنى سىم ئۈستىدىن ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىنكى تەسىراتىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن زىيارىتىمىزنى كۈتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئادىل ھوشۇر بىلەن ئېلىپ بارغان بۇ سۆھبەت خاتىرىسىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.