ھازىرغىچە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلغان كىشىلەرنىڭ نارازىلىق نامايىشلىرى داۋاملىشىۋاتىدۇ. بىز بۇ بىر ئاي ئىچىدە پەقەت ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۆزىدە يۈز يۈز بەرگەن ئەھۋاللارنى ئەسلەپ باقايلى.
7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلار 26 - ئىيۇن كۈنى گۇاڭدۇڭدا يۈز بەرگەن "شاۋگۈەن ۋەقەسى"دە خىتايلار تەرىپىدىن ئۇيغۇر ئىشلەمچىلىرىنىڭ ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەنلىك ۋەقەسىنى ھۆكۇمەتنىڭ ئادىل بىر تەرەپ قىلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ تىنچلىق نامايىشى ئېلىپ باردى. ئەمما ھۆكۇمەت دائىرىلىرى نامايىشچىلارنى ساقچىلار ئارقىلىق قانلىق باستۇرغاندىن كېيىن، تىنچلىق نامايىشى 10 مىڭلىغان ئادەم قاتناشقان توقۇنۇشقا ئايلاندى.
شۇ كۈنى ئاخشىمى خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى نامايىشچىلاردىن 70 نەپىرى ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلغانلىقىنى، قالغانلىرى تارقىتىۋەتىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. ئارقىدىنلا يەنە، مەيدانغا بىر قىسىم نامايىشچىلارنىڭ ساقچىلارنى' بۇسۇپ كىرىپ كەلگەنلىكى، يەنە 30 نامايىشچىنىڭ تۇتۇپ كىتىلگەنلىكى، قالغانلىرىنىڭ تارقىتىۋەتىلگەنلىكى، نامايىش بېسىقتۇرۇلغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر ئېلان قىلىندى. يۇتۇپ قاتارلىق تور بەتلىرىگە نامايىشنىڭ خەلق ئاممىسى تەرىپىدىن نەق مەيداندىن تارتىۋېلىنغان رەسىم ۋە سىنالغۇ فىلىملىرى قويۇلدى. دۇنيا خەلقى ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىدىن خەۋەردار بولدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە رابىيە قادىر خانىم بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقنىڭ تىنچلىق نامايىشىنى قوراللىق باستۇرغانلىقىنى ئەيىبلىدى.5 - ئىيۇل كۈنى چۈشتىن كېيىندىن باشلاپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلغۇچىلار نارازىلىق نامايىشلىرى ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى. ئەڭ ئالدى بىلەن كالىفورنىيىدىكى ئۇيغۇرلار نارازىلىق نامايىشى ئۇيۇشتۇردى. تۈركىيىدە ئۇيغۇرلار ۋە تۇركلەر قوشۇلۇپ 10 مىڭ كىشىلىك نامايىش ئويۇشتۇرۇلدى. نارازىلىق نامايىشلىرى ھېلىمۇ داۋاملاشماقتا.
6 - ئىيۇل ئەتتىگەندە ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى نۇر بەكرى تىلىۋېزوردا نوتۇق سۆزلەپ، ۋەقەنى چەتئەللەردىكى 3 خىل كۈچلەر ۋە ئۇيغۇر بىز تور بېتى قاتارلىق تور بەتلىرىنىڭ قۇتراتقۇلۇقى نەتىجىسىدە يۈز بەرگەن"ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، ئوت قويۇش، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكىتى" دەپ ئەيىبلىدى. خىتاي ھۆكۈمەت تور بەتلىرى ۋە تېلىۋىزىيە پروگراممىلىرىدا يارىدار بولغان ۋە ئۆلگەن خىتايلارنىڭ كورۇنۇشلىرى تەكرار كۆرسىتىلىشكە باشلىدى، ۋەقەدە ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۇرۇلگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى كۆرۇنۈشلەر بولسا، دۇنيادىكى داڭلىق ئاخبارات ئورگانلىرىدىن س ن ن، ب ب س، ۋاشىنگتون پوچتىسى قاتارلىق نەچچە ئونلىغان مەتبۇئاتلاردا كۆرسىتىلدى. يوتۇپقا خەلق تەرىپىدىن ھەم چەتئەللىكلەر تەرىپىدىن قويۇلغان فىلىملاردىمۇ كۆرسىتىلدى.
6 - ئىيۇل كۈنى، كەچ سائەت 7 دە ۋاڭ لېچۈەن ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ، "26 - ئىيۇن شاۋگۈەن ۋەقەسى" ۋە "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"نى رابىيە قادىر ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قۇتراتقۇلۇق قىلغانلىقى سەۋەبىدىن يۈز بەردى دەپ ئېلان قىلدى. خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۇ خەۋەرنى دەرھال دۇنياغا تارقاتتى. شۇ كۈنى ئەتتىگەن سائەت 9.30 دا ئۈرۈمچى شەھەر باشلىقى ھىسامىدىن جارۇللا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئېچىپ "7.5" ۋەقەسىدە 140 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، 828 كىشىنىڭ يارىدار بولغانلىغىنى ئېلان قىلدى. ئۆلگەن، يارىدار بولغانلارنىڭ مىللىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى. ئۈرۈمچىدە ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈلگەنلىكىنى، ۋەقەدە جاۋابكارلىقى بار كىشىلەرنىڭ تۇتۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
7 - ئىيۇل كۈنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساقچى ئورۇنلىرى 1434 نەپەر (55 ئايال) ئادەم تۇتۇلغانلىقىنى، 90 نەپەر گۇماندارنىڭ ئاختۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئۆلگەنلەرنىڭ 156 (27 سى ئايال) ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.
7 - ئىيۇل كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەل ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ ئۈرۈمچىگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلدى. شۇ كۈنى ئەتتىگەندە ئۇيغۇر ئاياللىرى نامايىشقا چىقتى. بۇ نامايىش پۈتۈن دۇنيانى لەرزىگە سالدى.7 - ئىيۇل چۈشتىن كېيىن بىر قىسىم خىتايلارمۇ كالتەك - چۇماقلارنى كۆتۈرۈپ ئۈرۈمچىدە نامايىش قىلدى. بۇ كۈنى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا بېسىپ كېلىپ ئۇچرىغان ئۇيغۇر پۇقرالىرىنى ئۇرۇۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ كامېرالىرى ئارقىلىق دۇنياغا تارقىتىلدى.
خەلقئارادىكى 100 دىن ئارتۇق ئاخبارات ئورگانلىرى بىرلا ۋاقىتتا ئۈرۈمچى ۋەزىيىتى ھەققىدە خەۋەر بەردى. 7 - ئىيۇل چۈشتىن كېيىندىن باشلاپ، دۇنيا تېلېۋىزورلىرى ۋە تور بەتلىرى، خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپ تارقاتقان خىتايلارنىڭ ئۆلگەنلىكى ۋە يارىدار بولغانلىرى تەسۋىرلەنگەن كۆرۈنۈشلىرى ئورنىغا، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ نامايىش كۆرۈنۈشلىرىنى ۋە خىتايلارنىڭ كالتەك - توخماق بىلەن ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلغان كۆرۈنۈشلىرىنى ئېلان قىلىشقا باشلىدى. ئۇيغۇر ۋەزىيىتى خەلقئارادىكى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.
7 - ئىيۇل ئەتىگەندە "دۇڭفىڭ"ماركىلىق 40 ئاپتوموبىلدا خىتاي ئارمىيىسىنىڭ قەشقەرگە كىرگەنلىكى توغرىسىدا شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋەر تارقاتتى. خوتەن، ئاقسۇ، غۇلجىغىمۇ ئەسكەرلەر كىرىۋاتقانلىقى، بۇ شەھەرلەردىمۇ ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈلگەنلىكى خەۋەر قىلىندى. 6 - 7 - 8 - 9 - ئىيۇل كۈنلىرى ئۈرۈمچى، قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ، غۇلجا شەھەرلىرىگە كىرگەن ئەسكەر سانى 50 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى. بۇ شەھەرلەرنىڭ ھەممىسىدە ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈلگەنلىكى ئېلان قىلىندى. شۇ كۈنى ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىسىنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمىگە غۇلجىدىن تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىنكاس قىلغان بىر ئۇيغۇر غۇلجا شەھىرىدىكى ھەربىي ھالەت ھەققىدە ئۇچۇر يەتكۈزدى.
8 - ئىيۇل بېيجىڭدا مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى تۇتۇپ كېتىلدى. خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى. 9 - ئىيۇلدىن باشلاپ ۋاڭ لىشيۈڭ قاتارلىق زىيالىيلار خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئىمزالىق ئوچۇق خەت يېزىپ، ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. ئىمزا توپلاش ھەرىكىتى ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ ئىمزا قويغان كىشىلەرنىڭ سانى 400 دىن ئېشىپ كەتكەن.
ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيەتلىرى ھەم دۆلەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنى ۋەقەنى قانلىق باستۇرغانلىقى ئۈچۈن ئەيىبلىدى. 9 - ئىيۇل كۈنى تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردۇغان ئىستانبۇلدا ئېچىلغان تۈركىيە - پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدا ئۈرۈمچىدە يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەگە ئالاقىدار سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ئۈرۈمچىدىكى باستۇرۇشىنى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئېتنىك قىرغىنچىلىق دەپ ئەيىبلىدى، ھەم رابىيە قادىر خانىمغا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ۋىزا بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
10 - ئىيۇل، جۈمە كۈنى ئۈرۈمچىدە 200 - 300 دەك جامائەت بىر - ئىككى سائەت نامايىش قىلىپ مەسچىتتە ناماز ئوقۇشنى تەلەپ قىلغان، نامايىش قوراللىق ساقچىلار تەرىپىدىن دەرھال تارقىتىۋېتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن خىتاي يەرلىك ھۆكۈمىتى "ئاق مەسچىت" نى ئېچىپ بېرىشكە مەجبۇر بولغان.
12 - ئىيۇل ئۈرۈمچى شەھەر پاتكوم سېكرىتارى تېلېۋىزوردا نۇتۇق سۆزلەپ ۋەقەگە قاتناشقانلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 184، يارىدار 1860 نەپەر دەپ ئېلان قىلدى.
13 - ئىيۇل ئۈرۈمچىدە 3 ئۇيغۇر، ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ تاشلاندى. نۇر بەكرى ۋەقە ھەققىدە چەتئەل مۇخبىرلىرىغا بايانات بېرىپ. بۇ 3 كىشىنىڭ مەسچىتتىكى جامائەت ۋە ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلغىنى ئۈچۈن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى. شۇ كۈنى غۇلجا شەھەرلىك پارتكوم سېكرېتارى جاۋ باۋخۇا، غۇلجىدا 70 ئادەم تۇتۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
15 - ئىيۇل كۈنى، خىتاينىڭ muzi.com تور بېتىدە ۋاڭ چىڭ، ۋاڭ گاڭ قاتارلىق مۇخبىرلار ماقالە ئېلان قىلىپ،ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر فىزىكا ئالىمى ئەركىن سىدىقنى، 2009 - يىلى 5 - ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا قوش تىللىق مائارىپ ۋە ئىشسىزلىق مەسىلىسى ھەققىدە قۇتراتقۇلۇق خاراكتېرىدىكى لېكسىيە سۆزلەپ، ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا مىللىي نارازىلىقنى كۈچەيتىۋەتكەن دەپ ئەيىبلىدى. 16 - ئىيۇن كۈنى ئەركىن سىدىق ئەپەندى ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىسىنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينى"تۆھمەت قىلدى" دەپ ئەيىبلىدى.
15 - ئىيۇل كۈنى ۋاڭ لېچۈەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئېچىپ، ئۆلگەن ئادەم سانى 192 نەپەر، يارىدار 1721 نەپەر دەپ ئېلان قىلدى ھەم ۋەقەنى سادىر قىلغۇچىلارنى قاتتىق جازالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
21 - ئىيۇل كۈنى خىتاينىڭ مەركىزى مىللەتلەر كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋۇ شىمىن،"5 - ئىيۇل ۋەقەسى" نىڭ دۆلەتنىڭ مىللەتلەر سىياسىتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكىنى، دۆلەتنىڭ مىللەتلەر سىياسىتى ئىزچىل توغرا ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
30 - ئىيۇل كۈنى، خىتاي مەركىزى كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ ياڭ "مىللىي سىياسەتنى تەڭشەيدىغان زامان كەلدى" دېدى.
30 - 31 - ئىيۇل، ۋاڭ لېچۈەننىڭ ھوقۇقتىن ئۇزاقلاشتۇرۇلۇش ئېھتىمالى توغرىسىدا خەۋەرلەر ئېلان قىلىنىشقا باشلىدى.
2 - ئاۋغۇست كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى رابىيە قادىر خانىمنىڭ بالىلىرىنىڭ يازغان خېتىنى ئېلان قىلدى. 3 - ئاۋغۇست كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى تېلېۋىزوردا رابىيە قادىر خانىمنىڭ بالىلىرى ۋە ئىنىسىنى تېلېۋىزوردا سۆزلىتىپ رابىيە قادىر خانىمنى ئەيىبلىدى. رابىيە قادىر خانىم ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىسى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بالىلىرىنى مەجبۇرلاپ بۇ گەپلەرنى دېگۈزۈۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىدى.
2009 - يىلى 8 - ئاينىڭ 4 - كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھۆكۈمەت باياناتچىسى بايانات بېرىپ، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە 197 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، 1700 ئادەمنىڭ يارىدار بولغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە ئۆلگەن 156 ئادەمنىڭ گۇناھسىز پۇقرالار ئىكەنلىكىنى، بۇلارنىڭ 134 نەپىرىنىڭ خىتاي، 11 نەپىرىنىڭ تۇڭگان، 10 نەپىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. بۇ باياناتچى يەنە 12 ئادەمنىڭ ساقچىلارنىڭ ئوقىدا ئۆلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ 3 نەپىرىنىڭ نەق مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، 9 نەپىرىنىڭ دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى دېدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى 4 - ئاۋغۇست سەيشەنبە كۈنى ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە ئالاقىدار 718 ئادەمنى قولغا ئالغانلىقىنى بىلدۈردى. 5 - ئىيۇل نامايىشىدىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمىتى بايات ئېلان قىلىپ، نامايىشقا ئالاقىدار 1500 ئادەمنى قولغا ئالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، "ئەگەر بۇ نۆۋەت تۇتۇلغان 718 ئادەم يېڭىدىن تۇتۇلغانلار بولسا، شۇنىڭ بىلەن خىتاي ئېلان قىلغان قولغا ئېلىنغانلار سانى جەمئىي 2218 گە يېتىدۇ " دېدى. ئۇ يەنە بۇ بىر ئاي ئىچىدە شەرقى تۈركىستان مىقياسىدا ئۇيغۇرلاردىن 10 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى، ئۆلتۈرۈلگەن ئادەم سانىنىڭ 1000 دىن ئارتۇق ئىكەنلىكىنى، ئامما ھازىرچە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۆلگەن ۋە تۇتۇلغانلارنىڭ ئىسىم فامىلىسى بىلەن ئېلان قىلىش ئىمكانىيىتى يوقلۇقىنى بايان قىلدى.
5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىنتېرنېت ۋە تېلېفون ئالاقىسى قامال قىلىنغان بولۇپ، تاكى بۈگۈنگىچە ئېچىلمىدى. 4 - ئاۋغۇست كۈنى ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىسىنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان، نيۇيوركتىكى كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقاتچىسى خې چىڭليەن خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنى تېخى كونترول قىلىپ بولالمىغانلىقى ئۇچۇن، ئىنتېرنېت ۋە تېلېفون قامىلىنىڭ يەنە بىر مەزگىلگىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى دېگەن ئىدى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تۈركىيىدىكى ئۇيغۇر تىجارەتچىسى نۇرمەمەت ئەپەندى، يېقىنقى كۈنلەردە ۋەتەندىن كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن ئاڭلىغان ئۈرۈمچى ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇنداق دېدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"يۈز بەرگەندىن كېيىن، بۇ بىر ئاي جەريانىدا ئۇيغۇر ئېلىدە ئومۇميۈزلۈك ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈۋاتقان بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ ھالەت بەلكىم بۇ يىل ئۆكتەبىر ئېيىدا خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى ئۆتكۈزۈلگىچە داۋاملىشىشى مۈمكىن ئىكەن.