ئاقسۇ دائىرىلىرىنىڭ قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنى چەكلەش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشى جىددىي ئىنكاس قوزغىدى
2012.02.23
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەم رادىئويىمىزنىڭ ئاقسۇدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 1-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ، ئاقسۇ ۋىلايىتى بويىچە قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە زەربە بېرىش نامىدا، مەخسۇس كادىرلار بەلگىلىنىپ، شۇ مەھەللە ياكى يېزىغا سىرتتىن كەلگەن دىنىي زاتلارنى تەكشۈرۈش، خەلق ئارىسىدىكى دىنىي پائالىيەتلەرنى چەكلەش، باشقا جايلاردىن ئاقسۇغا كېلىپ ئىجارە ئۆي ئېلىپ ئولتۇرغان ئۇيغۇرلارنى تىزىملاش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ چاغان بايرىمىدىن كېيىن، يەنى 2-ئاي كىرىشى بىلەن بۇ خىل تەكشۈرۈش تېخىمۇ كۈچەيتىلگەن.
ئاقسۇ شەھىرىدىكى ئۆز كىملىكىنى بىلدۈرۈشنى خالىمىغان بىرەيلەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ چاغان بايرىمىدىن ئىلگىرى ھەرقايسى مەھەللە، يېزىلاردىن مەخسۇس كادىرلار بەلگىلىنىپ، شۇ مەھەللە، يېزا، كەنتتىكى مەسچىتلەرگە كىرىپ، سىرتتىن كەلگەن دىنىي زاتلارنىڭ بار-يوقلۇقىنى سۈرۈشتۈرۈش، ئارتۇق ئۆيلىرىنى ئىجارىگە بەرگۈچى ئۇيغۇرلار 3 كۈن ئىچىدە ئۆيىنى ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇرغۇچىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرىش، باشقا ناھىيە، ھەتتا قوشنا يېزىلاردىن كېلىپ شۇ رايوندىن ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرغۇچىلار 3 كۈن ئىچىدە شۇ يەرلىك ساقچىخانىغا بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرۇش تەلەپ قىلىنغان.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئىشقا بەلگىلەنگەن كادىرلار ئۆزلىرىنىڭ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكوم ھەم ھۆكۈمەتنىڭ ئاقسۇنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ساقلاش ھەققىدە يېڭىدىن چىقارغان ھۆججىتىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن بۇ خىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.
بىز توردىن ئىزدەش ئارقىلىق، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەت تور بېكىتىنىڭ 19-يانۋار كۈنىدىكى سانىدا خىتاي تىلى ھەم ئۇيغۇر تىلىدا ئېلان قىلىنغان «ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىك چوڭ تەشۋىق تەربىيە پائالىيىتى بويىچە بىلىشكە تېگىشلىك سوئال-جاۋابلار» سەرلەۋھىلىك ھۆججەتنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى تاپتۇق. 100 ماددىلىق سوئال-جاۋاب تەرىقىسىدە تارقىتىلغان بۇ ھۆججەتتىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 1-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە ئاقسۇ ۋىلايىتى بويىچە تەكشۈرۈپ-تۈزەش ئېلىپ بېرىش، 21-فېۋرالدىن 29-فېۋرالغىچە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش، كەم قالغان خىزمەتلەرنى تولۇقلاپ ئىجرا قىلىش بەلگىلەنگەن. ھۆججەتنىڭ 7-ماددىسىدا بۇ قېتىملىق ھەرىكەتنىڭ ئاساسى مەقسىتى، تېررورلۇققا قاتتىق زەربە بېرىش، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت ھەم ئەكسىيەتچىل تەشۋىقاتقا زەربە بېرىش دەپ بەلگىلەنگەن. بۇ ھۆججەتنىڭ 37-ماددىسىدا قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتلەرنىڭ 26 تۈرلۈك كونكرېت ئىپادىسى نامىدا، ھۆكۈمەتنىڭ رۇخسىتىسىز ئېلىپ بېرىلغان ھەرقانداق دىنىي پائالىيەتنىڭ قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت كاتېگورىيىسىگە كىرىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.
تۈركىيە مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلاھىيەت فاكۇلتېتىدىن دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان دىنىي ئۆلىما ئاتاۋۇللا شاھيار ئەپەندى، ھۆججەتنىڭ 37-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەر ھەققىدە توختىلىپ، بۇ بەلگىلىمىلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە يېڭى بەلگىلىمىلەر ئەمەسلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 60 يىلدىن بۇيان ھەر خىل ناملاردا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرىنى باستۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ باشقا ۋىلايەت-ناھىيىلىرىدىمۇ، مۇقىملىقنى قوغداش، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە زەربە بېرىش نامىدا باستۇرۇش ھەرىكىتى داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىل 2-ئاي كىرگەندىن بۇيان پەقەت خوتەن ۋىلايىتى تەۋەسىدىنلا، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان دېگەن جىنايەت ئارتىلىپ، 129 ئادەم قولغا ئېلىنغان،3000 ئادەمگە جەرىمانە قويۇلغان، 200 مەسچىت تەكشۈرۈلگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى، دائىرىلەرنىڭ قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە زەربە بېرىش نامىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ خىل باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، خەلقئارا دىنىي جەمئىيەتلەر، ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ھەم غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى باستۇرۇلۇۋاتقان بۇ خىل ۋەزىيەتكە جىددىي قاراشقا چاقىردى.