ئامېرىكىدا قانۇنسىز كۆچمەنلەر مەسىلىسى جىددىي مەسىلىگە ئايلاندى

قوللىرىدا ھېچقانداق قانۇنىي رەسمىيىتى بولمىغان 12 مىليونغا يېقىن كۆچمەننىڭ تەقدىرىنى بىر تەرەپ قىلىش، ئامېرىكىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم خىزمەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھەقتە پرېزىدېنت ئوباما، ئامېرىكىدا كۆچمەنلەر ئىسلاھاتىنىڭ ھەم مۈرەككەپ، ھەم جىددىي يوسۇندا ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم خىزمەت ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭغا زور ئىقتىساد ئاجرىتىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

0:00 / 0:00

ئامېرىكىدىكى قانۇن ساھەلىرى بولسا، چېگرا نازارىتىنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە مىليونلىغان كۆچمەنگە مۇئەييەن شەرت ئاساسىدا پۇقرالىق سالاھىيىتى بېرىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. دېمەك ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت بىخەتەرلىكىگە كۆرۈنەرلىك تەسىرىنى كۆرسىتىۋاتقان مەزكۈر مەسىلىنى ھەل قىلىش قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقان بۇ پەيتلەردە، ئوتكەن يىلى ئامېرىكا يەنە ئۇرۇش، سىياسەت ۋە تەقىبكە ئېلىنغانلىقى سەۋەبلىك ۋەتىنىنى تاشلاپ چىقىپ كېتىشكە توغرا كەلگەن 19 مىڭ ئىراقلىقنى ئۆز پاناھىغا ئېلىشقا مەجبۇر بولغان.

ئۇلار ئاساسەن، ئامېرىكا ئارمىيىسى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان، تەرجىمانلىق، مۇخبىرلىق ۋە ئەلچىخانا خادىملىرى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەنلەر. بۇ كىشىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسى ئاسانغا توختىمىغاندىن سىرت، ئەسلىدە مەۋجۇت كۆچمەنلەر خىزمىتىنىڭ تېخىمۇ قىيىنلىشىپ كېتىشىگە يول ئاچقان. چۈنكى 19 مىڭ كىشىنىڭ كۆپىنچىسى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى ياردىمىغا مۇھتاج كىشىلەر بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ تىل، مەدەنىيەت ھەمدە ئۆز ساھەسى بويىچە ئىش تېپىشقا دائىر بىر قاتار خىزمەتلەرنى ئىشلەشكە توغرا كەلگەن.

بۇلاردىن باشقا، ھەر يىلى ئامېرىكىغا مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان ساياھەتچى، ئىشچى، ئوقۇغۇچى ۋە تۇغقان يوقلاش ئۈچۈن كەلگەنلەر، ئامېرىكىدا قانۇنلۇق تۇرۇش رەسمىيىتى بېجىرىش ئۈچۈن، قانۇنسىز يوللارنى تاللاپ، نەتىجىدە جىنايەتچىگە ئايلىنىپ قالماقتا.

ساختا نىكاھ ئۇسۇلى بىلەن، ئامېرىكىنىڭ مەڭگۈ تۇرۇشلۇق ھوقۇق كارتى يەنى "يېشىل كارت" قا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، تۈرمىگە تاشلانغانلارمۇ ئاز ئەمەس بولۇپ، 2006 ‏- يىلى تەخمىنەن 800 كىشى شۇ خىل جىنايەت بىلەن تۈرمىگە قامالغان. ئوخايۇ شىتاتىدىكى ئادۋوكات DenBraun بۇ يىل ئېستونىيە، بېلارۇسىيە ۋە ئۆزبېكىستانلىق 11 كىشى ئۈستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلىنىپ، بەزىلىرىنىڭ چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىلغانلىقىنى، بەزىلىرىنىڭ قاماق مۇددىتى توشقاندىن كېيىن ۋەتىنىگە قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئادۋوكات دەن برائۇننىڭ ئېيتىشىچە، ساختا نىكاھ ‏- جىنايەت ھېسابلىنىدىكەن، ئەمما كىشىلەر، بۇ ئامېرىكىدا قېلىشنىڭ ئەڭ ئاسان ۋە تېز يوللىرىدىن بىرى دەپ ھېسابلاپ، قىسقا مۇددەتلىك ۋىزىسى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، تونۇش - بىلىش، دوستلىرى ئارقىلىق ئامېرىكا پۇقراسى تېپىپ، ئاز دېگەندە 15 مىڭ دوللار تۈلەش ئارقىلىق تۇرمۇش قۇرۇپ، ئىككى يىلدىن كېيىن "يېشىل كارت "نى قولىغا ئېلىپ ئاندىن ئاجرىشىش رەسمىيىتىنى بېجىرىدىكەن.

بۇ خىل ساختىلىقلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى نەتىجىسىدە، ئامېرىكىنىڭ كۆچمەنلەر قانۇنى يىلدىن - يىلغا چىڭىيىپ، نۆۋەتتە ئامېرىكىدا ياشاش، ئىشلەش رۇخسىتى ئېلىش تەسلىشىپ، ئۆز دۆلەتلىرىدىكى ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي شارائىتلارنىڭ ناچارلىقى تۈپەيلى ئامېرىكىغا كېلىپ ھاياتىنى قۇتۇلدۇرۇشنى ئويلىغان كۆچمەنلەر، ئوخشاشلا ئامېرىكا جەمئىيىتىدە ئېغىر يۈككە ئايلانغان.

يېقىندا ئامېرىكا، مېكسىكا بىلەن چېگرىداش ئارىزونا شىتاتىدا قوبۇل قىلىنغان قانۇن، تۈرلۈك مۇنازىرىلەرگە يول ئاچقان بولۇپ، مەزكۈر قانۇنغا ئاساسەن كۆچمەنلەر دائىم ئۆز سالاھىيىتىنى ئىسپاتلايدىغان كېنىشكىلىرىنى بىرگە ئېلىپ يۈرۈشى بېكىتىلگەن. بىراق پرېزىدېنت ئوباما بۇ قانۇننىڭ ياخشى ئويلىشىلمىغان قانۇن ئىكەنلىكىنى، بولۇپمۇ ئامېرىكىنىڭ باشقا دۆلەتلەردىن پەرقلىنىدىغان ئەركىنلىك سىماسىغا توغرا كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ" :بۇ دۆلەتتە، كىشىلەرنى كۆرۈنۈشىگە، كىيىنىشىگە قاراپ ئايرىمايمىز" دېگەن.

يەنە بىر قىسىم ھۆكۈمەت خادىملىرى ئارىزونادەك چېگرا شىتاتلىرىدا بۇ خىل قانۇنلارنى يولغا قويماي باشقا چارە يوق ئىكەنلىكىنى، چۈنكى مېكسىكا چېگرىسىدىن ئامېرىكىغا قانۇنسىز يوللار بىلەن كىرىدىغان كۆچمەنلەرنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان توختىمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

بۇنىڭ ئاقىۋىتىدە، ئامېرىكىدا ئىشسىزلىق، قارا جەمئىيەت پائالىيەتلىرى ۋە ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە ئوخشاش تۈرلۈك جىنايەتلەر كۆپەيمەكتە دېگەن قاراشلار بىلەن ئارىزونا شىتاتىدا يولغا قويۇلغان يېڭى قانۇننى قوللايدىغان، ھەتتا باشقا شىتاتلاردىمۇ بۇ قانۇننى ئىجرا قىلىش كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلىدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس ئىكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.