ئاشكارىلىنىشىچە ، ئۆسمۈر مەھكۇملار 14 ، 15 ۋە 16 ياشتا بولۇپ ، ئۇلار بىر يىلدىن 3 يىلغا قەدەر پەرقلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.
بىز ئۆسمۈر مەھكۇملارنىڭ ئىسىملىكىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئارىدىن 15 مىنۇت ئۆتكۈزۈپ بىرقانچە رەت تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، مەزكۇر رەھبەر تېلېفونىمىزغا جاۋاب قايتۇرمىدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 1959 - يىلى 20 - نويابىر كۈنى ب د ت بالىلار ھوقۇقى خىتابنامىسىنى ئېلان قىلغان. خىتابنامىدا، بالىلارنىڭ چوڭلارغا نىسبەتەن ئالاھىدە پەرقلىق ھەق - ھوقۇقلارغا ئىگە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. ب د ت يەنە 1989 - يىلى 20 - نويابىر كۈنى ب د ت بالىلار ھوقۇقىغا ئائىت ئەھدىنامىلەر ناملىق كېلىشىم قوبۇل قىلغان. شۇ يىلى كېلىشىمگە قول قويغان 193 دۆلەتنىڭ ئىچىدە خىتايمۇ بار. بۇ كېلىشىمنىڭ بىرىنچى قىسىم بىرىنچى ماددىسىدا، 18 ياشقا تولمىغان كىشىلەر بالىلار قاتارىغا كىرىدۇ دەپ كۆرسىتىلگەن.
كېلىشىمنىڭ 15 - ماددىسىدا، بالىلار چوڭلارغا ئوخشاشلا تەشكىلات قۇرۇش، تەشكىلاتقا قاتنىشىش ۋە ئىجتىمائىي ھەرىكەتلەرگە قېتىلىش ھوقۇقىغا ئىگە دېيىلگەن. كېلىشىمنامىدە يەنە، بالىلارنىڭ ئۆز ئوي پىكرىنى مەيلى سۆز ، مەيلى ھەرىكەت ئارقىلىق بولسۇن ئوتتۇرىغا قويۇش ھوقۇقى بار دەپ ئەسكەرتىلگەن. ئەمما قاراقاش 3 - ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ بۇ ئۈچ ئوقۇغۇچىسى نامايىشقا قېتىلغىنى ئۈچۈنلا جازالانغان.
خەلقارا قانۇنلار بالىلارنىڭ ياشاش ھەققى، تەربىيىلىنىش ھەققى ۋە ئېتىبارغا ئېرىشىش ھەققىنى ئىنسانىي ھەقنىڭ ئەڭ مۇھىم تەركىبلىرى دەپ تونۇيدۇ. ئەمما، جازالىنىش ئەھۋالى 3 - ئوتتۇرا مەكتەپ ئۈچۈن يېڭى بىر ئەھۋال ئەمەس. بۇنداق ئەھۋال بۇلتۇر 12 - ئايدىمۇ بىر قېتىم يۈز بەرگەن. مەكتەپنىڭ تولۇقسىز يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان روزى ئىسىملىك بىر ئوقۇغۇچى 6 ئايلىق قاماق جازاسىنى باشتىن كەچۈرگەن.