قاراماي 2-ئوتتۇرا ۋەقەسىدە ئاتا-ئانىلارنىڭ قويغان تەلەپ-پىكىرلىرى

13-ئۆكتەبىر كۈنى قاراماي 2-ئوتتۇرا مەكتەپتە يۈز بەرگەن ئوقۇغۇچىلار مىللىي توقۇنۇش ۋەقەسىدىن كېيىن، 17-ئۆكتەبىر كۈنى ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلارنىڭ توپلىشىپ نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكىتى يۈز بەرگەن.

0:00 / 0:00

بۇ كۈنى يۈزگە يېقىن ئاتا-ئانىلار دەسلەپتە مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا ئوقۇغۇچىلار بىرلىكتە توپلىشىپ نارازىلىق بىلدۈرگەن؛ ئارقىدىن مەكتەپ، مائارىپ ۋە قانۇن تارماقلىرىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەتكە ئولتۇرغان.

سۆھبەتتە ئاتا-ئانىلار دەسلەپتە، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتىپى بىلەن خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتىپىنى ئايرىۋېتىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. سۆھبەتتىكى رەھبەرلەر، بۇ ئىشقا ئۆزلىرىنىڭ قارار بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقاندىن كېيىن، ئاتا-ئانىلار 6 تۈرلۈك تەلەپ ئوتتۇرىغا قويغان. تۆۋەندە بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي مەلۇماتنى مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇردىن ئاڭلايسىلەر.

بىز قارامايدىكى ۋەقەدە ئاتا-ئانىلارنىڭ قانداق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بۇ تەلەپلەرنى قانچىلىك ئورۇنلىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا تېلېفون قىلدۇق. شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى پارتكومىنىڭ مۇدىرى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بىر قىسىم سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى.

ئۇ سۆزىدە، مەكتەپتە ۋەقە چىققانلىقىنى ۋە ئاتا-نىلارنىڭ نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى. ئەمما ئاتا-نىلارنىڭ تەلىپىنىڭ ئورۇندالغان-ئورۇندالمىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق جاۋاب بەرمىدى. ئۇ پەقەت مەكتەپتە ئوقۇتۇشنىڭ نورماللاشقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

مۇدىر يەنە ۋەقەنىڭ مىللىي ياكى ئىجتىمائىي ۋەقە ئىكەنلىكى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرەلمىدى. بىز ئۇنىڭدىن ئاتا-ئانىلارنىڭ تەلەپلىرىنىڭ كونكرېت نېمە بولغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ شۇ كۈنكى ۋەقەدىكى ئاتا-ئانىلار ۋەكىلى ۋە يارىلانغان ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆزلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى. بىز ئۇ تەمىنلىگەن تېلېفون نومۇرلىرىغا ئاساسەن، شۇ كۈنكى ئاتا-ئانىلار ۋەكىلى بىلەن سۆھبەتلەشتۇق.

ئاتا-ئانىلار ۋەكىلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شۇ كۈنى تۆۋەندىكىدەك 6 تۈرلۈك تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان:
1. توقۇنۇشقا مەكتەپ سىرتىدىكى كۈچلەرنىڭ ئارىلاشقان-ئارىلاشمىغانلىقىنى ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى كۈشكۈرتكەن-كۈشكۈرتمىگەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقىش. 2. ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى، زوراۋانلىق قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى توسمىغان، ھەتتا ۋەقەنى تاماشا قىلىپ تۇرغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭمۇ بارلىقى مەلۇم؛ بۇلار ئېنىقلىنىپ، خىزمەتتىن توختىتىلىش. 3. ۋەقە سادىر قىلغان ئوقۇغۇچىلارغا مەكتەپ قائىدىسى بويىچە چارە كۆرۈش ۋە كۆرۈلگەن چارىنى ئاممىغا ئاشكارىلاش. 4. يارىلانغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ داۋالىنىش ھەققىنى ھۆكۈمەت ياكى مەكتەپكە تۆلەتمەسلىك، بەلكى ۋەقە سادىر قىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلىسىگە تۆلىتىش. 5. ۋەقە سادىر قىلغان ئوقۇغۇچى ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئوقۇغۇچى ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىدىن ئاشكارا ئەپۇ سوراش. 6. مەكتەپ رەھبەرلىكى بۇ خىل ۋەقەنىڭ قايتا يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دائىر يېڭى بىر تەدبىر لايىھىسى ئوتتۇرىغا قويۇش.

مەلۇم بولۇشىچە، ھازىرغىچە ئاتا-ئانىلار قويغان يۇقىرىقى تەلەپلەردىن پەقەت ئىككىسىلا ئورۇنلانغان. ئەمما زورۋانلىق قىلغان خىتاي ئوقۇغۇچى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋاباتىنىڭ يارىلانغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە -تاۋاباتىدىن ئەپۇ سوراش تەلىپى تېخى ئورۇنلانمىغان. خىتاي ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادى چارە كۆرۈش تەلىپىمۇ ئورۇنلانمىغان. بۇنىڭدىن كېيىن بۇ خىل ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئائىت يېڭى تەدبىر لايىىھىسىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان. تولۇقسىز مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، قارامايدىكى بەزى-ئاتا-ئانىلار، 2-ئوتتۇرىدىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئايرىۋېتىش ھەققىدە يۇقىرى ئورۇنلارغا تەلەپ سۇنغان.