13 -ئۆكتەبىر كۈنى قاراماي 2 -ئوتتۇرا مەكتىپىدە يۈز بەرگەن ئوقۇغۇچىلار مىللىي توقۇنۇش ۋەقەسىدە خىتاي تەرەپتىن پەقەت ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارلا تاياق يېگەن، ئۇيغۇرلاردىن بولسا ئوغۇللار ھەم قىزلار، شۇنداقلا يەنە بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارمۇ تاياق يېگەن. ۋەقە جەريانىدا ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار بالىلارنى ئاجراتقان، ئەمما خىتاي ئوقۇتقۇچىلار ئارىلاشمىغان. ھەتتا خىتاي ئوقۇتقۇچىلار، ساقچىلار تەكشۈرۈشكە كەلگەندە زوراۋانلىق قىلغان خىتاي ئوقۇغۇچىلارنى قاچۇرىۋەتكەن.
بۇ ئەھۋاللارنى نەق مەيداندا يارىلانغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن نۇسىرە ئابلىمىت ۋە باشقىلارنىڭ ئېغىزىدىن ئاڭلايسىلەر.
يۇقىرىقى مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، قاراماي 2-ئوتتۇرا مەكتەپتە، 2009-يىلى گۇاڭدوڭدا يۈز بەرگەن، 26-ئىيۇن شاۋگۈەن ۋەقەسىنىڭ يەنە بىر ۋارىيانتى يۈز بەرگەن. مىڭلىغان خىتاي ئىشچىلار ئۇيغۇر ئىشچىلارغا قىز ئوغۇل ئايرىماستىن ھۇجۇم قىلغان. شۇ چاغدىمۇ، خىتاي ساقچىلار، خىتاي دەرۋازىۋەنلەر، خىتاي دوختۇرلار ۋەقەگە ئارىلاشماستىن، ئەتراپتا تاماشا كۆرۈپ تۇرغان. گەرچە قارىمايدىكى ۋەقەدە ئادەم ئۆلۈش يۈز بەرمىگەن بولسىمۇ، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى زىددىيەتنىڭ يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرغانلىقى ۋە يەنىمۇ ئاچچىق ۋەقەلەر ئۈچۈن زىددىيەت ئۇرۇقى چېچىلغانلىقى ئاشكارا ھالدا مەلۇم بولماقتا.