قاراماي 2-ئوتتۇرا مەكتەپتە يۈز بەرگەن مىللىي توقۇنۇش ۋەقەسىنىڭ تەپسىلاتى ئاشكارىلاندى

بۇ يىل 10-ئاينىڭ 13-كۈنى قارىماي شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپتە يۈز بەرگەن، مىللىي توقۇنۇش ۋەقەسىنىڭ تەپسىلاتى ئارىدىن 3 ھەپتە ئۆتكەندە ئاشكارىلاندى.

0:00 / 0:00

مەلۇم بولۇشىچە، شۇ كۈنى مەزكۇر مەكتەپنىڭ خىتاي ئوقۇغۇچىلىرى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا تاياق-توقماقلار بىلەن ھۇجۇم قىلغان. ۋەقەدە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن نازاكەت ئىلغار، ئاينىگار ئابلەت ۋە نۇرسىرە ئالىمجان قاتارلىقلار ئېغىر يارىلىنىپ دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان. 14-ئۆكتەبىر كۈنى يارىلانغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى مەكتەپكە كېلىپ نارازىلىق بىلدۈرگەن. 17-ئۆكتەبىر كۈنى 100دىن ئارتۇق ئاتا-ئانىلار مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىغا توپلانغان؛ بۇ چاغدا ئىككى يۈزدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى دەرس تاشلاپ ئاتا-ئانىلار سېپىگە قېتىلغان؛ بۇلار بىرلىكتە ۋەقە پەيدا قىلغان خىتاي ئوقۇغۇچىلارغا چارە كۆرۈشنى ۋە خىتاي ۋە ئۇيغۇر مەكتىپىنى ئايرىۋېتىشنى تەلەپ قىلغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن مۇخبىرىمىزنىڭ قارىماي شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى ئاسىيە ۋە 2-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ يېڭى مۇدىرى رىفاتلاردىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىنى ئاڭلايسىلەر.

يۇقىرىقى مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قارىماي 2-ئوتتۇرا مەكتەپ ۋەقەسىنى ھەل قىلىشنى كەينىگە سوزۇش ئارقىلىق مەسىلىنى ئۇنتۇلدۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.