قاراماي 2-ئوتتۇرا ۋەقەسى ھەققىدىكى خەۋەر-مۇلاھىزىلەردىن كېيىن، رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىرى مۇخبىرىمىزغا ئۇچۇر يوللاپ، قاراماي ئىككىنچى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ قارامايغا يەرلىشىپ بولغان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئەمەس، كۆپىنچىسى تېخى يەرلەشمىگەن قارا نوپۇس خىتايلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئىكەنلىكىنى، شۇ كۈنكى ۋەقەنى شۇ قارا نوپۇس خىتاي پەرزەنتلىرىنىڭ سادىر قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفون زىيارىتى داۋامىدىمۇ، مەكتەپ مەسئۇللىرى، قارامايدىكى بارلىق قارا نوپۇس خىتايلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتەپكە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن مەكتەپنىڭ تەرتىپ ئىنتىزامىدىن باشقا، ئوقۇ-ئوقۇتۇش نەتىجىسىنىڭمۇ قاراماي بويىچە ئارقىدا ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
قاراماينىڭ 2002-يىلىدىكى ئومۇمى نوپۇسى 290 مىڭ بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 37 مىڭ ئىدى. تولۇقسىز مەلۇماتلاردىن قارىغاندا نۆۋەتتە قاراماينىڭ ئومۇمى نوپۇسى 350 مىڭغا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 50 مىڭ ئەتراپىدا. قارامايدا نۆۋەتتە تېخى يەرلەشمىگەن، ئىشلەمچىلىك بىلەن ھايات كەچۈرۈۋاتقان بىرقانچە مىڭ خىتاي نوپۇسى بار. بۇلارنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى تۆۋەن، ئىجتىمائىي ئارقا كۆرۈنۈشى ئېنىقسىز بولغاچقا، ئۇلارنى قوينىغا ئېلىش ۋە ئۇلار بىلەن بىرگە ياشاشقا قارامايغا يەرلىشىپ بولغان خىتاي كۆچمەنلىرىمۇ قىزغىن ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن قارامايدىكى خىتاي دائىرىلىرى، ئاھالىلەرنىڭ مەكتەپ تەقسىماتىدا، قارامايدىكى قارا نوپۇس خىتايلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى، قارامايدىكى ئۇيغۇر مەكتەپكە ئورۇنلاشتۇرغان.
مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە قارامايدا جەمئىي 16 ئوتتۇرا مەكتەپ مەۋجۇت؛ بۇنىڭ ئىچىدە ئىككىسى ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتىپى. قاراماي دائىرىلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن، قارا نوپۇس خىتاي پەرزەنتلىرىنى ئۇيغۇر مەكتەپكە ئورۇنلاشتۇرغانلىقى ھەققىدە، ئالاقىدار مەسئۇل خادىملاردىن مەلۇمات سورىغان بولساقمۇ، قانائەتلىنەرلىك جاۋابقا ئېرىشەلمىدۇق.
مەسئۇل خادىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ پۇقرالارغا مائارىپ جەھەتتە تەڭ باراۋەر مۇئامىلە قىلىش سىياسىتى سەۋەبلىك، قارا نوپۇس خىتايلارنىڭ پەرزەنتلىرىمۇ مەكتەپكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئەمما ئۇلار نېمە ئۈچۈن، خىتاي مەكتەپلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلمىغانلىقى جاۋابسىز. قارامايدا يەنە نوپۇسسىز ياشاۋاتقان، قاسساپلىق، كۆكتاتچىلىق قاتارلىق ئۇششاق تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان 1000 غا يېقىن ئۇيغۇر بولۇپ، بۇلارغا مائارىپ باراۋەرلىكى پۇرسىتى ئەمەس، ئۇلارغا ياشاش ئىمكانىمۇ بېرىلمىگەن. ئۆتكەن يىلى ئۇلارنىڭ كەپە ئۆيلىرى چېقىلىپ، شەھەردىن سىقىپ چىقىرىلغان.
يۇقىرىدا قارامايدىكى قارا نوپۇس خىتايلار بىلەن نوپۇسسىز ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ باراۋەرلىك سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇش دەرىجىسى ھەققىدە كىچىك بىر سېلىشتۇرمىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.