گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ 8-ئاۋغۇستتىكى «قارامايدىكى ئوت ئاپىتىنىڭ 17 يىللىقىدا: ئوت يەنە كۆيمەكتە» ناملىق خەۋىرىگە قارىغاندا، 1994-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى قاراماي شەھىرىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى جەريانىدا 325 ئادەمنىڭ ھاياتى خەۋپكە يولۇققان بولۇپ، ئۇلارنىڭ 288 نەپىرى ياش ئۆسمۈر بالىلار ئىدى. شۇ قېتىمقى ئوت ئاپىتى مەزگىلىدە «رەھبەرلەر ئالدى بىلەن چىقىۋالسۇن» دېگەن شوئار بىلەن ئەمەلدارلار ئوتتىن قۇتۇلۇپ قالغان. بىراق يۈزلىگەن نارەسىدە بالىلار ئاپەتكە ئۇچرىغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئوت ئاپىتى ۋەقەسىنىڭ ئەينى زاماندا مەتبۇئاتلاردىن كەڭ ئورۇن ئېلىشىنى چەكلىگەنگە ئوخشاش، بۈگۈنمۇ تور بەتلەردىن بۇ ۋەقەنىڭ 17 يىللىقىنى خاتىرىلەپ پىكىر بايان قىلغۇچىلارنىڭ يازمىلىرىنى ھەم چەكلىگەن. تاكى ھازىرغا قەدەر ۋەقە توغرىسىدىكى ئىشەنچلىك بىر مەلۇمات ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئېلان قىلىنىپ باقمىغان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي رېژىسسورى شۈ شىنجې تەرىپىدىن ئىشلەنگەن «قاراماي» ناملىق فىلىم 2010-يىلى 3-ئايدا 34-نۆۋەتلىك خوڭكوڭ خەلقئارا فىلىم بايرىمىدا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بولسىمۇ، بۇ فىلىم خىتايدا قويۇلۇشتىن چەكلەنگەن. 2009-يىلى خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مەسئۇلى ياڭ ۋېيگۇاڭ جەنۇب ھەپتىلىك ژۇرنىلى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ قارامايدىكى ئوت ئاپىتى توغرىسىدا سۆزلىگەندە، خىتاي تەشۋىقات مىنىستىرلىقى بۇ زىيارەت خاتىرىسىنىڭ خىتايدا ئېلان قىلىنىشىنى مەنئى قىلغان. پىكىرلىرى چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقان تور يازغۇچىلىرى تۈنۈگۈندىن باشلاپ تۋىتتېر قاتارلىق تور ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ «قارامايدىكى ئوت ئاپىتى جۇڭگونى 17 يىلدىن بۇيان كۆيدۈرمەكتە»، «رەھبەرلەر ئالدى بىلەن قۇتۇلۇپ قېلىشى كېرەك دېگەن سادا 17 يىلدىن بۇيان قۇلاق تۈۋىمىزدە جاراڭلىماقتا» دېگەندەك تېمىلاردا مۇنازىرىلەرنى داۋاملاشتۇرغان.
مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئەسلىدە قارامايدىكى ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ خېلى كۆپ قىسمى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىدۇر. 1994-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى قارامايدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈرۈمچى ۋە قارامايدىكى ئەمەلدارلارغا ئويۇن قويۇپ بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. ئويۇن كۆرسىتىلىۋاتقان مېھمانخانا زالىدا توساتتىن ئوت كۆيۈشكە باشلايدۇ. كىشىلەر ئالاقزادە بولۇشۇپ، سىرتقا قاراپ قاچماقچى بولىدۇ. ئەمما، قانچە يۈزلىگەن ئادەم بىر ئىشىككە قاپسىلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، خۇشامەتچى خىزمەتكارلار «رەھبەرلەر باشتا چىقىۋالسۇن»دەپ ئەمەلدارلارنى ئالدى بىلەن قۇتۇلدۇرۇپ، پۇقرالار ۋە بالىلاردىن 325 ئادەمنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ. گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئوسمانجان ئەپەندى بۇ ۋەقە توغرىسىدىكى تەسىراتلىرىنى بايان قىلدى.
خەۋەرنىڭ «جۇڭگولۇقنىڭ بالىسى بولما» ناملىق قىسمىدا، خىتايدىكى بالىلارنىڭ زەھەرلىك سۈت پاراشوكى، زەھەرلىك ۋاكسىنا، بالىلار قىرغىنچىلىقى، قاتناش ھادىسىسى، يەرتەۋرەش ھادىسىسى قاتارلىق ھادىسىلەر تۈپەيلى بىمەھەل ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، مۇنداق بايانلارغا ئورۇن بېرىلگەن:
-قارامايلىقنىڭ بالىسى بولما، ئوتتا كۆيۈپ ئۆلىسەن ياكى تىرەڭدە كۆيۈك دېغى قالىدۇ. خېنەنلىكنىڭ بالىسى بولما، قانلىرىڭدا ئەيدىز كېلىسى قاقاقلاپ كۈلىدۇ. سەنشىلىكنىڭ بالىسى بولما، داداڭ بىر سېۋەت كۆمۈرگە ئايلىنىپ قالدى. ئۇنى يەنە كۆرىمەن دەپ خام خىيال قىلما. جۇڭگولۇقنىڭ بالىسى بولما، ئېچىرقاپ كەتسە ئۇلار سېنى يەۋېتىدۇ. جۇڭگولۇقنىڭ بالىسى بولما، ئاتا-ئاناڭ توخۇ يۈرەك ئادەملەردۇر. ئۆلۈم بېشىغا كەلگەندىمۇ، ئۇلار رەھبەرلەر ئالدى بىلەن قۇتۇلۇپ قالسۇن دەيدۇ.
خەۋەردە يېزىلىشىچە، بالىلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش توغرىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇق پەرمانلىرىدىن باشقا ئەمەلىي تەدبىرلىرى يوق. بالىلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىققان ئىسيانكارلار خىتاينىڭ تۈرمىلىرىدە. خىتايدا ھۆكۈمەتتىن ئۆزلىرىنى قۇتۇلدۇرۇشنى تەلەپ قىلىش ئەخمىقانىلىك. ھەممە ئادەم ئۆزىنى ئۆزى قۇتۇلدۇرۇشى كېرەك. مانا بۇنىڭ بىلەن خىتايدا ئۆزگىلەرنىڭ ئۆلەر-تىرىلىشى بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى بولمايدىغان بىر جەمئىيەت پەيدا بولدى.