قاراماي ئوت ئاپىتى ھەققىدىكى ھۆججەتلىك فىلىم خوڭكوڭدا ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

1994-يىلى قارامايدا يۈز بەرگەن 8-دېكابىر ئوت ئاپىتى ھەققىدە ئىشلەنگەن «قارىماي» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم، مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا خوڭكوڭدا ئۆتكۈزۈلگەن خىتاي تىلىدىكى ھۆججەتلىك فىلىملەر فېستىۋالىدا ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2012.12.19
Karamay-shehri-xerite-305.jpg بۇ خەرىتىدە قاراماي شەھىرىنىڭ ئورنى كۆرسىتىلگەن.
Photo: RFA

مەزكۇر فىلىمنىڭ رېژىسسورى شۈشىن بۈگۈن خىتايچە بۈيۈك ئىرا گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر فىلىمنى ئىشلەش جەريانى ۋە ئىشلىگەندىن كېيىنكى تەسىراتلىرىنى بايان قىلغان. ئۇ سۆزىدە قارىماي ئوت ۋەقەسىنى جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ كىچىكلىتىلگەن كۆرۈنۈشى دېگەن. ئارىدىن 18 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، دۇنيا ئېسىدىن چىقىرالمايۋاتقان بۇ دەھشەتلىك كۆرۈنۈشتە نارەسىدە ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭمۇ سېيماسى بار. بۈگۈنكى پروگراممىمىزدا رېژىسسور شۇ شىننىڭ تەسىراتلىرى بىلەن بىرلىكتە، ئەينى چاغدىكى ۋەقەنىڭ قىسقىچە جەريانىنى ئەسلىتىپ ئۆتىمىز.

بۇنىڭدىن 18 يىل بۇرۇن، ‏يەنى 1994-يىلى 12‏-ئاينىڭ 8-كۈنى، قارىمايدىكى 7 باشلانغۇچ مەكتەپ، 8 ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچى -ئوقۇغۇچىلىرى ۋە بىر قىسىم ھۆكۈمەت خادىم ۋە ئەمەلدارلىرى بولۇپ، جەمئىي 796 كىشى شەھەردىكى دوستلۇق تىياتىرخانىسىغا جەم بولىدۇ. مەقسەت، مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى مۇكاپاتلاش، ئەمما مۇراسىم باشلىنىپ بىر نەچچە مىنۇت ئۆتمەيلا، زالدا ئاۋۋال ئوت ئۇچقۇنى پەيدا بولىدۇ، ئۇچقۇن تېزدىنلا يالقۇنغا ئايلىنىدۇ، ئارقىدىنلا پارتلاش يۈز بېرىپ كۇلۇبنى ئىس-تۈتەك قاپلايدۇ. يىغىن رىياسەتچىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، يىغىندىكى ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە ئەمەلدارلىرى زالدىن ئامان-ئېسەن قېچىپ چىقىدۇ. ئەمما نارەسىدە بالىلار ۋە جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلار ئوت ئاپىتىنىڭ قاينىمىدا قېپقالىدۇ. نەتىجىدە 6-ياشتىن 14 ياش ئارىسىدىكى 288 نەپەر ئوقۇغۇچى ۋە 35 نەپەر ئوقۇتقۇچى ئاپەتتە جان ئۈزىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقەنى تاسادىپىي بىر ۋەقە دەپ تونۇشتۇرغان ۋە ۋەقەگە سەۋەب بولغانلارنى يېنىك جازالاش بىلەن بولدى قىلغان بولسىمۇ، ئەمما تارىخ، بۇ ۋەقەدە ئۆلگەن نارەسىدىلەرنى بيۇكراتلىقنىڭ، مەسئۇلىيەتسىزلىكنىڭ ۋە چىرىكلىكنىڭ قۇربانلىرى دەپ خاتىرە قالدۇردى. جياڭسۇلۇق خىتاي رېژىسسور شۈشىن تەرىپىدىن ئىشلەنگەن «قارىماي» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم، تارىخنىڭ ۋەقە ھۆكۈمنامىلىرىدىن بىرى. بۇ فىلىم، 2010-يىلى ئىشلەنگەن ۋە شۇ يىلى خوڭكوڭدا خەلقئارا گۇمانىزم مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. مەزكۇر فىلىم مۇشۇ ئاينىڭ 8-كۈنى خوڭكوڭدا ئۆتكۈزۈلگەن خىتاي تىلىدىكى ھۆججەتلىك فىلىملەر فېستىۋالىدا ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

رېژىسسور شۇ شىننىڭ بۈيۈك ئىرا گېزىتىگە بىلدۈرۈشىچە، ئۇ مەزكۇر فىلىمنى ئىشلەش ئۈچۈن 3 يىل ۋاقىت سەرپ قىلغان. ئۇ قارىمايغا بېرىپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان 60 ئائىلە بىلەن يوشۇرۇنچە كۆرۈشكەن. ئۇلاردىن ئەينى چاغدىكى ۋەقەنىڭ باش-ئاخىرى ۋە تەپسىلاتى ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلىگەن ۋە ھۆكۈمەت ئاشكارىلىمىغان، ھەتتا يوشۇرۇپ كەلگەن بىر قاتار مەلۇماتلارغا ئېرىشكەن. مەلۇم بولۇشىچە شۇ كۈنى يىغىن رىياسەتچىسى، ئوت ئاپىتى باشلانغاندا، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىنى توسۇپ «ئوقۇغۇچىلار مىدىرلىماڭلار، ئاۋۋال رەھبەرلەر چىقىۋالسۇن» دەپ بۇيرۇق قىلغان. خىتاي رەھبەرلىرى نارەسىدە بالىلارنىڭ ئۈستىدىن ئاتلاپ ۋە دەسسەپ ئۆزلىرىنى قۇتقۇزغان. بۇ چاغدا تىياتىرخانىنىڭ 8 ئىشىكىدىن پەقەت بەرسىلا ئوچۇق بولۇپ، قالغان 7 ئىشىكنى ئېچىش ئۈچۈن ھېچقانداق ئورۇنلاشتۇرۇش بولمىغان. يەنە مەلۇم بولۇشىچە، تىياتىرخانىدا بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ ئېلېكتر سىملىرىدا مەسىلە كۆرۈلگەن بولۇپ، مەسىلە تۈزىتىلمىگەن ۋە تىياتىرخانىنىڭ بىخەتەرلىك شارائىتى قىلچىمۇ نەزەرگە ئېلىنمىغان. ۋەقە يۈز بېرىپ بولغاندىن كېيىن دائىرىلەر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئائىلىلەرنى ئالداشقا باشلىغان ۋە ئۇلارنى ۋەقەنىڭ تاسادىپىي بىر قازا ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرۈشكە تىرىشقان.

زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئائىلىلەر، ۋەقەنىڭ جاۋابكارلىرىنى ئېغىر جازالاشنى تەلەپ قىلىپ، بېيجىڭغىچە بارغان بولسىمۇ، نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن.

رېژىسسور شۈ شىننىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغانلاردىن 13 ئائىلە، فىلىمدە سوز قىلىشقا ۋە پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە قېتىلغان. رېژىسسور بۈگۈن بۈيۈك ئىرا گېزىتىگە قىلغان سۆزىدە خەتەرگە تەۋەككۈل قىلالىغان ئەنە ئاشۇ ئائىلىلەرگە ئالاھىدە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ئۇلارنى ھەق ۋە ئادالەت ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلار دەپ مەدھىيىلىگەن. ئۇ «ئەگەر ئەنە ئاشۇ ئائىلىلەرنىڭ تەۋەككۈلچىلىكى بولمىسا، مېنىڭ بۇ فىلىمىممۇ ۋۇجۇدقا چىقالمايتتى» دېگەن. فىلىمنىڭ كۆرۈنۈشلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، فىلىمدە سۆز قىلغۇچىلاردىن بىرى ئۇيغۇر ئايال، ئۇ ئايال، ئەينى چاغدىكى رەھبەرلەرنىڭ قىلمىشىغا نارازىلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، «مېنىڭ بۇ ھەقتە قەلبىمدە جىق گەپلىرىم بار، ئەمما ھەممىنى دېيەلمەيمەن، چۈنكى بىزدە ئەركىنلىك يوق» دېگەن.

يۇقىرىدا 1994-يىلى قارامايدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى، بۇ ھەقتە ئىشلەنگەن فىلىم ۋە فىلىم رېژىسسورىنىڭ تەسىراتلىرى ھەققىدە بىر قىسىم مەلۇمات ئاڭلاتتۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.