8-دېكابىر قاراماي ۋەقەسىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ئادالەت كۈتمەكتە

1994-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى قارامايدىكى دوستلۇق تىياتىرخانىسى نۇرغۇنلىغان ياش غۇنچىلارنىڭ، مەسۇم قەلبلەرنىڭ مازىرىغا ئايلاندى.

0:00 / 0:00

ئۇلار ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ئەتىۋارلىق بالىسى، ئۇلارنىڭ ئۈمىدى، مەكتەپنىڭ مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلىرى ئىدى. ئەمما شۇ كۈندىكى ئوت ئاپىتىدە ئۇلار مەسئۇلىيەتسىزلىكنىڭ، بيۇروكراتلىقنىڭ، چىرىكلىكنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ، يېقىنلىرىنىڭ قەلبىدە ئۆچمەس يارىلارنى قالدۇرۇپ كەتتى. مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى-ئوقۇتقۇچىلارنى مۇكاپاتلاش مۇناسىۋىتى بىلەن ئېچىلغان شۇ قېتىملىق پائالىيەتكە 7 باشلانغۇچ مەكتەپ، 8 ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچى، ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە بىر قىسىم كومپارتىيە رەھبەرلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 796 كىشى قاتناشقان. ئوت ئاپىتى 323 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى 6-ياشتىن-14 ياشقىچە بولغان بالىلار ئىدى.

قاراماي 8-دېكابىر ۋەقەسىنىڭ 17 يىللىق خاتىرە كۈنلىرى يېتىپ كېلىش ئالدىدا چەتئەللەردە بۇ ۋەقە خاتىرىلىنىشكە باشلىدى. مەزكۇر ۋەقە ھەققىدىكى خەۋەرلەر ھەرقايسى تىۋىتتىرغا ئوخشاش مەشھۇر بلوگلاردا ۋە بىر قىسىم گېزىتلەردە ئېلان قىلىندى. يەكشەنبە كۈنى كانادانىڭ ۋانكوۋېر شەھىرىدە باشلانغان رىدىم خەلقئارا كىنو فېستىۋالىدىمۇ 8-دېكابىر ۋەقەسىگە ئائىت «قاراماي» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلگەن بولۇپ، بۇ ھۆججەتلىك فىلىمنى مۇستەقىل فىلىم ئىشلىگۈچى شۈ شىن بىر قانچە يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، قارامايدىكى ۋەقەدە بالىلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان ئۇيغۇر، تۇڭگان، خىتاي ئاتا-ئانىلار بىلەن يوشۇرۇنچە ئېلىپ بارغان سۆھبەتلىرى ئاساسىدا تەييارلاپ چىققان. فىلىم 2010-يىلى تاماملانغاندىن كېيىن شۇ يىلى خوڭكوڭدا ئۆتكۈزۈلگەن فىلىم فېستىۋالىغا قاتناشتۇرۇلغان. خوڭكوڭ فىلىم فېستىۋالىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان بۇ فىلىم يەنە ئامېرىكىنىڭ لوس ئانجېلىس شەھىرى ۋە رۇسىيىنىڭ پايتەختى موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن فىلىم فېستىۋاللىرىغىمۇ قاتناشتۇرۇلغان. فىلىم ئىشلىگۈچى شۈ شىن خوڭ كوڭدىكى فىلىم فېستىۋالىدا فىلىم ھەققىدە قىلغان سۆزىدە خىتايدا بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنىڭ قاتتىق مەنئى قىلىنغانلىقىنى، مەخپىي ھالدا تارتقان بۇ كۆرۈنۈشلەرنى چېگرادىن ساق-سالامەت ئېلىپ چىقالىغانلىقىدىن ئۆزىنى ئىنتايىن بەختلىك ھېس قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

«قاراماي» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمدە شۇ قېتىملىق ۋەقەدە بالىلىرىنى يوقاتقان ئاتا-ئانىلارنىڭ بايانلىرى ئۆز ئەينى بېرىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا ھېچقانداق يان بايانمۇ قوشۇلمىغان. فىلىمدە ئەينى ۋاقىتتىكى نەق مەيدانغا ئائىت ئېچىنىشلىق كۆرۈنۈشلەرمۇ يەر ئالغان. «توختاپ تۇرۇڭلار، ئالدى بىلەن رەھبەرلەر چىقىپ كەتسۇن» مانا بۇ سۆز 8-دېكابىر ۋەقەسىدە نۇرغۇنلىغان بالىلارنىڭ جېنىغا زامىن بولغان سۆز ئىدى. فىلىمدە سۆز قىلغان ئاتا-ئانىلار ئاشۇ كومپارتىيە رەھبەرلىرىنىڭ، چىرىكلىكنىڭ بالىلىرىنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقىنى ئېيتىدۇ.

مەن ئىلگىرى بالامغا ياۋاش بول، مۇئەللىم نېمە دېسە شۇنداق قىل دەپتىكەنمەن. ئەمدى ئۇنداق دەپ تەربىيە قىلمايمەن. بۇ بالىلار ئۆز جېنىنى قۇتقۇزۇشنىمۇ بىلمىسە، بۇنىڭغا نېمە دېگۈلۈك.

ھەممىسىگە چىرىكلىك سەۋەب بولدى. ئوت كەتكەندە باشلىق بولغانلار دەرھال قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرماي بالىلارنى دەسسەپ تۇرۇپ قېچىپ كەتكەن. 8 ئىشىكتىن ئاران بىرى ئوچۇق تۇرسا، بۇ قانداق دېگەن گەپ. ئەمەلىيەتتە بۇ بالىلارنىڭ ئاران 20 پىرسەنتىلا كۆيۈپ ئۆلگەن. قالغانلار ھەممىسى قويۇق ئىس-تۈتەكتىن زەھەرلەنگەن. ئەمەلىيەتتە ئىشىك ئېچىلغان بولسىدى، بۇ بالىلار ئۆلمىگەن بولاتتى.

ئەھۋالدىن مەلۇمات بېرىۋاتقان بۇ كىشىلەر، بۇ كىشىنىڭ بۇ فىلىمنى ئېلىۋاتقان كىشى ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ بۇ ئەھۋالغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىپ، ئۇنى خىتاي دائىرىلىرىدىن سەگەك بولۇشىنى تاپىلايدۇ.

شۇ قېتىملىق ۋەقەدە ئۆزىنىڭ قىزىدىن ئايرىلىپ قالغان بىر ئۇيغۇر دادا مۇخبىرغا قىلغان سۆزىدە، شۇ كۈنى ئۆلگەن بالىلارنىڭ ئۈستى-بېشىدا پۈتۈنلەي چوڭلارنىڭ ئاياق ئىزلىرىنىڭ بارلىقىنى، شۇ كۈنى چوڭلارنىڭ بالىلارنى دەسسەپ-ئاتلاپ قاچقانلىقىنى، شەھەرلىك ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنىڭ تىياتىرخانىنىڭ سۇخانىسىغا كىرىۋېلىپ، بالىلارغا ئىشىكنى ئېچىپ بەرمىگەنلىكىنى ئىنكاس قىلىدۇ.

ئاتا-ئانىلارنىڭ فىلىمدە ئىنكاس قىلىشىچە، قاراماي دائىرىلىرى ۋەقەدىن كېيىن ئاتا-ئانىلارغا بالىلىرىنىڭ جەسەتلىرىنى قايتۇرۇپ بەرگىلى ئۇنىمىغان. بۇنىڭغا نارازى بولغان ئۇيغۇر ۋە تۇڭگانلار ئۆزلىرىنىڭ بالىلىرىنى ئىسلام قائىدىلىرى بويىچە دەپنە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ دائىرىلەر بىلەن تاكاللىشىپ يۈرۈپ ئاخىرى بالىلىرىنىڭ مېيىتىنى ئالغان. ئەھۋال كېيىن خىتاي ئاتا-ئانىلارنىڭمۇ غەزىپىنى قوزغىغاندىن كېيىن، كىملىكى ئېنىقلانغان جەسەتلەرنى ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ئەپ كېتىشىگە رۇخسەت قىلىنغان. ۋەقە بولۇپ ئارىدىن بىر قانچە ئاي ئۆتكۈچە رەھبىرى كادىرلار كومپارتىيىنىڭ چوقۇم مەسىلىنى ئادىل ھەل قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى چوقۇم سۈرۈشتە قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن. شۇندىن كېيىن ھېچقانداق ئورۇن ۋە شەخس ئۇلارنىڭ داۋاسىنى ئاڭلىمىغان، ئادۋوكاتلارمۇ بېسىمغا ئۇچراپ 8-دېكابىر دېلولىرىنى قوبۇل قىلمايدىغان بولغان. ئاتا-ئانىلار ھۆكۈمەتتىن تۆلەم ئەمەس، ئەڭ ئەقەللىيسى بالىلىرىنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدىكى ئىسپات خېتىنىمۇ ئالالمىغان.

بالىسى ئۆلگەن بىر خىتاي ئايال مۇنداق دېدى:
ئىككى يىل ئاۋۋال قاراماي رادىئوسىدا «قانۇندىن ساۋات» ناملىق بىر پروگرامما تارقىتىلىشقا باشلىدى. سىز پروگراممىغا تېلېفون قىلىپ ئادۋوكاتتىن قانۇن ھەققىدە بىلمەكچى بولغان سوئاللىرىڭىزنى سورىسىڭىز بولىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن مەن دەرھال پروگراممىغا تېلېفون قىلىپ ئادۋوكاتتىن «بىر ئادەم ئۆلگەندە جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ ئۆلۈم ئىسپات خېتىنى بەرمەي تۇرۇپلا ئۇنى نوپۇستىن ئۆچۈرۈۋېتىشى توغرىمۇ؟» دەپ سورىدىم. ئادۋوكات ماڭا «بۇ مۇمكىن ئەمەس. ئادەم ئۆلگەندە مەيلى دوختۇرخانا ياكى ساقچى ئورگانلىرى بولسۇن، ئۇنىڭغا چوقۇم ئىسپات خېتى بېرىشى ئاندىن نوپۇسنى ئۆچۈرۈشى كېرەك» دېدى. مەن ئادۋوكاتقا «مېنىڭ بالام ئۆلدى، لېكىن ماڭا ھېچكىم خەت بەرمىدى» دېدىم. ئۇ ئادۋوكات ئىنتايىن ھەيران قالغان ھالدا «بۇ مۇمكىن ئەمەس. سىزنىڭ دېگەنلىرىڭىز راستمۇ؟ زادى نېمە بولغان ئىدى. ماڭا تەپسىلاتىنى دەپ بېرىڭ» دېدى. مەن شۇنىڭ بىلەن «ئادەمنىڭ ئۆلگىنى ئەلۋەتتە راست. مەن دېگەن 1994-يىلى 8-دېكابىر» دەپ 8-دېكابىر دېگەن گەپنى ئاغزىمدىن چىقىرىشىمغىلا باشقۇرغۇچى مېنىڭ تېلېفونىمنى ئۈزۈۋەتتى. شۇندىن كېيىن ئۇ رادىئو پروگراممىسىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. مېنىڭ سورىغىنىم قانۇن ئەمەسمىكەن؟

فىلىمدە بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ بايانىغىمۇ يەر بېرىلگەن بولۇپ، سۆزىنى ئالدى بىلەن بىزنىڭ مەقسىتىمىز پارتىيىگە قارشى چىقىش ئەمەس، بىز پەقەت مەسىلىمىزنى ھەل قىلماقچى دەپ باشلايدۇ:
-بىزنىڭ دۆلىتىمىز ئۆزىنىڭ ئۆسمۈر بالىلىرىغا مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلسا بولامدۇ، مېنىڭ نۇرغۇن گەپلەرنى دېگۈم بار، ئەمما مەن جۈرئەت قىلالمايمەن، چۈنكى بىزدە ئەركىنلىك يوق. بۇ ھۆكۈمەتمۇ بەك ئەقىللىق ئىكەن. رەھبەرلەر بەكلا ئەقىللىق ئىكەن. ئەينى چاغدا ئىككى كۈندە بىر رەھبەرلەر ئاتا-ئانىلارنى يوقلاپ، نېمە مەسىلەڭلار بولسا ھەل قىلىمىز، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ياخشى خىزمەت ئورنىغا چىققۇسى بارلار ئالماشتى، ياخشى ئاپتوموبىلغا ئولتۇرغۇسى بارلار ياخشى ئاپتوموبىلغا ئېرىشتى. ئۇنداق ئىكەن، سەن شۇ ئورۇندا ئولتۇرغاندىن كېيىن ئەلۋەتتە ئاغزىڭنى يۇمۇشۇڭ كېرەكتە. ئۇلار بەك ئەقىللىقكەن. ئەمدىچۇ، بىز ھازىر ئىككى ئاي ئىزدەپمۇ بىر رەھبەر بىلەن كۆرۈشەلمەيمىز.

شۇ قېتىملىق ۋەقەدىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى ۋەقەدە مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈلگەن 14 كىشى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقاردى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە دوستلۇق تىياتىرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابلەت قادىر، دوستلۇق تىياتىرخانىسىنىڭ مۇلازىمەت بۆلۈمى باشلىقى چېن خۇيجۈن ۋە تىياتىرخانا مۇلازىمى نۇسرەت يۈسۈپجان قاتارلىقلار ئايرىم ئايرىم ھالدا 7 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، شۇ قېتىملىق ۋەقەدە ئەڭ ئېغىر جازاغا ئۇچرىغانلار بولۇپ قالدى. ئەمما فىلىمدىكى قارامايلىق ئاتا-ئانىلار بولسا، بالىلىرىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان ھەقىقىي قاتىللارنىڭ بولسا جازاسىز قالغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ ھېلىھەم ئەنە شۇ قاتىللارنىڭ جازالىنىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.