ئۇيغۇر دىيارىنىڭ قاش تېشى كىم ئاشتى قىلىپ بۇلانماقتا

قاش تېشى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تارىخى ئۇزۇن، دۇنياغا داڭلىق ئالاھىدە مەدەنىي مەھسۇلاتلىرىدىن بىرى. ئۇيغۇر دىيارى تارىختىن بۇيان قاش تېشى ماكانى دېگەن گۈزەل ناملار بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن.

0:00 / 0:00

بولۇپمۇ خوتەن قاش تېشىدەك ئېسىل سۈپەتلىك قاش تېشى دۇنيانىڭ باشقا يېرىدە تاپقىلى بولمايدىغان گۆھەر سۈپەت بىباھا بايلىق. خوتەن شۇنداقلا دۇنيا بويىچە قاش تېشى ئەڭ بۇرۇن قېزىلغان جايلارنىڭ بىرى. تارىخىي ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا تېخى «يىپەك يولى ئېچىلماستىنلا» قاش تېشى يولى بولغان. بەزى تارىخىي ماتېرىياللاردا خاتىرىلىنىشىچە، شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىدىن چىققان ئارخېئولوگىيىلىك پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا بۇنىڭدىن 7000يىل ئىلگىرىكى يېڭى تاش قوراللار دەۋرىدە ئەجدادلىرىمىز قاش تېشىدىن ئىشلەنگەن سايمانلارنى ئىشلەتكەن. قاش تېشى قېزىپ ئۇنى مال ئالماشتۇرۇشتا كەڭ كۆلەمدە ئىشلەتكەن.

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئالەمشۇمۇل ئالىمى مەھمۇد قەشقىرى ئۆزىنىڭ بۈيۈك ئەسىرى تۈركىي تىللار دىۋانىدا قاش تېشى توغرىسىدا قىممەتلىك مەلۇماتلار بەرگەن بولۇپ «قاش تاش بۇ بىر خىل سۈزۈك تاش بولۇپ ئاق ۋە قارا رەڭلەردە كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭ ئېقىنى گۈلدۈرمامىدىن، ئۇسسۇزلۇقتىن ۋە چاقماق چۈشۈشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۈزۈككە كۆز قىلىدۇ.... ئاق قاش تېشى يۇرۇڭقاش دەرياسىدىن، قارا تاش قاراقاش دەرياسىدىن چىققاچقا، بۇ دەريالارمۇ شۇ نام بىلەن ئاتالغان. بۇ تاشلار دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىن چىقمايدۇ. پەقەت مۇشۇ يەردىنلا چىقىدۇ...» دەپ خاتىرىلىگەن.

خەلقىمىز قاش تېشىنى،ئالىيجانابلىق، ساپلىق، دوستلۇق، مېھرىبانلىقنىڭ، تىنچلىق ۋە گۈزەللىكنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە ئەتىۋارلاپ كەلگەن شۇنداقلا ھازىرغىچە قاش تېشى ھۆرمەتلىك ئىسىم سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدۇ، مەسىلەن، قاش تېشى يۇرتى خوتەننىڭ بەدىئىي نامى، يېڭى قاش تېشى ئەدەبىي ژۇرنىلى قاتارلىقلار.

بولۇپمۇ، خوتەن قاش تېشى دۇنيا بويىچە مەشھۇر ئەلا سورتلۇق قاشتېشىدۇر. يەنى خوتەن قاش تېشى قاش تېشىنىڭ ئەڭ ئېسىل تۈرى بولغان نېفرىت تۈرىدىكى قاش تاشلىرىدۇر. ئەۋرىشىمچانلىقى،سۈزۈكلۈكى بىلەن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان، قاتتىقلىقى بىرلەشكەن بۇ ئالاھىدە گۈزەل جىسىم كىشىلەرنى ئەجەبلەندۈرۈپ كەلگەن. ئۇ دۇنيادا ئىككىنچى دەرىجىلىك گۆھەر سۈپىتىدە ئەتىۋارلىنىدۇ. خوتەن قاش تېشىنىڭ ئەڭ قىممەتلىكى ئاق سۈزۈك قاش تېشى، ئۇ يەنە يېشىل، سېرىق، قارا، سۆسۈن رەڭلەردىمۇ بولىدۇ.

قاش تېشىنىڭ، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ خىتاي ۋە باشقا ئەللەر بىلەن ئىقتىسادىي ئالاقە باغلاشتا ئىشلىتىلگەنلىكىدىنلا ئۇنىڭ ئېچىلىش تارىخىنىڭ قىسقا ئەمەسلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. خىتايلار بولسا قەدىمدىن تارتىپ خوتەن قاش تېشىدا ئويمىچىلىق سەنئىتىنى راۋاجلاندۇرغان، ئۇيغۇر دىيارىدىن چىققان قىممەتلىك تاشلاردىن ئىشلەنگەن زىبۇزىننەتلەرنى تاقاش ۋە ساقلاشنى ئادەت قىلغان. خىتاينىڭ قاش تېشى ئويمىچىلىقىدا خوتەن قاش تېشى ئالدىنقى ۋە ئاساسلىق ئورۇننى ئىگىلەيدۇ.

ئۇيغۇر ئېلى غەربنى ئېچىشتىكى نۇقتىلىق رايون قىلىنىپ، بايلىق ئېچىش،ساياھەتچىلىك ئىشلىرىنىڭ پەۋقۇلئاددە سىياسەت بويىچە كۈچەيتىلىشى بىلەن، گۆھەر تېپىشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەنلەر ئۈچۈن چۈشىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرغان پۇرسەت بولغان. ھەتتا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى دۆلەت تېشى قىلىۋالدى،-2008 ئولىمپىك مېداللىرىغا ئورناتتى.

ئۇيغۇر دىيارىدىن بېرىلگەن خەۋەرلەرگە قارىغاندا 8-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 27-كۈنىگىچە خوتەندە 8-نۆۋەتلىك قاش تېشى مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمى ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى، بۇنىڭ داۋامى نۆۋەتتە، بايىنغولىنغا قاراشلىق چەرچەن ناھىيىسىدە تۆتىنچى نۆۋەتلىك چەرچەن قاشتېشى مەدەنىيەت بايرىمى ئارقىلىق داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، 3-ئۆكتەبىر چەرچەن ناھىيىلىك ھۆكۈمەت 6 دانە خوتەن قاش تېشىنى كىم ئاشتى بازىرىغا قويغان بولۇپ يۇقىرىسى بىر مىليون يۈەندىن ئارتۇقراق سېتىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا ئالتاي ۋىلايىتىمۇ 26-سېنتەبىر «ئالتاي مەملىكەتلىك غەيرىي تاشلار، قاش تېشى قېزىش بايرىمى ۋە تاش يىغارلار مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈپ، تېخىمۇ كىشىلەرنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غەيرىي ۋە گۆھەر تاشلىرى بايلىقىنى ئېچىشقا قىزىقتۇرغان. ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇ بايرام ۋە كۆرگەزمىلەرنىڭ ھەممىسى سودىگەر چاقىرىپ،مەبلەغ جەلپ قىلىشنى ئاساسىي مەقسەت قىلىدىكەن.

ئۇيغۇر ئېلىدىن قېزىلىۋاتقان خوتەن قاش تېشىنىڭ 70% ئى چەرچەندىن قېزىلماقتا. ھازىر چەرچەن ئۆزىدىلا 30دىن كۆپرەك قاش تېشى پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان ئويمىچىلىق كارخانا بار بولۇپ، قاش دۇكانلىرىنىڭ سانى ئىككى يۈزدىن كۆپ، قاش تېشى بىلەنلا شۇغۇللىنىدىغان ئادەم 6 مىڭدىن ئاشىدىكەن.

بۈگۈنكى كۈندە خوتەن قاش تېشى تەڭداشسىز ھۆسنى نازاكىتى بىلەنلا ئەمەس بىباھا قىممىتى بىلەنمۇ دۇنيانى ھەيران قالدۇرماقتا. ئەمەلىيەتتە خوتەن قاشتېشى چەكلىك زاپاسقا ئىگە. ئۇنىڭ قىممەتلىك بولۇشىدىكى يەنە بىر سەۋەبمۇ شۇ. خىتاي سودا سانائەت تورىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، يېقىنقى ئون يىل مابەينىدە ئالتۇننىڭ ئۆسۈشى 235% ئۆرلىگەن بولسا، خوتەن قاش تېشىنىڭ باھاسى 10 مىڭ ھەسسە ئۆرلىگەن. يەنى 1980-يىللاردا نەچچە يۈز يۈەنگە سېتىۋالغىلى بولىدىغان قاش تېشى نۆۋەتتە نەچچە يۈز مىڭ يۈەنگە يارايدىكەن.

خوتەندىكى قاش تېشى شىركىتىنىڭ بىر قاش تېشى باھالىغۇچىسى قاش تېشىنىڭ ئۆرلىشىنى چۈشەندۈرۈپ «2000-يىلى قاش تېشى رۇدىسىنىڭ بىر كېلوسى ئىككى-ئۈچ تۈمەن ئىدى، ھازىر بولسا يىگىرمە-ئوتتۇز تۈمەنگە چىقتى. ئۇششاق قاش تېشىمۇ ئىككى ئۈچ مىڭ يۈەن ئىدى، ھازىر ئىككى ئۈچ تۈمەنگە ئالغىلى بولىدۇ..» دېدى.

خوتەن قاش تېشى سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ چەرچەنگە كەلگەن بىر خىتاي قاش تېشى بازىرىنى ئارىلاۋېتىپ مۇنداق دەيدۇ «ھازىر ھەقىقىي راست، سۈپەتلىك خوتەن قاش تېشى بەك ئاز، ئۇنى تاپماق تەس بوپكەتتى، بايرام ئارقىلىق سودىگەر چاقىرىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ كەلدىم، تەلىيىم كەپ قالسا، ياخشى تاش ئۇچراتسام ئالىمەن دەپ كۆرۈۋاتىمەن.»

2006-يىلى خوتەن قاش تېشى غالجىرلارچە ئېچىلغان بىر يىل. شۇ يىلى 8مىڭ توپا ئىتتىرىش تراكتورى ۋە 200 مىڭ قاش تېشى قازغۇچىلار يۇرۇڭقاش ۋە قاراقاش دەريالىرىنى 100 كىلومېتىر ئارىلىقتا پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىپ، دەريا ۋادىسىدا ھاياتلىقتىن ئەسەر قويمىغان ئىدى. چۈنكى، بۇنىڭ ئالدىدا گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى زىبۇزىننەت سودا ساھەسى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى شۇ دىڭچاڭنىڭ خوتەن قاشتېشىنى 2008-يىللىق ئولىمپىك مېدالىغا ئورنىتىش تەكلىپى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، خوتەن قاش تېشىنىڭ سەرخىلىنى ئىزدەش دولقۇنى تەلۋىلەرچە كۈچىيىپ، ھۆكۈمەتكە قاراشلىق ۋە شەخسى ھەر خىل چوڭ-كىچىك قاش تېشى قازغۇچىلار ئەترىتى قاش تېشى ماكانىدا ئەسەبىيلەرچە گۆھەر ئىزدەشكە كىرىشكەن. بۇنىڭ نەتىجىسىدە خوتەندىكى قاش تېشى چىقىدىغان، قاش تېشى بايلىقى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ قان تومۇرى بولغان دەريا-ئېقىنلار ۋە ۋادىلارنىڭ ئېكولوگىيىسى ئەسلىگە كەلتۈرگۈسىز ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغان شۇنداقلا خوتەن قاش تېشى زاپىسى بىردىنلا بۇلاڭ-تالاڭغا ئۇچرىغاندەك ئازىيىپ كەتكەن.

چەكلىك بولغان بىباھا خوتەن قاش تېشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن تۆلىنىدىغان بەدەلمۇ ئاز ئەمەس. ئۇنىڭ بىرىنچىسى مۇھىت مەسىلىسىدۇر. قان بەدىلىگە كەلگەن قاش تېشىنىڭ كىشىلەرنى خاتىرجەمسىزلەندۈرگىنى پەقەت ئۇنىڭ تەڭداشسىز گۈزەل ھۆسنى بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭ تېز سۈرئەتتە ئازىيىشى بىلەن تەڭ باھاسىنىڭمۇ تەڭداشسىز ھالەتتە ئۆرلىشى ۋە بۇنىڭ بىلەن خوتەننىڭ قاش تېشى ماكانى نامىدىن ئۇزاقلىشىۋاتقانلىقىدۇر.