خىتايدىكى 2 ياشلىق بالا يولۇققان قاتناش ۋەقەسى خىتاي ئىچى-سىرتىدا غۇلغۇلا قوزغىد

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ فوشەن شەھىرىدە يېقىندا 2 ياشلىق بىر قىز بالا قاتناش ۋەقەسىگە يولۇققان؛ ۋەقەدە ئىككى ماشىنا قىزنى ئارقا-ئارقىدىن بېسىپ ئۆتۈپ قېچىپ كەتكەن.

0:00 / 0:00

ۋەقە يۈز بېرىپ 7 مىنۇت ئۆتكەنگە قەدەر، كوچىدا 18 نەپەر ئادەم قىزنىڭ يېنىدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، ھېچكىمنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كارى بولمىغان. ئاخىرى تازىلىق ئىشچىسى بىر ئايال بالىغا يېقىنلىشىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يەتكۈزگەن. ۋەقەنىڭ جەريانى رەسمىي ۋە غەيرىي رەسمىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق دۇنياغا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ۋەقە خىتاي ئىچى-سىرتىدا كۈچلۈك غۇلغۇلا پەيدا قىلماقتا.



ۋەقەنى بېزىلەر، خىتايدىكى ئەخلاقىي كرىزىسنىڭ ئىپادىسى دەپ كۆرسەتسە، بېزىلەر ئادالەتسىز بىر سىياسىي تۈزۈمنىڭ نەتىجىلىرى دەپ قاراشماقتا. بېزىلەر خىتايدىكى ئېتىقاد كرىزىسىنىڭ نامايەندىسى دەپ كۆرسەتسە، يەنە خىتاي مىللىتىنىڭ پسىخىكىسى ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە باغلاپ ئىزاھلىماقتا. ۋەقە ئىككى نۇقتىدىن كىشىلەرنى ئويغا سالماقتا. بىرى شوپۇرنىڭ 2 ياشلىق قىزنى ئارقا-ئارقىدىن باستۇرۇشى ۋە قىزنىڭ يارىلانغىنىنى كۆرۈپ تۇرۇپ قېچىپ كېتىشى؛ يەنە بىرى بولسا، كۆرگۈچىلەرنىڭ ۋەقەگە پەرۋاسىزلىقى.

خىتاي ئىچىدىكى كۆپىنچە ئىنكاسلاردا، مەزكۇر ۋەقە ئاساسلىقى جەمئىيەتتىكى پۇلغا چوقۇنۇش، ئىنسانىي قەدىر-قىممەتنى پەس كۆرۈش خاھىشى دەپ تەنقىدلەنگەن. شاڭخەيلىك رابى ئىسىملىك بىر ئىنكاسچىنىڭ بايان قىلىشىچە، دېڭ شياۋپىڭنىڭ مۈشۈك نەزەرىيىسى يەنى، «ئاق مۈشۈك قارا مۈشۈك چاشقان تۇتقان ياخشى مۈشۈك» دېگەن تەلىماتى، كىشىلەردە پۇلدىن باشقا ئۈستۈن نەرسىنى تونۇمايدىغان، پۇلدىن باشقا نەرسىلەرگە قىزىقمايدىغان شەخسىيەتچى ۋە مەنپەئەتپەرەس خاراكتېرنى يېتىلدۈرگەن. ۋاڭ جيەن ئىسىملىك بىرىنىڭ ب ب س تورىدا بايان قىلىشىچە، خىتايدىكى قانۇن-تۈزۈمدىكى ئادالەتسىزلىك، كىشىلەرنى ياخشى ئىشتىن قاچىدىغان، ئاۋارىچىلىكتىن قورقىدىغان، مەسىلە ۋە ۋەقەلەرگە چېتىلىپ قېلىشتىن قاچىدىغان، ھەددىدىن زىيادە ئېھتىياتچانلىقنى ئادەتلەندۈرگەن. ئۇ ئىنكاسىدا مۇنداق يازغان: بۇ تۈرلۈك ۋەقەلەرگە ئارىلىشىش كىشىلەردىن پىداكارلىق تەلەپ قىلىدۇ. ئادالەتسىز بىر جەمئىيەتتە كىشىلەر پىداكارلىق كۆرسىتىشتىن قاچىدۇ؛ بۇ، نۆۋەتتىكى جۇڭگو جەمئىيىتىدە كىشىلەرنىڭ ئادالەتكە ۋە قانۇنغا بولغان ئىشەنچىنىڭ يوقالغانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى.
يەنە بىر ئىنكاستا مۇنداق دېيىلگەن: جۇڭگولۇقلاردا دىن يوق، دىن يوق يەردە ياخشى بىلەن ياماننىڭ ئۆلچىمى يوق.

بۇ ئىنكاسچى يەنە خىتاي مىللىتىنىڭ ئۇزۇن ئەسىرلەردىن بېرى نامراتچىلىقتا ياشىغانلىقى، ئەمدىلا قارنى تويۇشقا باشلىغانلىقى، شۇڭا بۇلاردا ئەخلاقىي بالاغەتنىڭ يېتىلىشى ئۈچۈنمۇ يەنە ئۇزۇن يىللار كېتىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. خوڭكوڭلۇق جاڭ لىفۇنىڭ قارىشىچە، ئەسلىدە ئەنئەنىۋى خىتاي مەدەنىيىتىدە مېھرىبانلىق، كۆيۈمچانلىق ۋە پىداكارلىق بىباھا قىممەتلەرگە ئىگە؛ ئەمما خىتاي كومپارتىيىسى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، ئەمەلگە ئاشمايدىغان غايە، ئىنسان تەبىئىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئەخلاقىي ئۆلچەملەرنى تەشۋىق قىلىپ، جەمئىيەتتە ئىنسان پسىخىكىسىدا بۇزۇلۇش پەيدا قىلغان؛ نەتىجىدە، ئىنسانلاردا مائارىپسىزمۇ، تۇغما ھالدا بولۇشقا تېگىشلىك، ئىنسانىي پەزىلەتلەرمۇ يوقالغان.

جاڭنىڭ بايان قىلىشىچە، ساغلام بولمىغان مائارىپ، ئەركىن بولمىغان ئاخبارات خىتاي جەمئىيىتىدە ئىنسان تەبىئىتىدىكى بۇزۇلۇشنىڭ يىلتىزى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: ئىنساننىڭ تەبىئىتىدە كىشىلەرنى ياخشىلىققا ئۈندەيدىغان ۋە يامانلىققا كۈشكۈرتىدىغان ئامىللار تەڭ مەۋجۇت، بۇ ئىككىسىدىن قايسىسىنىڭ رول ئوينىشى، جەمئىيەتتىكى قانۇن-تۈزۈم قاتارلىق ئۈستقۇرۇلما تەركىبلىرىنىڭ ساغلاملىقىغا مۇناسىۋەتلىك.

مەزكۇر مۇنازىرىلەر خىتاي كومپارتىيىسى 17-قۇرۇلتىيىنىڭ 6-ئومۇم يىغىنى مەزگىلىدە داۋام قىلماقتا. 6-ئومۇم يىغىندا، خىتاينىڭ 50 يىلدىن بېرى زور تەرەققىي قىلغانلىقى، بۇ تەرەققىيات يالغۇز ئىقتىسادىي تەرەققىياتلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىۋېرسال تەرەققىيات ئىكەنلىكى، يەنى خىتاينىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىمۇ يۈكسەلگەنلىكى مەدھىيىلەنمەكتە.

بۈگۈن «بوشۈن» تورىدا چىققان بىر ماقالىدە، 2 ياشلىق قىزنىڭ پاجىئەسى مىسال كەلتۈرۈلۈپ، 6-قۇرۇلتاينىڭ يۇقىرىقى خۇلاسىلىرى ئىنكار قىلىنغان. ئاپتور بۇ نۇقتىدا مۇنداق دېگەن: بىر جەمئىيەتتىكى مەدەنىيەت دەرىجىسى، شۇ جەمئىيەتتە ئاجىز تەرەپنىڭ قانداق مۇئامىلىگە ئۇچرىغانلىقى يەنى قانچىلىك ئاسرالغان ۋە ئەتىۋارلانغانلىقى بىلەن ئۆلچىنىدۇ. 2 ياشلىق قىزنىڭ پاجىئەسى خىتاي جەمئىيىتىدە ئىقتىساد تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ، مەدەنىيەتنىڭ ئىپتىدائىي باسقۇچتا قالغانلىقى ياكى ئارقىغا چېكىنگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى.

خىتايچە «ياڭ چېڭ كەچلىك گېزىتى»نىڭ بۈگۈن خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر ئىككى ياشلىق قىز تېخى ھايات بولۇپ ئۇ دوختۇرخانىدا داۋالانماقتا. ۋەقە سادىر قىلغان شوپۇر تېخى تۇتۇلمىغان،قىزنىڭ پاجىئەسىگە كۆز يۇمۇپ ئۆتۈپ كەتكەنلەرمۇ سوراققا تارتىلمىغان. شوپۇر مەزكۇر گېزىتنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭ جازادىن قېچىپ يۈرۈۋاتقانلىقىنى، ئۆزىنى ساقچىغا مەلۇم قىلمايدىغانلىقىنى بايان قىلغان، بۇنداق ۋەقە سادىر قىلغان ھەرقانداق كىشى ئۆزىنى ساقچىغا مەلۇم قىلمايدۇ دەپ ئۆزىنى ئاقلىغان.

ئىككى ياشلىق بالىنىڭ پاجىئەسى ھەققىدىكى كۆرۈنۈشلەر خىتاي ئىچى-سىرتىدىكى خىتايچە تور بەتلەردىن باشقا يەنە چەتئەل توربەتلىرىدىمۇ كەڭ تارقالماقتا ۋە مۇنازىرىلەر پەيدا قىلماقتا. چەتئەللىكلەر ئۆز تور بەتلىرىدە ئىككى ياشلىق قىزنىڭ پاجىئەسىگە ھەيران قالغانلىقى ۋە ئۆز كۆزلىرىگە ئىشەنمەي قېلىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان، بەزى ئىنكاسچىلار، خىتاينىڭ 5 مىڭ يىللىق مەدەنىيەت تارىخى بارلىقىدىن گۇمانلىنىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان. تۈركىيە تور بەتلىرىدىن بىرىدە، «مەزكۇر ۋەقە ئىنسانپەرۋەرلىكنىڭ يوقالغان ۋاقتى» دەپ خەۋەر قىلىنغان. تۈرك تور بەتلىرىدىكى بەزى ئىنكاسچىلار، مانا بۇ پاجىئەنى كۆرگەندىن كېيىن، خىتاي خەلقى بىلەن بىرگە ياشاۋاتقان، خىتاي مىللىتىنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە تېخىمۇ چوڭقۇر ئېچىنىۋاتقانلىقى ۋە قايغۇرۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.