بالىلارنىڭ قاتناش ۋەقەسىدە ئۆلۈشى سەۋەبىدىن گەنسۇدا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى جازالاندى

16-نويابىر گەنسۇدا يۈز بەرگەن قاتناش ھادىسىسىدە، 20 نەچچە بالىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە بولغان نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى.

0:00 / 0:00

بۈگۈن گەنسۇ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ۋەقەدە جاۋابكارلىقى بار دەپ قارالغان 4 نەپەر ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ خىزمىتىدىن توختىتىلغانلىقىنى جاكارلىدى. رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشىگە يەرلىك دائىرىلەرنىڭ خىزمەتتىكى مەسئۇلىيەتسىزلىكى سەۋەبلىك مەكتەپ ئاپتوموبىلىغا نورمىدىن ئارتۇق ئادەم ئولتۇرۇشى، شوپۇرنىڭ بىخەستەلىكى ھەم تۇمانلىق ھاۋا رايى قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللار سەۋەب بولغان.

چارشەنبە كۈنى گەنسۇ ئۆلكىسى جېڭنىڭ ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن، مەكتەپ ئاپتوموبىلىنىڭ سوقۇلۇپ كېتىشى سەۋەبلىك 21 بالىنىڭ ئۆلۈش ۋەقەسى، خىتايدا بۇ يىل ئىچىدە يۈز بەرگەن يەنە بىر قېتىملىق زور قاتناش ۋەقەسى دەپ قارىلىپ، ۋەقەدە جاۋابكارلىقى بار دەپ قارالغان ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا چارە كۆرۈلدى.

خىتاي مەتبۇئاتلىرى ھەم خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شۇ كۈنى ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشىگە، ئەسلى 9 ئادەم ئولتۇرۇش بەلگىلەنگەن جىپ ماشىنىنىڭ يەسلى دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئۆزگەرتىلىپ، 64 نەپەر بالىنىڭ نىقتاپ ئولتۇرغۇزۇلۇشى، ئاپتوموبىل شوپۇرىنىڭ تۇمانلىق ھاۋا رايىدا قاتناش قائىدىسىگە خىلاپ ھالدا، ماشىنىنى سائىتىگە 60 كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن ھەيدىگەنلىكى سەۋەب بولغان.

رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 21 بالىنىڭ ئۆلۈپ، 40 نەچچە بالىنىڭ يارىلىنىشىغا ئۇچرىغان بۇ ئاپتوموبىل، گەنسۇ ئۆلكىسى جىڭنىڭ ناھىيىسىدىكى «كىچىك دوكتورلار بالىلار باغچىسى» نىڭ ئاپتوموبىلى ئىكەن. بىرقانچە يىللاردىن بۇيان يەسلى دائىرىلىرى پۇلنى تېجەش ئۈچۈن، يەسلىدىكى 730 نەپەر بالىنى توشۇشقا ئاپتوموبىل ئورۇندۇقلىرى شەخسلەر تەرىپىدىن ئۆزگەرتىلىپ ياسالغان 4 دانە ئۆلچەمسىز ئاپتوموبىلنى ئىشلىتىپ كەلگەن. بالىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرىگەن ئاتا-ئانىلار بۇ ئەھۋالنى ناھىيىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا كۆپ قېتىم ئىنكاس قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ناھىيىلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى «كىچىك دوكتورلار بالىلار باغچىسى» نىڭ بۇ خىل قانۇنسىز قىلمىشىنى كۆرمەسكە سالغان.

بۇ قېتىمقى ئاپتوموبىل ۋەقەسىدە 5 ياشلىق ئوغلى يارىلانغان ۋېي ئەپەندى، رادىئومىز گۇاڭدۇڭ بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ۋەقەدە يارىلانغان بالىلارنىڭ ئەھۋالى ھەم ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىشتا تۇتقان پوزىتسىيىسى ھەققىدە توختالدى.

ۋېي ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەن يەسلىدە پەيشەنبە كۈنىدىن باشلاپ دەرس توختىتىلغان. يارىلانغان 40 نەچچە بالىنىڭ 18 نەپىرى يەنىلا دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە بىرنەچچە بالىنىڭ ھاياتى يەنىلا خەۋپ ئاستىدا ئىكەن. ناھىيىلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ۋەقەدە يارىلانغان بالىلارنىڭ پۈتكۈل چىقىمىنى، ھۆكۈمەت ئۈستىگە ئېلىپ داۋالىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ۋەقەدە ئۆلگەن 21 بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىغا بېرىلىشكە تېگىشلىك تۆلەم پۇلى ھەققىدە ھازىرغىچە ئېنىق جاۋاب بەرمىگەن.

خىتاينىڭ شىنخۇا تور بېكىتىدىكى خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە بۇ قېتىمقى ئېغىر قاتناش ھادىسىسىدە بىۋاسىتە جاۋابكارلىقى بار دەپ قارالغان، جېڭنىڭ ناھىيىسىدىكى ئىككى نەپەر مۇئاۋىن ھاكىم، ناھىيىلىك قاتناش ساقچى ئەترىتىنىڭ باشلىقى ھەم ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى قاتارلىق تۆت نەپەر ھۆكۈمەت ئەمەلدارى بۇيرۇق بىلەن خىزمىتىدىن توختىتىلغان. ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرى فەن جۈنگاڭ، بالىلار باغچىسى خوجايىنى لى جۈنگاڭ قاتارلىق ئىككىيلەن جاۋابكارلىقى بار دەپ قارىلىپ، ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان.

رادىئومىز خىتاي بۆلۈمى ئىككى كۈندىن بۇيان ناھىيىلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە تېلېفون قىلىپ، ۋەقەنىڭ تەرەققىياتى ھەققىدە ئەھۋال ئىگىلەشكە تىرىشقان بولسىمۇ، ئەمما دائىرىلەر ۋەقە ھەققىدە يەنىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلدى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان، ناھىيىلىك ھۆكۈمەتتە ئىشلەيدىغان جاڭ فامىلىلىك ئايال، يارىلانغان بالىلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە توختالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن ئارتۇق مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، مۇخبىرنىڭ يەنىمۇ تەپسىلىي مەلۇماتلارنى خىتاينىڭ ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدىن ئىگىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

جاڭ خانىم ئۆز بايانىدا، دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان بالىلار ئىچىدە، 10 نەچچە بالىنىڭ يارىسى ئېغىرلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ناھىيىلىك دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۇلۇۋاتقانلىقىنى، ناھىيىدىكى رەھبەرلەرنىڭمۇ ۋەقە يۈز بەرگەندىن بۇيان دوختۇرخانىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ناھىيىلىك دوختۇرخانا ھەم ناھىيىدىكى ساقچى دائىرىلىرى بولسا، ۋەقە ھەققىدە يەنىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى.

خىتاي تور بېكەتلىرىدىكى مەلۇماتلاردا بولسا، بۇ قېتىمقى قاتناش ۋەقەسىدە مەسئۇلىيەتنىڭ پۈتۈنلەي ھۆكۈمەت تەرەپتە ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ئىنكاسلار يېزىلدى. بۇ ئىنكاسلاردا خىتايدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەۋج ئالغان پارىخورلۇق، چىرىكلىك قىلمىشلىرىنىڭ پۇقرالارنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئىتىنىلا ۋەيران قىلىپ قالماستىن بەلكى پۇقرالارنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىنى كاپالەتسىز ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويغانلىقى بايان قىلىنىپ، خەلقنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقى ئىپادىلەنگەن.