خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 18-قۇرۇلتىيىدا رەھبەرلىك ئۆزگىرىشى بولغاندىن كېيىن، 2013-يىلى 3-ئايدا دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئۆتكۈزۈۋالىدىغان خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ يېڭى سېكرېتارى شى جىڭپىڭ خىتايدىكى ئەڭ ئالىي ھوقۇق ئورگىنى بولغان سىياسىي بيۇرودا بەزى تەڭشەشلەرنى ئېلىپ باردى. بىراق، غەرب ئانالىزچىلىرى خىتايدىكى بۇ يېڭى ئۆزگىرىشنىڭ دېموكراتىيە ياكى يۇمشاق سىياسەت بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى، خىتايدىن كۈتۈلگەن دېموكراتىيە ئۈمىدىنىڭ سۇغا چىلاشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ 20-نويابىردىكى «سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ دەرىجىسى تۆۋەنلىدى، مەركىزى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى مۇلايىملاشتى» ناملىق خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتايدىكى ساقچى، ئەدلىيە، تەپتىش ئورگانلىرىنى ئىدارە قىلىدىغان سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى جوۋ يۇڭكاڭ ھوقۇقىدىن قالدۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى مىڭ جيەنجۇ مەسئۇل بولغان. خىتاي مەركىزى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ رەھبىرىمۇ ئالماشتۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ مەسئۇللۇقىغا شەنشى ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى جاۋ لېجى تەيىنلەنگەن.
جوۋ يۇڭكاڭ خىتايدىكى خەلق نارازىلىقى ۋە قارشىلىقىنى باستۇرۇشتا شەپقەتسىزلىك قىلىش بىلەن داڭ چىقارغان شەخس. ئۇنىڭ ئورنىنى ئىگىلىگەن مىڭ جيەنجۇ بولسا، باستۇرۇشلارنى بىۋاسىتە ئىجرا قىلغان تېخىمۇ رەھىمسىز ئادەم. فرانسىيە ئاۋازى رادىئوسىنىڭ 20-نويابىردىكى «مىڭ جيەنجۇ سىياسىي قانۇن كومىتېتىنى قولىغا ئالدى، ئۇ قاتتىق باستۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداشتا كەڭ قورساقلىق قىلمايدۇ» ناملىق خەۋىرىدە يېزىلىشىچە، مىڭ جيەنجۇ 2009-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن دەرھال ئۈرۈمچىگە يېتىپ كېلىپ، نامايىشچى ئۇيغۇرلارنى قانلىق باستۇرۇپ خىزمەت كۆرسەتكەن خىتاي ئەسكەر، ساقچىلىرىدىن، قوراللىق قىسىم ۋە بىڭتۇەندىن ھال سورىغان ۋە ئۇلارغا يوليورۇق بەرگەن.
خوڭكوڭلۇق ئوبزورچى لىن خېلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دۆلەت ئاپپاراتىدا ۋە قانۇن ساھەسىدە رەھبەر ئالمىشىشنىڭ خىتايدىكى مۇستەبىت سىياسەتنىڭ يۇمشىشى بىلەن ھېچ ئالاقىسى يوق. كونا-يېڭى خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ھېچ بىرىدە سىياسىي ئىسلاھات ئىدىيىسى ياكى جۈرئىتى مەۋجۇت ئەمەس. خەلقنىڭ نارازىلىقى بۇندىن كېيىنمۇ ئوخشاشلا رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇلىدۇ. خەلقنى زورلۇق كۈچلىرىگە تايىنىپ قاتتىق باستۇرۇش ئارقىلىق مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىشتا بارلىق خىتاي ئەمەلدارلىرى پىكىر بىرلىكىگە ئىگە. خىتايدا سىياسەتنىڭ يۇمشىشىدىن ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدۇ.
د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي سىياسىي قانۇن كومىتېتىغا مەسئۇل بولغان مىڭ جيەنجۇ 5-ئىيۇل ۋەقەسىنى قانلىق باستۇرۇشقا بىۋاسىتە قوماندانلىق قىلغان شەخسلەرنىڭ بىرى. خىتاينى مەيلى خۇ جىنتاۋ ياكى شى جىنپىڭ باشقۇرسۇن، قانۇن ساھەسىنى مەيلى مىڭ جيەنجۇ ياكى جوۋ يۇڭكاڭ سورۇسۇن، بۇنىڭ ئۇيغۇر مىللىي مەنپەئىتى بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق. ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرمىگۈچە، ئۈستىدىكى زۇلۇم تاغلىرى يىقىلمايدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، سىياسىي ئانالىزچىلار خىتاي يېڭى رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، دېموكراتىيىگە ئۆتۈشىگە توسالغۇ بولىدىغان تۆۋەندىكى بىرقانچە زور ئامىلنى تىلغا ئالماقتا.
خىتاي رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ ئۇرۇق-جەمەتىنىڭ ھەممىسىلا زور مىقداردىكى پايچېكى ئىگىلىرى ۋە ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى چوڭ زاۋۇتلارنىڭ خوجايىنلىرى، سودا ساھەسىنىڭ ھۆكۈمرانلىرى بولۇپلا قالماي، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ جان تومۇرىنى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان كىشىلەر. ئۇلارنىڭ مەنپەئىتىگە چىقىلغىلى بولمايدۇ. سىياسىي ئىسلاھاتقا ئۇلارنىڭ ھەممىسى چىش-تىرنىقىغىچە قارشى.
سىياسىي ئىسلاھات نۆۋەتتىكى ھاكىمىيەتنىڭ ئاكتىپ ھىمايىچىلىرى بولغان خىتايدىكى يۈزمىڭلىغان مىليونېرلارنىڭ چەتئەلگە قېچىش دولقۇنىنى يەنىمۇ بىر بالداق يۇقىرى دەرىجىگە كۆتۈرۈۋېتىدۇ. بۇ ھال خىتاي ئىقتىسادى ئۈچۈن زور زەربە بولۇپلا قالماي، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈنمۇ بىر ۋەھىمە پەيدا قىلىدۇ.
سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىپ دېموكراتىك بىر تۈزۈم ئورنىتىلسا، ھەقسىزلىققا ئۇچرىغان مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ دەۋاسىنى ھەل قىلىشقا، 4-ئىيۇل تيەنئەنمېن ۋەقەسىگە ئوخشاش دېموكراتىك ھەرىكەتلەردە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارغا تۆلەم تۆلەشكە، بارلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى ئاقلاشقا مەجبۇر بولىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسى كومپارتىيىنى ھالاك قىلىش بىلەنلا چەكلەنمەستىن، كومپارتىيە رەھبەرلىرىنى قانۇننىڭ جازاسىغا تارتىدىغان دەرىجىگە ئېلىپ كېلىدۇ.
خىتايدىكى سىياسىي ئىسلاھات خىتاينىڭ يۇقىرى-تۆۋەن ھوقۇق ساھەسىگە يامرىغان ماۋ زېدۇڭپەرەس، دىڭ شاۋپىڭپەرەس، جاڭ زېمىنپەرەس، خۇ جىنتاۋپەرەس ھوقۇقدارلارنىڭ ھاكىمىيەت ساھەسىدىن ئۈزۈل-كېسىل سۈپۈرۈپ تاشلىنىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈنمۇ خىتايدىكى ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسىلا سىياسىي ئىسلاھاتقا تۈپتىن قارشى.