ئۇيغۇر دىيارىدىكى قاتتىق باستۇرۇش ھەرىكىتى توغرىسىدا ئىنكاسلار

ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋغۇست ئېيىدا قەشقەر ۋە كۇچارلاردا توختاۋسىز داۋام قىلدۇرغان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتى "تېررورىستىك ھەرىكەت" دەپ ئاتىغان بولسىمۇ، ئەمما غەرب مەتبۇئاتلىرى ئۇنى " 2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىكى شەنىگە قارا تامغا ئۇرغۇچىلار"، "مۇستەقىللىق جەڭچىلىرى"ئىگىلىك ھوقۇق كۈرەشچىلىرى" دېگەندەك ناملاردا ئاتاپ خەۋەر، ماقالىلار ئېلان قىلىپ، خىتاي بىلەن غەرب ئەللىرىنىڭ ئۇيغۇر قارشىلىق كۈچلىرىگە بولغان باھالىرىدىكى پەرقنى روشەن ئەكىس ئەتتۈرگەن ئىدى.

0:00 / 0:00

يوللۇق ئىنكاس

ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرى بولسا، بۇ قارشىلىقلارغا خىتاي زۇلۇمى سەۋەبچى بولغانلىقىنى، خىتاينىڭ بۈگۈنكى قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى مەسىلە ھەل قىلىشنىڭ يولى ئەمەسلىكىنى ئىزاھلىماقتا ۋە خىتاينى، ئۇيغۇر - خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مەۋجۇد مەسىلىلەرنى ئېتىراپ قىلىپ، بۇنى ھەل قىلىشنىڭ چارىلىرى ئۈستىدە ئىزدەنمىسە، بۇ خىل قارشىلىقلارنىڭ يەنە يۈز بېرىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتمەكتە.

بىر قىسىم خىتاي زىيالىيلىرى ۋە خىتاي مەتبۇئاتلىرىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ قارشىلىقلىرىنىڭ چەكتىن ئېشىپ كەتكەن خىتاي زۇلمىغا قارشى يوللۇق ئىنكاس ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. خوڭكوڭدا چىقىدىغان "قۇياش گېزىتى" دە ئېلان قىلىنغان لىن خېلىنىڭ "بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئولىمپىكتىن كېيىن شىنجياڭ، تىبەت قىيىنچىلىقىنى قانداق ھەل قىلىدۇ؟" ناملىق ماقالىسىدە، بۇ خىل قاراش ئىلگىرى سۈرۈلۈش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ مىللىي سىياسىتىنىڭ كرىزىسقا پاتقانلىقى ۋە بۇ كرىزىستىن زورلۇق ۋاسىتىلىرىغا تايىنىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

باستۇرۇش دولقۇنى

31 - ئاۋغۇست - كۈنى گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىدا ئاڭلىتىلغان "ئولىمپىكتىن كېيىنكى دەۋىردىكى جۇڭگو" ناملىق ماقالىدە، لىن خېلىنىڭ سۆزى نەقىل ئېلىنىپ مۇنداق دېيىلگەن: "بېيجىڭ ئولىمپىكى گەرچە تاشقى مۇناسىۋەتنى نىسبەتەن ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئىچكى جەھەتتە خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلىكلەرنىڭ زىددىيىتىنى ئۆتكۈرلەشتۈرۈۋەتتى."

ماقالە ئاپتورى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئولىمپىكتىن كېيىن ئۇيغۇر دىيارىدا يولغا قويغان قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى ھەققىدە توختالغاندا، بۇ باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ قورقۇنۇچلۇق ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىش ئېھتىمالىدىن ئەنسىرەپ مۇنداق دېگەن "مەركەز ئاتالمىش شەرقىي تۈركىستان تېررورچىلىرىغا زەربە بېرىش بىلەن بىرگە، ئوڭچى، سولچىلارغا قارشى تۇرۇش دېگەندەك زور سىياسىي ھەرىكەت قوزغاپ، خاتا ئۆلتۈرۈلسىمۇ مەيلى، قېچىپ كەتمىسۇن، بىرنى ئۆلتۈرۈپ، مىڭغا ئىبرەت بېرىلسۇن دەيدىغان قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى يۈرگۈزەمدۇ - قانداق؟"

تالان - تاراجلار

ماقالىدە يەنە، پۈتكۈل ئۇيغۇرنىڭ زەربە نىشانىغا ئايلىنىپ قالغانلىقى كۆرسىتىلىپ مۇنداق دېيىلگەن "شىنجاڭدىكى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن قارشىلىشىۋاتقان مۇتلەق كۆپ قىسىم يەر ئاستى تەشكىلاتلىرى ۋە زىيالىيلار مەسىلىسى بىلەن، شەرقىي تۈركىستان، تېررورىزم دېگەنلەر ئەسلىدە ئوخشىمايدىغان ئىككى ئىش ئىدى."

لىن خېلى "بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئولىمپىكتىن كېيىن شىنجاڭ، تىبەت قېيىنچىلىقىنى قانداق ھەل قىلىدۇ" ناملىق ماقالىسىدە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى خىتاي زۇلۇمىنىڭ ھەر تۈرلۈك قارشىلىقلارغا يول ئېچىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ كېلىپ "بۇ يىل دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئۈچ چوڭ نېفىت شىركىتى شىنجاڭدا بۆسۈش خاراكتېرلىك مەنپىئەتكە ئېرىشتى. لېكىن بۇنىڭ يەرلىك ئۇيغۇرلارغا جىنچىراغ ياققانچىلىكمۇ پايدىسى بولمىدى." دەپ يازغان.

گەرچە بۇ ماقالىدە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىككى چوڭ ئەمەلدارنىڭ ئولىمپىك مەزگىلىدە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغان "قاتتىق قول بولۇش" لايىھىسىنى رەت قىلغانلىقى تەكىتلەنگەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنمىغان.

"بېسىم بار يەردە، قارشىلىق بولىدۇ"

چەت`ئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە جامائىتى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندىن بۇيان يولغا قويۇۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلەۋاتقان مۇشۇ پەيتلەردە، بەزى چەتئەللىك زىيالىيلارمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن نەپرەتلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى ۋە بۇ خىل قارشىلىقنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىشىغا تىلەكداش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

گېرمانىيىدىكى تۈرك زىيالىيسى جۈنەيت ئەپەندى يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇندىن مىڭ يىللار ئىلگىرىكى شان - شەرەپ ۋە غورۇرلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ئىنتىزار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

تۈرك زىيالىيسى بىرگۈل خانىممۇ، ئۆزلىرىنىڭ باتۇر ئۇيغۇر جەڭچىلىرىگە ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى ۋە بۇ يولدا شېھىد بولغانلارنىڭ ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن، جانابىي ئاللاھتىن خەيرلىك تىلەيدىغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭمۇ ھۆر - ئازات ياشىشىنى خالايدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئانالىزچىلار، ئاۋغۇست ئېيىدا خىتايغا ئالتۇن مېدال بەخىش ئەتكەن شەرەپتىن، ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرى تەقدىم قىلغان ھاقارەتنىڭ تېخىمۇ ئېغىر سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىشماقتا. بۈگۈن ئۇيغۇر دىيارىدا داۋام قىلىۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ، ئۇيغۇرلارنى يەنىمۇ زور قارشىلىقلارغا مەجبۇرلايدىغانلىقىنى تەكىتلەشمەكتە.